ھوشىيا
1
1-قىسىم •••• ھوشىيا پەيغەمبەرنىڭ پاھىشە بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشى
پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ «يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا...» ــ «ئىسرائىل» بۇ كىتابتا ئادەتتە ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ھوشىيانىڭ بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر. بەزى ۋاقىتلاردا «ئىسرائىل» تولۇق ئون ئىككى قەبىلە (جۈملىدىن يەھۇدا)نى ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىزاھلاپ قويىمىز.
بۇ كىتابتا ئىسرائىلنىڭ يەروبوئامدىن كېيىنكى پادىشاھلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. پەيغەمبەر بەلكىم ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.
پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ
پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى. «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن» ــ بالىلار تېخى تۇغۇلمىغانىدى. بىراق ئۇنىڭ كېيىن تۇغۇلغان ئۈچ بالىسىدىن ئىككىسى گومەرنىڭ پاھىشىلىكىدىن بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى.
 
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن» ــ «يىزرەئەل» «خۇدا تېرىغان» ياكى «خۇدانىڭ تېرىغىنى» دېگەن مەنىدە، ۋە يەنە «خۇدا تارقىتىدۇ» دېگەن مەنىدە.
ئىسرائىلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «يىزرەئەل» دېگەن جىلغىدا دەھشەتلىك بىر قىرغىنچىلىق بولغان. يەھۇ ئىسىملىك بىر سەردار ئىسرائىلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھى يەھورامنى ۋە ئوردىدىكىلەرنى، جۈملىدىن رەزىل خانىش يىزەبەلنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىشلار خۇدانىڭ يەھورام ئۈستىگە بولغان جازاسى بولغىنى بىلەن، يەھۇ ئۇچىغا چىققان قانخور ئادەم بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان جازالىق ۋەزىپىسىدىن ھالقىپ نۇرغۇن گۇناھسىز ئادەملەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. گەرچە بۇ ئىش 100 يىل ئىلگىرى بولغان بولسىمۇ، ئىسرائىل ئۇنىڭ گۇناھلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان (تەۋرات، «پادىشاھلار» 9-10-باب). «يىزرەئەل» جىلغىسى گىدېئون ھاكىم بولغان ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ شانلىق بىر غەلىبىسىنىڭ سورۇنى ئىدى («ھاك.» 6-7-باب)، بۇ جاي يەھۇنىڭ ۋاقتىدا قىرغىن سورۇنى بولغان، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سورۇنى بولىدۇ.
ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن». «مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يىزرەئەل جىلغىسىنى ئىشغال قىلىپ، بارلىق شىماللىقلارنى، جۈملىدىن گىلېئاد ۋە گالىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. شۇ ۋەقەلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىي كۈچى («ئوقياسى») سۇندۇرۇۋېتىلدى.
 
گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن»... دېدى ــ «لو-رۇھاماھ» «رەھىم قىلىنمىغان (قىز)» دېگەن مەنىدە.

«گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى». بۇ ئايەتتە 3-ئايەتتىكىگە ئوخشاش «ئۇنىڭىن ... تۇغدى» دېگەن بىر ئىبارە بولمىغاچقا «لو-رۇھاماھ» ھوشىيانىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىدى.
بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى. «بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ بۇ بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىنىڭ يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداق بولسىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاسۇرىيەنى (دەرۋەقە ھېچ جەڭ بولمايلا) يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى). بۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، پەرۋەردىگار «پەرۋەردىگار ئارقىلىق» بۇ ئىشنى قىلىدۇ. دېمەك «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نىڭ ئۆزىنى خۇدا دېيىشكە بولىدۇ. باشقا يەردە سۆھبەتلەشكىنىمىزدەك، ئىشىنىمىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەل خۇدانىڭ «كالامى» ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر («يەش.» 36-38-بابلارنى كۆرۈڭ). مەزكۇر بېشارەتنىڭ بىر نەتىجىسى بەلكىم ئىسرائىلدا تۇرغان بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر يەھۇدا زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك.
گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛ رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە پەرۋەردىگار بولمايمەن» دېدى. «رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن»... دېدى» ــ «لو-ئاممى» «مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم گومەرنىڭ بالىسىنىڭ باشقا ئەردىن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك خۇدا ئالدىدا ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار بولمايمەن» (ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن بولمايمەن» ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» بولمايمەن») دېگەن ئىبارە، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان ئۆز نامىنى، يەنى «ياھۋەھ» («مەن ئۆزۈمدۇرمەن»)نى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، «مەن سىلەردىن خەۋەر ئالىدىغان خۇدايىڭلار بولمايمەن».
 
ھوشىيا ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندىكى بەختى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ
10 ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «سىلەر تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. يار. 32‏:11؛ رىم. 9‏:25، 26 11 ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! (مېنىڭ خەلقىم!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! (رەھىم قىلىنغان!)» ــ دەڭلار! «تۇرغان زېمىن» ــ ئىسرائىللار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىن بولسا كېرەك. «تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ» ــ ياكى «تۇرغان زېمىندا ياشىنىدۇ». «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ــ بۇ كۈننىڭ نېمە ئىكەنلىكى 14:2-23ئايەتتە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.   يەش. 11‏:13؛ يەر. 3‏:18؛ ئ‍ەز. 37‏:16، 22؛ ئ‍ەف. 2‏:14، 15، 16
 
 

1:1 «يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا...» ــ «ئىسرائىل» بۇ كىتابتا ئادەتتە ئىسرائىلنىڭ «شىمالىي پادىشاھلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. ھوشىيانىڭ بېشارەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «شىمالىي پادىشاھلىق» توغرۇلۇقتۇر. بەزى ۋاقىتلاردا «ئىسرائىل» تولۇق ئون ئىككى قەبىلە (جۈملىدىن يەھۇدا)نى ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە ئىزاھلاپ قويىمىز. بۇ كىتابتا ئىسرائىلنىڭ يەروبوئامدىن كېيىنكى پادىشاھلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. پەيغەمبەر بەلكىم ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىقى يوق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن.

