ھاباككۇك
1
ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
 
ھاباككۇكنىڭ داد-پەريادلىرى
ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟
مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن،
بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن.
سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن،
نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟
چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛
جەڭگى-جېدەللەر بار،
دەۋالار كۆپەيمەكتە.
شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى،
ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛
چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛
شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ.
 
خۇدانىڭ جاۋابى
ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار!
چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى،
بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار. روس. 13‏:41
چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛
ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن،
ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛ «مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن،... ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ» ــ كالدىيلەر پەقەت 20 يىل ئىچىدىلا نەزەرسىز بىر ئەلدىن، بابىل شەھىرىنى (كېيىن كالدىيلەر «بابىللىقلار» دەپ ئاتالغان)، نىنەۋە شەھىرىنى ۋە مىسىرنى ئىشغال قىلغان قورقۇنچلۇق بىر ئىمپېرىيەگە ئايلاندى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 615-595-يىللار). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛ «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى تېكىستتىن مۇشۇ ئايەتنى چۈشىنىش سەل تەس. ئەسلى جۈملىنى سۆزمۇسۆز ئالساق «ئۇلاردىن چىققان ھۆكۈم ۋە ھەيۋە ئۆزلىكىدىندۇر» ــ  يەنى خۇدادىن ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقماي، نېمىنى خالىسام شۇنداق قىلىمەن، دەيدىغانلار.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك،
كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛
ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛
ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ،
ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،
ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ. «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،... » ــ ياكى «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى «شەرق شامىلى»دەك ئالغا باسىدۇ،...». بۇ جۈملىنىڭ يەنە بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار.
10 بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ،
ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛
ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ،
چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ. «ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار سېپىلنىڭ يېنىغا چوڭ بىر دۆڭ ياساپ سېپىلدىن ئارتىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ. بابىللىقلارنىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپ بولغاچقا، مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغان.
11 شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ،
ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛
ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ. «شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ ئۇ شۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ، گۇناھكار بولىدۇ».
 
پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا بولغان جاۋابى
12 سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟
بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛
سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛
سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى بىزگە ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن. «سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن» ــ ياكى «ئۇنى جازايىڭغا ئۇچراشقا بېكىتكەنسەن».
13 سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى،
رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛
ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن،
رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟
14 سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك،
خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛ «سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن» ــ ئەسلىدە خۇدا ئىنساننى ياراتقاندا، ئىنسان توغرۇلۇق «ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلار... ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلارنى... باشقۇرسۇن» دېگەنىدى. ھازىر خۇدا زالىملارنىڭ ئىنسانلارنى بېلىقلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
15 شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ،
ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ،
ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛ «شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەسىرلەرنى كالپۇكلىرىدىن ئىلمەك (ياكى چاڭگاك) ئۆتكۈزۈپ، يېتىلەپ ماڭىدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى؛ كېيىنكى ئىمپېرىيە (بابىل)نىڭ پادىشاھلىرى بەلكىم ئوخشاش ئادەتتە بولغان بولسا كېرەك.
16 ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ،
يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ،
چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول،
نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى.
17 ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە،
شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟
 
 

1:5 روس. 13‏:41

1:6 «مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن،... ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ» ــ كالدىيلەر پەقەت 20 يىل ئىچىدىلا نەزەرسىز بىر ئەلدىن، بابىل شەھىرىنى (كېيىن كالدىيلەر «بابىللىقلار» دەپ ئاتالغان)، نىنەۋە شەھىرىنى ۋە مىسىرنى ئىشغال قىلغان قورقۇنچلۇق بىر ئىمپېرىيەگە ئايلاندى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 615-595-يىللار). «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.

1:7 «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى تېكىستتىن مۇشۇ ئايەتنى چۈشىنىش سەل تەس. ئەسلى جۈملىنى سۆزمۇسۆز ئالساق «ئۇلاردىن چىققان ھۆكۈم ۋە ھەيۋە ئۆزلىكىدىندۇر» ــ  يەنى خۇدادىن ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقماي، نېمىنى خالىسام شۇنداق قىلىمەن، دەيدىغانلار.

1:9 «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ،... » ــ ياكى «ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى «شەرق شامىلى»دەك ئالغا باسىدۇ،...». بۇ جۈملىنىڭ يەنە بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار.

1:10 «ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلار سېپىلنىڭ يېنىغا چوڭ بىر دۆڭ ياساپ سېپىلدىن ئارتىلىپ بۆسۈپ كىرىدۇ. بابىللىقلارنىڭ ئەمگەك كۈچى كۆپ بولغاچقا، مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى كۆپ قوللانغان.

1:11 «شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇنداق قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ روھى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ ئۇ شۇ يەرلەردىن ئۆتۈپ، گۇناھكار بولىدۇ».

1:12 «سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن» ــ ياكى «ئۇنى جازايىڭغا ئۇچراشقا بېكىتكەنسەن».

1:14 «سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن» ــ ئەسلىدە خۇدا ئىنساننى ياراتقاندا، ئىنسان توغرۇلۇق «ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلار... ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلارنى... باشقۇرسۇن» دېگەنىدى. ھازىر خۇدا زالىملارنىڭ ئىنسانلارنى بېلىقلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈشىگە يول قويۇۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

1:15 «شۇ كالدىي كىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئەسىرلەرنى كالپۇكلىرىدىن ئىلمەك (ياكى چاڭگاك) ئۆتكۈزۈپ، يېتىلەپ ماڭىدىغان رەھىمسىز ئادىتى بار ئىدى؛ كېيىنكى ئىمپېرىيە (بابىل)نىڭ پادىشاھلىرى بەلكىم ئوخشاش ئادەتتە بولغان بولسا كېرەك.