12
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ساۋاق ئېلىڭلار!
ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛
يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى.
ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر،
ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛
ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛
ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ،
شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ.«يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەھۇدا يەنىلا خۇدا بىلەن بىللە ھۆكۈمدارلىق قىلىدۇ، ئۇ پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا سادىقتۇر». بىزنىڭچە 12-باب، 2-ئايەتكە قارىغاندا بۇ خىل تەرجىمىسى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. «ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ» ــ دېمەك، ئەفرائىم گېپى تۇتۇرۇقسىز، «شامالغا باققۇچى» ئەل ئىدى. «شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ» ــ بۇ «ماي» شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛
ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛
ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ.
ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان،
ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛«ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان،...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياقۇپ» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەسلىدە: «ئۇ (خۇدا) تاپىنىڭدا بولسۇن» (دېمەك، ئۇ سەن (خۇدا) بىلەن بىللە بولسۇن)؛ بىراق ياقۇپ پەيغەمبەرگە شۇ ئىسىمنىڭ قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى: ــ (1) ئۇ ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتقان (تۇغۇلغاندا)؛ (2) بۇ ئىسىمنىڭ «ئالدامچى» دېگەن كۆچمە مەنىسى بار؛ ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئاكىسىنى ئىككى قېتىم «روھىي مىراس»تىن ئالداپ قويغان («يار.» 25-باب).
(ئاخىردا ئۇ بۇ ئالدامچىلىقتىن توۋا قىلىپ، ئاكىسىدىن ئەپۇ سورىغان «يار.» 33-بابنىمۇ كۆرۈڭ).
  يار. 25‏:26؛ 35‏:9،10
ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛
ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛
خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى،
ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛«خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى». شۇڭا باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (ياقۇپ) ئۇنى (خۇدانى) تېپىۋالدى». «ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، *ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى» ــ بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم: (1) ياقۇپ ئەسلى بىر ئالدامچى؛ (2) بىراق ئۇ ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ پەرىشتىسىدىن بەخت-بەرىكەتكە ۋە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن؛ (3) كېيىن ئۇ باشقىچە بىر ئادەم، ئېتىقادلىق، شەپقەتلىك بولۇپ چىقتى (ئىسرائىل دەپ ئاتالدى). (4) خۇدا ئەسلى بۇ ئىشلارنى «بەيت-ئەل»دە (ياقۇپنى چارقىرغان ۋاقتىدا) باشلىغان، ياقۇپقا، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىغا بەخت ئاتا قىلىدىغان ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (5) شۇڭا ئىسرائىل «بەيت-ئەل»نىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى ئەسلىشى كېرەك؛ (6) ئۇلار بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئالسۇنكى، «خۇدا مېنىمۇ (ياقۇپقا ئوخشاش) يامان ئالدامچىلىقتىن دۇرۇس، ئېتىقادلىق ئادەمگە ئۆزگەرتەلەيدۇ»؛ (7) «شۇڭا خۇدانىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇنىڭغا قايتىشىم كېرەك».
ۋەقەلەر «يار.» 25-32-بابلاردا خاتىرىلەنگەن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.
  يار. 28‏:12، 19؛ 35‏:7، 14، 15
ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!«ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ياقۇپ ئۆزى بىلەن ئېلىشقان پەرىشتىنىڭ نامىنى سورىغان. شۇ چاغدا ئۇ نامىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان. كېيىن خۇدا بۇ نامنىڭ «ياھۋەھ» (تەرجىمىمىزدە، «پەرۋەردىگار» دېيىلىدۇ) ئىكەنلىكىنى مۇسا پەيغەمبەرگە ئايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن (ياھۋەھ ــ «ئۆزگەرمەس»، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»، «ئەھدىسىگە ھەردائىم سادىق بولغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). شۇڭا بۇ نام ئىسرائىلغا ئۈمىد بېرىشى كېرەك ئىدى.
شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛
مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە،
خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن.
ئالدامچى سودىگەر
مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛
ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر.«مانا بۇ سودىگەر!» ــ «سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائان» ياكى «قانائانلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، ئەفرائىم بىر تەرەپتىن ئەسلى ئۆزى ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن بۇتپەرەس قانائانلىقلارغا ئوخشاپ قالغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ «ياقۇپ»نىڭ ئەسلىدىكى «ئالدامچى» خاراكتېرىدا بولۇپ، ھېچ ئۆزگەرتىلمىگەندۇر.
ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم،
ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛
بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ.«ئۇلار... مەندىن گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ» ــ «گۇناھىي قەبىھلىك» ــ دېمەك، مەندە «قەبىھلىكلەر بار، بىراق ئېغىر ئەمەس، «گۇناھ ئەمەس»» دېگەن كۈلكىلىك گەپ. «مەن ئانچە يامان ئادەم ئەمەسمەن» دەيدىغان پوزىتسىيىلەر بۈگۈنگە قەدەر ھەممىمىزگە تونۇشتۇر.
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن،
مەن سېنى يەنە «كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!«بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!» ــ ««كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك» ئىبرانىي تىلىدا «ھېيتتىكى كۈنلەردىكىدەك».
«چېدىرلاردا تۇرۇش» تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۈبھىسىزكى، «كەپىلەر ھېيتى»نى كۆرسەتسە كېرەك.
ئىسرائىل «مىسىردىن چىقىش»تىكى مۇھىم ساۋاقلارنى ئۇنتۇغان. «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)دا ئىسرائىل يەتتە كۈن ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېدىرلاردا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ھېيتتىكى بۇ ئىش ئۇلارغا ئەسلىدىكى ئاجىز، كەمبەغەل باشلىنىشىنى ۋە «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزىگە تايىنىپ ياشىشى كېرەك» دېگەن مۇھىم ساۋاق توغرۇلۇق ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.
  يەش. 43‏:11
 
