«گۇناھ يوق ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر چۈشەنچىسى: «(مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىمكى كېلىشى) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەندەك. ■رىم. 5:6، 8؛ 1پېت. 3:18.
■9:2 مىس. 26:1؛ 36:1؛ لاۋ. 24:5.
□9:3 «ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان يەنە بىر چېدىر بۆلۈمى» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەسلەرنىڭ مۇقەددىسى».
□9:4 «ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك» ــ «ماننا» خۇدا چۆل-باياۋاندا ئىسرائىللارغا بەرگەن «ئاسماندىكى نان» ــ «مىس.» 31:16كە قارالسۇن. «ھارۇننىڭ بىخ سۈرگەن ھاسىسى» ــ خۇدا ھارۇننى يېتەكچى قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاسىسىنى بىخلاتقانىدى («چۆل.» 16-17-بابنى كۆرۈڭ. «ئىككى ئەھدە تاش تاختىسى» ــ بۇلارنىڭ ئۈستىگە «ئون پەرمان» ياكى «ئون پەرھىز» يېزالغانىدى («مىس.» 18:31 ۋە 28:34نى كۆرۈڭ.
■9:4 مىس. 25:10؛ 34:29؛ چۆل. 17:25؛ 1پاد. 8:9؛ 2تار. 5:10.
□9:5 «كافارەت تەختى» ــ ياكى «رەھىمگاھ» ياكى «رەھىم كۆرسىتىدىغان تەخت». «مىس.» 22:25-34نى كۆرۈڭ. ««كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىگە شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى» ــ بۇ ئىشلار توغرىسىدا «مىس.» 10:25-22، 6:37-9نى كۆرۈڭ. «ئەمدى بۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىشنىڭ ھازىر ۋاقتى ئەمەس» ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان نىجاتتىن «بېشارەت بېرىدىغان كۆلەڭگە» ئىدى. بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرگە ۋە 5:8كە قارىغاندا، شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ھەتتا بۇ كونا ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىچىككىنە تەپسىلاتلىرىمۇ «بېشارەتلىك كۆلەڭگە» ياكى «سىمۋول» ئىدى. «ماننا» ئۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. «يۇھ.» 30:6-35دە ئەيسانىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈڭ («رىم.» 4:14، «كول.» 16:2-17نىمۇ كۆرۈڭ). خۇدا بۇيرۇسا بۇ ئۇلۇغ ۋە قىزىق نۇقتىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىدىغان كىتابچىنى كېيىن چىقارماقچىمىز.
■9:5 مىس. 25:22.
■9:6 چۆل. 28:3.
■9:7 مىس. 30:10؛ لاۋ. 16:2،34؛ ئىبر. 9:25.
□9:8 «بۇ بىرىنچى ئىبادەت چېدىرىدىكى تۈزۈم ئىناۋەتلىك بولۇپ تۇرسىلا» ــ «بىرىنچى ئىبادەت چېدىرى» دېگەن سۆز چېدىرنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى (ئۇنىڭدا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ.
■9:8 يـۇھ. 14:6.
■9:10 لاۋ. 11:2؛ چۆل. 19:7-22.
■9:11 ئىبر. 3:1؛ 4:14؛ 6:20؛ 8:1.
□9:12 «ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئۇ (ئۆزىلا مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجاتنى ئىگىلىگەن بولۇپ) بىر يولىلا مەڭگۈگە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىردى» ــ «مەڭگۈلۈك ھۆرلۈك-نىجات» بولسا گۇناھلاردىن بولغان ئازادلىق-نىجاتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىھنىڭ ئىگىلىگىنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بارلىق ئىنسانلار (ئېتىقاد قىلغان بولسا) ئۈچۈن، ئەلۋەتتە.
■9:12 روس. 20:28؛ ئەف. 1:7؛ كول. 1:14؛ ئىبر. 10:10؛ 1پېت. 1:19؛ ۋەھ. 1:5؛ 5:9
■9:13 لاۋ. 16:14؛ چۆل. 19:4؛ ئىبر. 10:4.
□9:14 «ئۇنداقتا، مەڭگۈلۈك روھ ئارقىلىق ئۆزىنى غۇبارسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىغان مەسىھ...» ــ «مەڭگۈلۈك روھ» مۇقەددەس روھ، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى.
■9:14 لۇقا 1:74؛ رىم. 6:13؛ گال. 1:4؛ 2:20؛ ئەف. 5:2؛ تىت. 2:14؛ 1پېت. 4:2؛ 1يۇھ. 1:7؛ ۋەھ. 1:5.
□9:15 «ئىنسانلارنىڭ ئاۋۋالقى ئەھدە ئاستىدا سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۈچۈن ئازادلىق بەدىلى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئۆلۈم بولغانىكەن» ــ «شۇنداق بىر ئۆلۈم» ــ مەسىھنىڭ ئۆلۈمى، ئەلۋەتتە.
■9:15 رىم. 5:6؛ 1پېت. 3:18.
□9:17 «17-16-ئايەت» ــ ياكى «چۈنكى ئەھدە تۈزۈلسە، ئەھدە تۈزۈلگۈچى قۇربانلىق ئۆلۈشى كېرەك. ئەھدە قۇربانلىقى قىلىنغۇچى ئۆلىسە، ئەھدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ قۇربانلىق تېخى ھاياتلا بولسا، ئەھدە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ».
■9:17 گال. 3:15.
□9:20 «مانا، بۇ خۇدا سىلەرنىڭ ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر» ــ دېمەك، ئەھدە بۇ قان ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان. «مىس.» 5:24-8نى كۆرۈڭ.
■9:20 مىس. 24:8؛ مات. 26:28.
□9:24 «ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جاي» ــ «مۇقەددەس جاي» گرېك تىلىدا «مۇقەددەس جايلار» دېيىلىدۇ ــ «مۇقەددەس جاي» ئاندىن «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېمەكچى.
■9:25 مىس. 30:10؛ لاۋ. 16:2،34؛ ئىبر. 9:7.
□9:28 «مەسىھ... ئۆزىنى تەلپۈنۈپ كۈتكەنلەرگە گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» ــ «گۇناھنى يوق قىلغان ھالدا» گرېك تىلىدا «گۇناھ يوق ھالدا». بىزنىڭچە «گۇناھ يوق ھالدا» دېگەن ئىبارە مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن ئەمەس (چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېنىق)، بەلكى ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئۆزىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشىنى تۈگىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. «گۇناھ يوق ھالدا نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر چۈشەنچىسى: «(مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىمكى كېلىشى) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجات كەلتۈرۈشكە ئىككىنچى قېتىم ئاشكارە بولىدۇ» دېگەندەك.
■9:28 رىم. 5:6، 8؛ 1پېت. 3:18.