يەشايا
1
خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان «دەۋا»سى ھەم چاقىرىقى
ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ
«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار!
ئى يەر-زېمىن، قۇلاق سال!
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى: ــ
«مەن بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدىم،
بىراق ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى.«ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار!» ــ مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئۈچ ئاسمان بار. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى...» ــ مۇشۇ كىتابتا ئېلىنغان «پەرۋەردىگار» بولسا، ئىبرانىي تىلىدىكى «ياھۋەھ» دېگەننىڭ تەرجىمىسىدۇر. «ياھۋەھ» خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، «مەڭگۈلۈك بولغۇچى»، «ئۆزۈم باردۇرمەن»، «ئەھدىسىدە مەڭگۈ تۇرغۇچى خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەبىرلەرنىمۇ كۆرۈڭ.  قان. 32‏:1
كالا بولسا ئىگىسىنى تونۇيدۇ،
ئېشەكمۇ خوجايىنىنىڭ ئوقۇرىغا ماڭىدىغان يولنى بىلىدۇ،
بىراق ئىسرائىل بىلمەيدۇ،
ئۆز خەلقىم ھېچ يورۇتۇلغان ئەمەس.
ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»،
قەبىھلىكنى توپلاپ ئۆزىگە يۈكلىگەن خەلق،
رەزىللەرنىڭ بىر نەسلى،
نىجىس بولۇپ كەتكەن بالىلار!
ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يىراقلىشىپ،
«ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نى كۆزىگە ئىلمىدى،
ئۇلار كەينىگە ياندى.«ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»...» ــ بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. خۇداغا نىسبەتەن ئىسرائىل بۇتپەرەس بىر «يات ئەل» بولۇپ كەتكەنىدى. «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى» ــ خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر. بۇ ئىسىم بەلكىم، «ئۆزىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خۇدا ۋە ئىسرائىل ئارىسىدا پاك-مۇقەددەس تۇرغۇچى خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ ئىسىمنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.  زەب. 78‏:8؛ يەش. 57‏:3
نېمىشقا يەنە دۇمبالانغۇڭلار كېلىدۇ؟
نېمىشقا ئاسىيلىق قىلىۋېرىسىلەر؟
پۈتۈن باشلىرىڭلار ئاغرىپ،
يۈرىكىڭلار پۈتۈنلەي زەئىپلىشىپ كەتتى،2تار. 28‏:22؛ يەر. 2‏:30
بېشىڭلاردىن ئايىغىڭلارغىچە ساق يېرىڭلار قالمىدى،
پەقەت يارا-جاراھەت، ئىششىق ۋە يىرىڭ بىلەن تولدى،
ئۇلار تازىلانمىغان، تېڭىلمىغان ياكى ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن.«ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن» ــ ياكى «ئۇلارغا ھېچ زەيتۇن مېيى سۈرۈلمىگەن».
ۋەتىنىڭلار چۆللەشتى؛
شەھەرلىرىڭلار كۆيۈپ ۋەيرانە بولدى؛
يەر-زېمىنىڭلارنى بولسا، ياتلار كۆز ئالدىڭلاردىلا يۇتۇۋېلىۋاتىدۇ؛
ئۇ ياتلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىپ چۆللىشىپ كەتتى.قان. 28‏:51،52؛ يەش. 5‏:5
ئەمدى ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك،
تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك،
مۇھاسىرىگە چۈشكەن شەھەردەك،
زىئوننىڭ قىزى زەئىپ قالدۇرۇلدى.«ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك...» ــ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ ئۇ ناھايىتى قىل ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى، ئىنتايىن مۇقىمسىز ئەھۋالدا قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرسە كېرەك. «زىئون» ــ ياكى «زىئون تېغى» بولسا يېرۇسالېم شەھىرى، شۇنىڭدەك مۇقەددەس ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغدۇر.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا،
بىز سودوم شەھىرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق،
گوموررا شەھىرىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق.«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ــ «يەشايا» كىتابىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خۇدانىڭ بىر نامى. «پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا...» ــ «قالدى» (خۇدانىڭ «قالدىسى») «يەشايا» دېگەن كىتابتا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھامان ئۆزىگە سادىق بىر «قالدى» بولىدۇ. «سودوم شەھەرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررانىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق» ــ كونا زامانلاردا، (ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە) بۇ ئىككى شەھەر خۇدانىڭ نەزىرىدە ناھايىتى رەزىل بولۇپ، ئۇ ئاسماندىن ئوت-گۈڭگۈرتنى ياغدۇرۇپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان. ئىككى شەھەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق ئىزلىرى قالمىدى («يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ).
يەشايانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇدا ئۆزىگە سادىق بىر «قالدىسى» قالدۇرمىغان بولسا، ئىسرائىلمۇ بۇ ئىككى شەھەرگە ئوخشاش رەزىللىك بىلەن تولۇپ، ئوخشاشلا پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.
  يار. 19‏:24؛ يەش. 17‏:6؛ 24‏:6؛ 30‏:17؛ رىم. 9‏:29
10 ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار،
«ئى گوموررانىڭ خەلقى، خۇدايىمىزنىڭ قانۇن-نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىڭلار!«ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،... ئى گوموررانىڭ خەلقى، ...» ــ مۇشۇ يەردە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆز خەلقىنى سودوم ھەم گوموررادىكىلەرگە بىۋاسىتە ئوخشىتىدۇ.
11 سىلەر زادى نېمە دەپ ماڭا ئاتاپ نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى سۇنىسىلەر؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ــ «مەن كۆيدۈرمە قوچقار قۇربانلىقىڭلاردىن،
بورداق مالنىڭ ياغلىرىدىن تويۇپ كەتتىم،
بۇقىلار، پاقلانلار، تېكىلەرنىڭ قانلىرىدىن ھېچ خۇرسەن ئەمەسمەن.«كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلەتتى.  زەب. 50‏:8-14؛ پەند. 15‏:8؛ 21‏:27؛ يەش. 66‏:3؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:22
12 سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا،
سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟ «دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟» ــ «دەسسەپ-چەيلەش» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە بەلكىم خەلق ئېلىپ كىرگەن نۇرغۇنلىغان قۇربانلىق ماللىرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى دەسسىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دەپسەندە قىلىش».
13 بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار،
خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى.
«يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە،
جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ
قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.«ئاشلىق ھەدىيە»لەر ــ «ئاشلىق ھەدىيە» ئادەتتە «كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار» ھەم غا قوشۇلاتتى. «خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇنغا ئاساسەن، ھەر كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇشبۇي يېقىش كېرەك ئىدى. «شابات كۈنى» ــ بولسا شەنبە كۈنى بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن «مۇقەددەس كۈن»دۇر، بۇ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماي خۇداغا سېغىنىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان كۈن ئىدى. يەھۇدىيلار بۇ كۈننى «شابات كۈنى»، يەنى «(خىزمەتتىن) دەم ئېلىش كۈنى» دەيدۇ. يەنە 56-باب، 2-ئايەتنى كۆرۈڭ.
14 «يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛
ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛
ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم.
15 قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا،
كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛
بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛
چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.پەند. 1‏:28
16 ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛
قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار،
رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛زەب. 34‏:13-14؛ 37‏:27؛ ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9
17 ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار؛
ئادىللىقنى ئىزدەڭلار،
زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار،
يېتىم-يېسىرلەرنى ناھەقلىقتىن خالاس قىلىڭلار،
تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار.«زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «ئېزىلگۈچىلەرگە يار-يۆلەك بولۇڭلار».
18 ئەمدى كېلىڭلار، بىز مۇنازىرە قىلىشايلى، دەيدۇ پەرۋەردىگار،
سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ،
يەنىلا قاردەك ئاقىرىدۇ؛
ئۇلار قىزىل قۇرۇتتەك توق قىزىل بولسىمۇ،
يۇڭدەك ئاپئاق بولىدۇ.«سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ» ــ بۇ «قىزىل قۇرۇت» يەھۇدىيلار بۇ قۇرۇتنى بوياق ياساش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.  زەب. 51‏:7-10
19 ئەگەر ئىتائەتمەن بولۇپ، ئاڭلىساڭلار،
زېمىندىكى ئېسىل مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولىسىلەر؛
20 بىراق رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسەڭلار،
قىلىچ بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلىسىلەر»
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېگەن.
 