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى
10 «مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن،
ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن،
شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن.
11 گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر!
ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!«گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر!» ــ مۇشۇ ئايەتتە «قەبىھ» ۋە «يارىماس» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشايدايدىغان سۆزلەردۇر. «ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!» ــ ھوشىيا «گىلگال» («دۆۋە»، «دەستە»، دېگەن مەنىدە) دېگەن يەر نامى بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىدۇ ــ ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىقتۇر. ھەممە يېرىدە كۆپلىگەن قۇربانگاھلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن، گىلگال دەرۋەقە «ئېتىزدىكى تاش دۆۋىلەر»دەك بىر جاي، خالاس.

ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىلىرىمۇ بار.
  ھوش. 4‏:15؛ 6‏:8؛ 9‏:15
12 (ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى،
شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛
بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى).يار. 28‏:5؛ 29‏:20، 28
13 پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان،
پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان.«پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان» ــ مۇشۇ ئىشلار (12-14-ئايەت) ئىسپاتلايدۇكى، ئەفرائىم ئەجدادى بولغان ياقۇپنى ھەددىدىن زىيادە ئىززەتلىگەن. ئۇلارنىڭ تەمەننا قويغان «بۈيۈك ئەجداد»ى ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى (ئىسرائىل) پەيغەمبەرسىز قالغان بولسا (دېمەك، ئۇلاردا خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان بولسا) ئۇ چۆل-باياۋاندا يۈرۈۋاتقان ناھايىتى بىر «قاچقۇن» ياكى ھەتتا مىسىردىن چىقمىغان بىر «ئىشلەمچى» بولاتتى، خالاس. ئۇ ھەرگىز ئۇلۇغ بىر ئەل بولۇپ چىقمايتتى. بىراق ھازىرقى ئىسرائىل (بولۇپمۇ ئەفرائىم قەبىلىسى) خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر (ئاموس، ھوشىيا, يەشايا، مىكاھ)نى رەت قىلىپ، خۇدانى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ھاياتىنىڭ ھەر جەھەتلىرى ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان روھىي مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىدى. ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇ ئىشنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسىتىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنى سەل چاغلاش خۇدانىڭ ئۆزىنى سەل چاغلىغان بىلەن باراۋەردۇر.

ياقۇپ ئۆزى ئاخىرىدا پەيغەمبەر بولغان، ئەلۋەتتە («يار.» 48-49-بابلارنى كۆرۈڭ).
14 ئەفرائىم خۇدانىڭ قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛
ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ،
شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ.
 
