5
ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چاتاق، يەھۇدانىڭمۇ ئەھۋالى چاتاق!
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار،
تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى،
قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛
چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛
چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق،
تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر.«سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر» ــ نېمىشقا «مىزپاھ» ۋە «تابور» دېيىلىدۇ؟ ئىسرائىل ئەسلىدە بۇ جايلاردا خۇدانىڭ كۆپ ئىلتىپاتلىرىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشكەن. بۇ بېشارەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى جاي ھازىر ئەكسىچە بۇتپەرەسلىك ياكى بىرخىل ئادالەتسىزلىك يۈرگۈزۈلگەن جايلار بولۇپ قالدى.
ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛
بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن.«ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ ...» ــ بۇ ئايەتتىكى «قىرغىن-چاپقۇن» دېگەن سۆز بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە بالىلارنى قۇربانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئىشلار قانائاندىكى ئەللەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدە كۆپ كۆرۈلەتتى. باشقا خىل تەرجىمىلەرمۇ بار.
ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛
چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ،
ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر.«ئى ئەفرائىم، سەن ... پاھىشىلىك قىلدىڭ» ــ ئەفرائىمنىڭ پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ بۇتلارغا باغلىنىشى «روھىي پاھىشىلىك»كە باراۋەردۇر.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛
چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر،
ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ.ھوش. 4‏:12
ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛
ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛
يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ.ھوش. 7‏:10
ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛
بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى. «قوي، كالا پادىلىرىنى ئېلىش» ــ كۆپ قۇربانلىقلارنى قىلىشنى مەقسىتى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى،
چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛
ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ.«يېڭى ئاي» ــ ھېيت ياكى «يېڭى باشلىنىش» بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، شۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلارغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلچىلارنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، دېمەكچى. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرەزلا قىلالايمىز. تۆۋەندە، 8-15-ئايەتلەردە ئالدىنئالا ئېيتىلغان تاجاۋۇزچىلىق «يېڭى ئاي»دا باشلىنارمىكىن؟
گىبېئاھتا سۇناينى،
راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛
بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛
كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!«گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!» ــ بىنيامىن ئون ئىككى قەبىلىنىڭ بىرى، يەھۇداغا بېقىندى بولغان، «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا. بۇ بېشارەتتە ئىككى ئىمكانىيەت بار: ــ (1) يەھۇدا ئۆزى ئىسرائىلغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشىدۇ؛ نەتىجىدە ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورايدۇ (13-ئايەت) (10-ئايەتتە يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ جاھانگىرلىكى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ ئېكسپلىتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ)؛ (2) بېشارەت ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قەبلىلىرىنى ئېلىپ كەتتى: 722-يىلى پۈتكۈل ئىسرائىلنى ئىشغال قىلدى: 702-يىلى يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلدى).
بىز ئىككىنچى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا تۇتاشقان بۇ شەھەرلەر قىستاققا ئېلىنىدىغان بولسا (ھۇجۇم شىمالدىن كەلگەن ئەھۋالدا)، ئۇنداقتا ئىسرائىلنىڭ قالغان جايلىرى نېمىدېگەن قىيبىلىدىغان بولىدۇ! ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورىغاندىن كېيىن (شۇنداقلا ئاسۇرىيەگە پۇل بەرگەندىن كېيىن!)، ئۇلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.
ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛
مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم!
10 يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛
مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن.
11 ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن،
چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى.«ئەفرائىم... ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى» ــ «پاسكىنىلىق» بەلكىم بىرخىل بۇتنى كۆرسىتىدۇ.
12 شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى،
يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن.
13 ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى،
يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە،
ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى،
«جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛
بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، -
ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى.«ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى» ــ ئاسۇرىيەلىكلەر ئۆز پادىشاھىغا بەرگەن ئۇنۋاننى، يەنى «ئۇلۇغ پادىشاھ» دېگەننىڭ ئىملاسىنى ھوشىيا قەستەن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى كىنايە بىلەن «جېدەلخور پادىشاھ» (ئىبرانىي تىلىدا «يارەب پادىشاھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى دەل مۇشۇ خاراكتېردا بولغان، ئۇ باشقا ئەللەر بىلەن سوقۇشۇشقا ھەرقانداق باھانە-سەۋەبلەرنى چىقارغۇچى ئىدى.
14 چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك،
يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛
ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛
15 مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛
بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ.
 