21 سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟
ئەسلىدە ئۇ ئادالەت بىلەن تولغانىدى،
ھەققانىيلىق ئۇنى ماكان قىلغانىدى،
بىراق ھازىر قاتىللار ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ.«سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟» ــ يەشايا پەيغەمبەر يېرۇسالېم شەھىرىنى ئەسلىدە خۇداغا سادىق بىر ئايالغا ئوخشاش شەھەر ئىدى، بىراق ھازىر بىر پاھىشە ئايالغا ئايلاندى دەپ ئوخشىتىدۇ.
22 كۈمۈشۈڭ بولسا داشقالغا ئايلىنىپ قالدى،
شارابىڭغا سۇ ئارىلىشىپ قالدى؛ئ‍ەز. 22‏:18،19؛ ھوش. 4‏:18
23 ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار،
ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛
ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ،
سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛
ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛
تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ.«سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سوغا-سالاملارنى قوغلاپ يۈرمەكتە...».  يەر. 5‏:28؛ زەك. 7‏:10
24 شۇڭا ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار ــ
يەنى ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى ئېيتىدۇ: ــ
مەن كۈشەندىلىرىمنى جازالاپ پۇخادىن چىقىمەن،
دۈشمەنلىرىمدىن قىساس ئالىمەن؛«ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى...» ــ خۇدانىڭ يەنە بىر نامىدۇر. بۇ نام بەلكىم، «ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا، ئىسرائىلدا تۇرغان ناھايىتى قۇدرەتلىك، قادىر خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ نامنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.
25 قولۇمنى ئۈستۈڭگە تەگكۈزۈپ،
سېنى تاۋلاپ، سەندىكى داشقالنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن،
سەندىكى بارلىق ئارىلاشمىلارنى ئېلىپ تاشلايمەن.يەر. 6‏:29؛ مال. 3‏:3
26 ھۆكۈمران-سوراقچىلىرىڭلارنى ئاۋۋالقىدەك،
مەسلىھەتچىلىرىڭلارنى دەسلەپتىكىدەك ھالغا كەلتۈرىمەن.
كېيىن سەن «ھەققانىيلىقنىڭ ماكانى»، «سادىق شەھەر» ــ دەپ ئاتىلىسەن.
27 ئەمدى زىئون ئادىللىق بىلەن،
ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كەلگەنلەر ھەققانىيلىق بىلەن قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىدۇ. «ئۇنىڭغا (زىئونغا) قايتىپ كەلگەنلەر» ــ مۇشۇ يەردە «قايتىپ كېلىش» بەلكىم ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، كەلگۈسىدە «توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلار»؛ ئىككىنچىسى، «يىراق يۇرتتىكى قۇللۇقتىن، سۈرگۈن بولۇشىدىن (يەنى خۇدانىڭ جازالىق تەربىيىسىدىن) چىقىپ زىئونغا قايتىپ كەلگەنلەر». «قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىش» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم «بەدەل تۆلەپ، قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ھۆر قىلىش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
28 بىراق ئاسىيلار ۋە گۇناھكارلار بىردەك ئۇجۇقتۇرۇلىدۇ،
پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرىگۈچىلەر بولسا ھالاك بولىدۇ.ئايۇپ 31‏:3؛ زەب. 1‏:6؛ 5‏:5؛ 73‏:27؛ 92‏:9؛ 104‏:35
29 شۇ چاغدا سىلەر تەشنا بولغان دۇب دەرەخلىرىدىن نومۇس قىلىسىلەر،
تاللىغان باغلاردىن خىجىل بولىسىلەر.«دۇب دەرەخلىرى ... باغلار...» ــ مۇشۇ «دۇب دەرەخلىرى» ۋە «باغلار» شۈبھىسىزكى، شۇ دەۋردىكى بۇتپەرەسلىككە ئالاھىدە ئاتالغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ. بىلىشىمىزچە مۇشۇ خىل بۇتپەرەسلىك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
30 چۈنكى ئۆزۈڭلار خۇددى يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇب دەرىخىدەك،
سۇسىز قۇرۇق بىر باغدەك بولىسىلەر.
31 شۇ كۈنى كۈچى بارلار ئوتقا شام پىلىكى،
ئۇلارنىڭ ئەجرى بولسا، ئۇچقۇن بولىدۇ؛
بۇلار ھەر ئىككىسى تەڭلا كۆيۈپ كېتىدۇ،
ئۇلارنى ئۆچۈرۈشكە ھېچكىم چىقمايدۇ. «ئوتقا شام پىلىكى» ــ ياكى «ئوتقا تەرمەچ».
 