 

12:1 «يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يەھۇدا يەنىلا خۇدا بىلەن بىللە ھۆكۈمدارلىق قىلىدۇ، ئۇ پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا سادىقتۇر». بىزنىڭچە 12-باب، 2-ئايەتكە قارىغاندا بۇ خىل تەرجىمىسى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. «ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ» ــ دېمەك، ئەفرائىم گېپى تۇتۇرۇقسىز، «شامالغا باققۇچى» ئەل ئىدى. «شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ» ــ بۇ «ماي» شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.

12:3 «ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان،...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «ياقۇپ» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ئەسلىدە: «ئۇ (خۇدا) تاپىنىڭدا بولسۇن» (دېمەك، ئۇ سەن (خۇدا) بىلەن بىللە بولسۇن)؛ بىراق ياقۇپ پەيغەمبەرگە شۇ ئىسىمنىڭ قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى: ــ (1) ئۇ ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتقان (تۇغۇلغاندا)؛ (2) بۇ ئىسىمنىڭ «ئالدامچى» دېگەن كۆچمە مەنىسى بار؛ ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئاكىسىنى ئىككى قېتىم «روھىي مىراس»تىن ئالداپ قويغان («يار.» 25-باب). (ئاخىردا ئۇ بۇ ئالدامچىلىقتىن توۋا قىلىپ، ئاكىسىدىن ئەپۇ سورىغان «يار.» 33-بابنىمۇ كۆرۈڭ).

12:3 يار. 25‏:26؛ 35‏:9،10

12:4 «خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى». شۇڭا باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (ياقۇپ) ئۇنى (خۇدانى) تېپىۋالدى». «ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ خۇدا ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، *ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى» ــ بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم: (1) ياقۇپ ئەسلى بىر ئالدامچى؛ (2) بىراق ئۇ ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ پەرىشتىسىدىن بەخت-بەرىكەتكە ۋە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن؛ (3) كېيىن ئۇ باشقىچە بىر ئادەم، ئېتىقادلىق، شەپقەتلىك بولۇپ چىقتى (ئىسرائىل دەپ ئاتالدى). (4) خۇدا ئەسلى بۇ ئىشلارنى «بەيت-ئەل»دە (ياقۇپنى چارقىرغان ۋاقتىدا) باشلىغان، ياقۇپقا، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىغا بەخت ئاتا قىلىدىغان ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (5) شۇڭا ئىسرائىل «بەيت-ئەل»نىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى ئەسلىشى كېرەك؛ (6) ئۇلار بۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئالسۇنكى، «خۇدا مېنىمۇ (ياقۇپقا ئوخشاش) يامان ئالدامچىلىقتىن دۇرۇس، ئېتىقادلىق ئادەمگە ئۆزگەرتەلەيدۇ»؛ (7) «شۇڭا خۇدانىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇنىڭغا قايتىشىم كېرەك». ۋەقەلەر «يار.» 25-32-بابلاردا خاتىرىلەنگەن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.

12:4 يار. 28‏:12، 19؛ 35‏:7، 14، 15

12:5 «ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر!» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، ياقۇپ ئۆزى بىلەن ئېلىشقان پەرىشتىنىڭ نامىنى سورىغان. شۇ چاغدا ئۇ نامىنى ئۇنىڭغا ئېيتمىغان. كېيىن خۇدا بۇ نامنىڭ «ياھۋەھ» (تەرجىمىمىزدە، «پەرۋەردىگار» دېيىلىدۇ) ئىكەنلىكىنى مۇسا پەيغەمبەرگە ئايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن (ياھۋەھ ــ «ئۆزگەرمەس»، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»، «ئەھدىسىگە ھەردائىم سادىق بولغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). شۇڭا بۇ نام ئىسرائىلغا ئۈمىد بېرىشى كېرەك ئىدى.

12:7 «مانا بۇ سودىگەر!» ــ «سودىگەر» ئىبرانىي تىلىدا «قانائان» ياكى «قانائانلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، ئەفرائىم بىر تەرەپتىن ئەسلى ئۆزى ئالدىدىن ھەيدىۋەتكەن بۇتپەرەس قانائانلىقلارغا ئوخشاپ قالغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ «ياقۇپ»نىڭ ئەسلىدىكى «ئالدامچى» خاراكتېرىدا بولۇپ، ھېچ ئۆزگەرتىلمىگەندۇر.