 

5:1 «سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر» ــ نېمىشقا «مىزپاھ» ۋە «تابور» دېيىلىدۇ؟ ئىسرائىل ئەسلىدە بۇ جايلاردا خۇدانىڭ كۆپ ئىلتىپاتلىرىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشكەن. بۇ بېشارەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككى جاي ھازىر ئەكسىچە بۇتپەرەسلىك ياكى بىرخىل ئادالەتسىزلىك يۈرگۈزۈلگەن جايلار بولۇپ قالدى.

5:2 «ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن-چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ ...» ــ بۇ ئايەتتىكى «قىرغىن-چاپقۇن» دېگەن سۆز بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىچە بالىلارنى قۇربانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئىشلار قانائاندىكى ئەللەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدە كۆپ كۆرۈلەتتى. باشقا خىل تەرجىمىلەرمۇ بار.

5:3 «ئى ئەفرائىم، سەن ... پاھىشىلىك قىلدىڭ» ــ ئەفرائىمنىڭ پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ بۇتلارغا باغلىنىشى «روھىي پاھىشىلىك»كە باراۋەردۇر.

5:4 ھوش. 4‏:12

5:5 ھوش. 7‏:10

5:6 «قوي، كالا پادىلىرىنى ئېلىش» ــ كۆپ قۇربانلىقلارنى قىلىشنى مەقسىتى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

5:7 «يېڭى ئاي» ــ ھېيت ياكى «يېڭى باشلىنىش» بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، شۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلارغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلچىلارنىڭ يولى ئېچىلىدۇ، دېمەكچى. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرەزلا قىلالايمىز. تۆۋەندە، 8-15-ئايەتلەردە ئالدىنئالا ئېيتىلغان تاجاۋۇزچىلىق «يېڭى ئاي»دا باشلىنارمىكىن؟

5:8 «گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت-ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!» ــ بىنيامىن ئون ئىككى قەبىلىنىڭ بىرى، يەھۇداغا بېقىندى بولغان، «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا. بۇ بېشارەتتە ئىككى ئىمكانىيەت بار: ــ (1) يەھۇدا ئۆزى ئىسرائىلغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشىدۇ؛ نەتىجىدە ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورايدۇ (13-ئايەت) (10-ئايەتتە يەھۇدانىڭ ھۆكۈمرانلارنىڭ جاھانگىرلىكى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ ئېكسپلىتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ)؛ (2) بېشارەت ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 733-يىلى ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شىمالىي قەبلىلىرىنى ئېلىپ كەتتى: 722-يىلى پۈتكۈل ئىسرائىلنى ئىشغال قىلدى: 702-يىلى يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلدى). بىز ئىككىنچى ئىمكانىيەتكە مايىلمىز. ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا تۇتاشقان بۇ شەھەرلەر قىستاققا ئېلىنىدىغان بولسا (ھۇجۇم شىمالدىن كەلگەن ئەھۋالدا)، ئۇنداقتا ئىسرائىلنىڭ قالغان جايلىرى نېمىدېگەن قىيبىلىدىغان بولىدۇ! ئىسرائىل ئاسۇرىيەدىن ياردەم سورىغاندىن كېيىن (شۇنداقلا ئاسۇرىيەگە پۇل بەرگەندىن كېيىن!)، ئۇلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان.

5:11 «ئەفرائىم... ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى» ــ «پاسكىنىلىق» بەلكىم بىرخىل بۇتنى كۆرسىتىدۇ.

5:13 «ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى» ــ ئاسۇرىيەلىكلەر ئۆز پادىشاھىغا بەرگەن ئۇنۋاننى، يەنى «ئۇلۇغ پادىشاھ» دېگەننىڭ ئىملاسىنى ھوشىيا قەستەن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى كىنايە بىلەن «جېدەلخور پادىشاھ» (ئىبرانىي تىلىدا «يارەب پادىشاھ») دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى دەل مۇشۇ خاراكتېردا بولغان، ئۇ باشقا ئەللەر بىلەن سوقۇشۇشقا ھەرقانداق باھانە-سەۋەبلەرنى چىقارغۇچى ئىدى.