 

1:2 «ئى ئاسمانلار، ئاڭلاڭلار!» ــ مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئۈچ ئاسمان بار. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز ئېيتتى...» ــ مۇشۇ كىتابتا ئېلىنغان «پەرۋەردىگار» بولسا، ئىبرانىي تىلىدىكى «ياھۋەھ» دېگەننىڭ تەرجىمىسىدۇر. «ياھۋەھ» خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، «مەڭگۈلۈك بولغۇچى»، «ئۆزۈم باردۇرمەن»، «ئەھدىسىدە مەڭگۈ تۇرغۇچى خۇدا» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەبىرلەرنىمۇ كۆرۈڭ.

1:2 قان. 32‏:1

1:4 «ئاھ، گۇناھكار «يات ئەل»...» ــ بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ. خۇداغا نىسبەتەن ئىسرائىل بۇتپەرەس بىر «يات ئەل» بولۇپ كەتكەنىدى. «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى» ــ خۇدانىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر. بۇ ئىسىم بەلكىم، «ئۆزىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس بولغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن خۇدا ۋە ئىسرائىل ئارىسىدا پاك-مۇقەددەس تۇرغۇچى خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ ئىسىمنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.

1:4 زەب. 78‏:8؛ يەش. 57‏:3

1:5 2تار. 28‏:22؛ يەر. 2‏:30

1:6 «ئۇلارغا ھېچ مەلھەم سۈرۈلمىگەن» ــ ياكى «ئۇلارغا ھېچ زەيتۇن مېيى سۈرۈلمىگەن».

1:7 قان. 28‏:51،52؛ يەش. 5‏:5

1:8 «ئۈزۈمزارغا سېلىنغان چەللىدەك، تەرخەمەكلىككە سېلىنغان كەپىدەك...» ــ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەيدۇ؛ ئۇ ناھايىتى قىل ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى، ئىنتايىن مۇقىمسىز ئەھۋالدا قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرسە كېرەك. «زىئون» ــ ياكى «زىئون تېغى» بولسا يېرۇسالېم شەھىرى، شۇنىڭدەك مۇقەددەس ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغدۇر.

1:9 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ــ «يەشايا» كىتابىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خۇدانىڭ بىر نامى. «پەرۋەردىگار بىزگە ئازغىنە «قالدىسى»نى قالدۇرمىغان بولسا...» ــ «قالدى» (خۇدانىڭ «قالدىسى») «يەشايا» دېگەن كىتابتا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ياكى ماۋزۇدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھامان ئۆزىگە سادىق بىر «قالدى» بولىدۇ. «سودوم شەھەرىگە ئوخشاپ قالاتتۇق، گوموررانىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالاتتۇق» ــ كونا زامانلاردا، (ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە) بۇ ئىككى شەھەر خۇدانىڭ نەزىرىدە ناھايىتى رەزىل بولۇپ، ئۇ ئاسماندىن ئوت-گۈڭگۈرتنى ياغدۇرۇپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان. ئىككى شەھەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق ئىزلىرى قالمىدى («يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ). يەشايانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇدا ئۆزىگە سادىق بىر «قالدىسى» قالدۇرمىغان بولسا، ئىسرائىلمۇ بۇ ئىككى شەھەرگە ئوخشاش رەزىللىك بىلەن تولۇپ، ئوخشاشلا پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.

1:9 يار. 19‏:24؛ يەش. 17‏:6؛ 24‏:6؛ 30‏:17؛ رىم. 9‏:29

1:10 «ئى سودومنىڭ ھۆكۈمرانلىرى،... ئى گوموررانىڭ خەلقى، ...» ــ مۇشۇ يەردە، يەشايا پەيغەمبەر ئۆز خەلقىنى سودوم ھەم گوموررادىكىلەرگە بىۋاسىتە ئوخشىتىدۇ.

1:11 «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ــ مۇشۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلەتتى.