12:8 «ئۇلار... مەندىن گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ» ــ «گۇناھىي قەبىھلىك» ــ دېمەك، مەندە «قەبىھلىكلەر بار، بىراق ئېغىر ئەمەس، «گۇناھ ئەمەس»» دېگەن كۈلكىلىك گەپ. «مەن ئانچە يامان ئادەم ئەمەسمەن» دەيدىغان پوزىتسىيىلەر بۈگۈنگە قەدەر ھەممىمىزگە تونۇشتۇر.

12:9 «بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!» ــ ««كەپىلەر ھېيتى»دىكىدەك» ئىبرانىي تىلىدا «ھېيتتىكى كۈنلەردىكىدەك». «چېدىرلاردا تۇرۇش» تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن شۈبھىسىزكى، «كەپىلەر ھېيتى»نى كۆرسەتسە كېرەك. ئىسرائىل «مىسىردىن چىقىش»تىكى مۇھىم ساۋاقلارنى ئۇنتۇغان. «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)دا ئىسرائىل يەتتە كۈن ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېدىرلاردا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ھېيتتىكى بۇ ئىش ئۇلارغا ئەسلىدىكى ئاجىز، كەمبەغەل باشلىنىشىنى ۋە «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزىگە تايىنىپ ياشىشى كېرەك» دېگەن مۇھىم ساۋاق توغرۇلۇق ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.

12:9 يەش. 43‏:11

12:11 «گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر!» ــ مۇشۇ ئايەتتە «قەبىھ» ۋە «يارىماس» دېگەن سۆزلەر بىر-بىرىگە ئوخشايدايدىغان سۆزلەردۇر. «ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر!» ــ ھوشىيا «گىلگال» («دۆۋە»، «دەستە»، دېگەن مەنىدە) دېگەن يەر نامى بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىدۇ ــ ئۇلار ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىقتۇر. ھەممە يېرىدە كۆپلىگەن قۇربانگاھلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن، گىلگال دەرۋەقە «ئېتىزدىكى تاش دۆۋىلەر»دەك بىر جاي، خالاس. ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىلىرىمۇ بار.

12:11 ھوش. 4‏:15؛ 6‏:8؛ 9‏:15

12:12 يار. 28‏:5؛ 29‏:20، 28

12:13 «پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان» ــ مۇشۇ ئىشلار (12-14-ئايەت) ئىسپاتلايدۇكى، ئەفرائىم ئەجدادى بولغان ياقۇپنى ھەددىدىن زىيادە ئىززەتلىگەن. ئۇلارنىڭ تەمەننا قويغان «بۈيۈك ئەجداد»ى ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى (ئىسرائىل) پەيغەمبەرسىز قالغان بولسا (دېمەك، ئۇلاردا خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىغان بولسا) ئۇ چۆل-باياۋاندا يۈرۈۋاتقان ناھايىتى بىر «قاچقۇن» ياكى ھەتتا مىسىردىن چىقمىغان بىر «ئىشلەمچى» بولاتتى، خالاس. ئۇ ھەرگىز ئۇلۇغ بىر ئەل بولۇپ چىقمايتتى. بىراق ھازىرقى ئىسرائىل (بولۇپمۇ ئەفرائىم قەبىلىسى) خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر (ئاموس، ھوشىيا, يەشايا، مىكاھ)نى رەت قىلىپ، خۇدانى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ھاياتىنىڭ ھەر جەھەتلىرى ئۇلارنىڭ خۇدا بىلەن بولغان روھىي مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئىدى. ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرى بۇ ئىشنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسىتىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنى سەل چاغلاش خۇدانىڭ ئۆزىنى سەل چاغلىغان بىلەن باراۋەردۇر. ياقۇپ ئۆزى ئاخىرىدا پەيغەمبەر بولغان، ئەلۋەتتە («يار.» 48-49-بابلارنى كۆرۈڭ).