ھاگاي
1
بىرىنچى ۋەھىي ۋە خەلقنىڭ ئىنكاسى
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ «دارىئۇس پادىشاھ»، يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىللار). بۇ كۈن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، 29-ئاۋغۇست ئىدى. «ئالتىنچى ئاي» ــ مۇقەددەس كىتابتا يىل، ئايلار تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ («تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ). «ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت بولاتتى، يېرۇسالېمدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەلكىم ئاز بولمىسا كېرەك. «باش كاھىن يەشۇئا» ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ. «بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى 15 يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى، بىراق خەلق باشقا ئەللەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، قۇرۇش خىزمىتىدىن قول تارتقانىدى («ئەزرا»، 3-5-بابلارنى كۆرۈڭ).
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟ «تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلار» ــ «تاختايدىن بېزەلگەن» دېگەن بۇ سۆز تەۋراتتا پەقەت سۇلايمان قۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بېزىلىشى ۋە «يەھوئاھاز پادىشاھ»نىڭ ئوردىسىنىڭ بېزىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، خەلقلەر بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 15 يىل ئىلگىرى تەييارلىغان ياغاچنى ھازىر ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى بار ئىدى: (1) خۇدانىڭ ئۆيىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش؛ (2) خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچنى ئۆز ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش.
مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار!
تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛
يەيسىلەر، بىراق تويمايسىلەر؛
ئىچىسىلەر، بىراق قانمايسىلەر؛
كىيىسىلەر، بىراق ھېچقانداق ئىللىمايسىلەر؛
ئىش ھەققى ئالغۇچى بولسا،
خۇددى ئىش ھەققىنى تۆشۈك ھەميانغا سالغانغا ئوخشاشتۇر. قان. 28‏:38؛ مىك. 6‏:14، 15.
ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار!
تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ
ــ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ خارابە بولغىنىغا قارىماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى سېلىشقا يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر.
10 شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛ «شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ» ــ شەبنەم، بولۇپمۇ 8- ۋە 9-ئايدا پىشىدىغان مېۋە ياكى ئاشلىقنى يېگىلەشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.   قان. 28‏:23
11 مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم. «مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، ... قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم» ــ «قۇرغاقچىلىق» ( ئىبرانىي تىلىدا «خورەب») ھەم «خارابە» دېگەنلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر ــ خۇدانىڭ ئۆيى «خارابە» بولسا، ئۇلارغا «خورەب» (قۇرغاقچىلىق) بولىدۇ.
12 شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى.
13 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ:
ــ «مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېدى. 14 ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى.
15 بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى. «بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى» ــ ھاگاي بېشارەت بېرىپ، خەلق خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىش باشلىغۇچە 23 كۈن ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ھوسۇل يىغىدىغان پەسىل بولغاچقا، ئىش بەلكىم ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان.
 
 

1:1 «دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ «دارىئۇس پادىشاھ»، يەنى «دارىئۇس خىسپاستېس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 521-485-يىللار). بۇ كۈن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، 29-ئاۋغۇست ئىدى. «ئالتىنچى ئاي» ــ مۇقەددەس كىتابتا يىل، ئايلار تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ كونا كالېندارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ («تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ). «ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى» ــ ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيت بولاتتى، يېرۇسالېمدا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشىلەر بەلكىم ئاز بولمىسا كېرەك. «باش كاھىن يەشۇئا» ــ «كاھىن» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم.

1:2 «بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى 15 يىل ئىلگىرى باشلانغانىدى، بىراق خەلق باشقا ئەللەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ، قۇرۇش خىزمىتىدىن قول تارتقانىدى («ئەزرا»، 3-5-بابلارنى كۆرۈڭ).

1:4 «تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلار» ــ «تاختايدىن بېزەلگەن» دېگەن بۇ سۆز تەۋراتتا پەقەت سۇلايمان قۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ بېزىلىشى ۋە «يەھوئاھاز پادىشاھ»نىڭ ئوردىسىنىڭ بېزىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، خەلقلەر بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى قۇرۇشقا 15 يىل ئىلگىرى تەييارلىغان ياغاچنى ھازىر ئۆز ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىككى گۇناھى بار ئىدى: (1) خۇدانىڭ ئۆيىنى قۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش؛ (2) خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان ياغاچنى ئۆز ئۆيلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش.

1:6 قان. 28‏:38؛ مىك. 6‏:14، 15.

1:10 «شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ» ــ شەبنەم، بولۇپمۇ 8- ۋە 9-ئايدا پىشىدىغان مېۋە ياكى ئاشلىقنى يېگىلەشتىن ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

1:10 قان. 28‏:23

1:11 «مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، ... قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم» ــ «قۇرغاقچىلىق» ( ئىبرانىي تىلىدا «خورەب») ھەم «خارابە» دېگەنلەر بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر ــ خۇدانىڭ ئۆيى «خارابە» بولسا، ئۇلارغا «خورەب» (قۇرغاقچىلىق) بولىدۇ.

1:15 «بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى» ــ ھاگاي بېشارەت بېرىپ، خەلق خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىش باشلىغۇچە 23 كۈن ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ھوسۇل يىغىدىغان پەسىل بولغاچقا، ئىش بەلكىم ھوسۇلنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن باشلانغان.