1:11 زەب. 50‏:8-14؛ پەند. 15‏:8؛ 21‏:27؛ يەش. 66‏:3؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:22

1:12 «دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟» ــ «دەسسەپ-چەيلەش» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە بەلكىم خەلق ئېلىپ كىرگەن نۇرغۇنلىغان قۇربانلىق ماللىرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى دەسسىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دەپسەندە قىلىش».

1:13 «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ــ «ئاشلىق ھەدىيە» ئادەتتە «كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار» ھەم غا قوشۇلاتتى. «خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇنغا ئاساسەن، ھەر كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇشبۇي يېقىش كېرەك ئىدى. «شابات كۈنى» ــ بولسا شەنبە كۈنى بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن «مۇقەددەس كۈن»دۇر، بۇ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماي خۇداغا سېغىنىدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان كۈن ئىدى. يەھۇدىيلار بۇ كۈننى «شابات كۈنى»، يەنى «(خىزمەتتىن) دەم ئېلىش كۈنى» دەيدۇ. يەنە 56-باب، 2-ئايەتنى كۆرۈڭ.

1:15 پەند. 1‏:28

1:16 زەب. 34‏:13-14؛ 37‏:27؛ ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9

1:17 «زومىگەرلەرگە تەنبىھ بېرىڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى، «ئېزىلگۈچىلەرگە يار-يۆلەك بولۇڭلار».

1:18 «سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار قىپ-قىزىل بولسىمۇ» ــ بۇ «قىزىل قۇرۇت» يەھۇدىيلار بۇ قۇرۇتنى بوياق ياساش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

1:18 زەب. 51‏:7-10

1:21 «سادىق شەھەر قانداقمۇ پاھىشە بولۇپ قالدى!؟» ــ يەشايا پەيغەمبەر يېرۇسالېم شەھىرىنى ئەسلىدە خۇداغا سادىق بىر ئايالغا ئوخشاش شەھەر ئىدى، بىراق ھازىر بىر پاھىشە ئايالغا ئايلاندى دەپ ئوخشىتىدۇ.

1:22 ئ‍ەز. 22‏:18،19؛ ھوش. 4‏:18

1:23 «سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سوغا-سالاملارنى قوغلاپ يۈرمەكتە...».

1:23 يەر. 5‏:28؛ زەك. 7‏:10

1:24 «ئىسرائىلدىكى قۇدرەت ئىگىسى...» ــ خۇدانىڭ يەنە بىر نامىدۇر. بۇ نام بەلكىم، «ئىسرائىل خەلقىگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا، ئىسرائىلدا تۇرغان ناھايىتى قۇدرەتلىك، قادىر خۇدا» دېگەن مەنىدە. يەشايا پەيغەمبەر خۇدانى تىلغا ئالغاندا، بۇ نامنى كۆپ ئىشلىتىدۇ.

1:25 يەر. 6‏:29؛ مال. 3‏:3

1:27 «ئۇنىڭغا (زىئونغا) قايتىپ كەلگەنلەر» ــ مۇشۇ يەردە «قايتىپ كېلىش» بەلكىم ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىسى، كەلگۈسىدە «توۋا قىلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلار»؛ ئىككىنچىسى، «يىراق يۇرتتىكى قۇللۇقتىن، سۈرگۈن بولۇشىدىن (يەنى خۇدانىڭ جازالىق تەربىيىسىدىن) چىقىپ زىئونغا قايتىپ كەلگەنلەر». «قۇتقۇزۇلۇپ ھۆر قىلىنىش» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم «بەدەل تۆلەپ، قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ھۆر قىلىش»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1:28 ئايۇپ 31‏:3؛ زەب. 1‏:6؛ 5‏:5؛ 73‏:27؛ 92‏:9؛ 104‏:35

1:29 «دۇب دەرەخلىرى ... باغلار...» ــ مۇشۇ «دۇب دەرەخلىرى» ۋە «باغلار» شۈبھىسىزكى، شۇ دەۋردىكى بۇتپەرەسلىككە ئالاھىدە ئاتالغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ. بىلىشىمىزچە مۇشۇ خىل بۇتپەرەسلىك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

1:31 «ئوتقا شام پىلىكى» ــ ياكى «ئوتقا تەرمەچ».