1:2 «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن» ــ بالىلار تېخى تۇغۇلمىغانىدى. بىراق ئۇنىڭ كېيىن تۇغۇلغان ئۈچ بالىسىدىن ئىككىسى گومەرنىڭ پاھىشىلىكىدىن بولغان.

1:4 «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن» ــ «يىزرەئەل» «خۇدا تېرىغان» ياكى «خۇدانىڭ تېرىغىنى» دېگەن مەنىدە، ۋە يەنە «خۇدا تارقىتىدۇ» دېگەن مەنىدە. ئىسرائىلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «يىزرەئەل» دېگەن جىلغىدا دەھشەتلىك بىر قىرغىنچىلىق بولغان. يەھۇ ئىسىملىك بىر سەردار ئىسرائىلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھى يەھورامنى ۋە ئوردىدىكىلەرنى، جۈملىدىن رەزىل خانىش يىزەبەلنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىشلار خۇدانىڭ يەھورام ئۈستىگە بولغان جازاسى بولغىنى بىلەن، يەھۇ ئۇچىغا چىققان قانخور ئادەم بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان جازالىق ۋەزىپىسىدىن ھالقىپ نۇرغۇن گۇناھسىز ئادەملەرنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. گەرچە بۇ ئىش 100 يىل ئىلگىرى بولغان بولسىمۇ، ئىسرائىل ئۇنىڭ گۇناھلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان (تەۋرات، «پادىشاھلار» 9-10-باب). «يىزرەئەل» جىلغىسى گىدېئون ھاكىم بولغان ۋاقتىدا ئىسرائىلنىڭ شانلىق بىر غەلىبىسىنىڭ سورۇنى ئىدى («ھاك.» 6-7-باب)، بۇ جاي يەھۇنىڭ ۋاقتىدا قىرغىن سورۇنى بولغان، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سورۇنى بولىدۇ.

1:5 «مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئىسرائىلنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، يىزرەئەل جىلغىسىنى ئىشغال قىلىپ، بارلىق شىماللىقلارنى، جۈملىدىن گىلېئاد ۋە گالىلىيەلىكلەرنى ئەسىرگە چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. شۇ ۋەقەلەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىي كۈچى («ئوقياسى») سۇندۇرۇۋېتىلدى.

1:6 «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن»... دېدى ــ «لو-رۇھاماھ» «رەھىم قىلىنمىغان (قىز)» دېگەن مەنىدە. «گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى». بۇ ئايەتتە 3-ئايەتتىكىگە ئوخشاش «ئۇنىڭىن ... تۇغدى» دېگەن بىر ئىبارە بولمىغاچقا «لو-رۇھاماھ» ھوشىيانىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس ئىدى.

1:7 «بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ بۇ بېشارەت بەلكىم ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنىنىڭ يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداق بولسىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاسۇرىيەنى (دەرۋەقە ھېچ جەڭ بولمايلا) يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى). بۇ ئايەتنىڭ قىزىق بىر يېرى شۇكى، پەرۋەردىگار «پەرۋەردىگار ئارقىلىق» بۇ ئىشنى قىلىدۇ. دېمەك «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»نىڭ ئۆزىنى خۇدا دېيىشكە بولىدۇ. باشقا يەردە سۆھبەتلەشكىنىمىزدەك، ئىشىنىمىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەل خۇدانىڭ «كالامى» ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر («يەش.» 36-38-بابلارنى كۆرۈڭ). مەزكۇر بېشارەتنىڭ بىر نەتىجىسى بەلكىم ئىسرائىلدا تۇرغان بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر يەھۇدا زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئولتۇراقلاشقان بولسا كېرەك.

1:9 «رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن»... دېدى» ــ «لو-ئاممى» «مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىسىم گومەرنىڭ بالىسىنىڭ باشقا ئەردىن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك خۇدا ئالدىدا ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار بولمايمەن» (ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن بولمايمەن» ياكى «مەن سىلەر ئۈچۈن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» بولمايمەن») دېگەن ئىبارە، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان ئۆز نامىنى، يەنى «ياھۋەھ» («مەن ئۆزۈمدۇرمەن»)نى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، «مەن سىلەردىن خەۋەر ئالىدىغان خۇدايىڭلار بولمايمەن».

1:10 يار. 32‏:11؛ رىم. 9‏:25، 26

1:11 «تۇرغان زېمىن» ــ ئىسرائىللار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىن بولسا كېرەك. «تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ» ــ ياكى «تۇرغان زېمىندا ياشىنىدۇ». «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ــ بۇ كۈننىڭ نېمە ئىكەنلىكى 14:2-23ئايەتتە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

1:11 يەش. 11‏:13؛ يەر. 3‏:18؛ ئ‍ەز. 37‏:16، 22؛ ئ‍ەف. 2‏:14، 15، 16