17
دەمەشق ۋە ئەفرائىم توغرۇلۇق بىر بېشارەت
دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ،
قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ،
ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ،
ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ.
ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ،
دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى،
سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛
ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ.
ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. «ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا، «ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتىدەك بولىدۇ». ئويلايمىزكى، مۇشۇ سۆز كىنايىلىك گەپ بولۇپ: ــ «شۆھرىتى يوق» دېگەنلىك (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇڭا دەمەشقنىڭمۇ شۆھرىتى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ،
تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن،
يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن،
ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ؛ «ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ... قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ» ــ دېمەك، ئورمىچى ئەگەر بىلىكىنى ئىشلىتىپ ئورسا، ناھايىتى ئاز باشاقلار قېلىپ قالىدۇ؛ رەفايىم (رەفايىيلارنىڭ) جىلغىسى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، ئۇ يەرگە كەمبەغەللەر بېرىپ ئورمىچىلار قالدۇرغان بۇغداينى تېرەتتى؛ ئەلۋەتتە تەرگەندىن كېيىن قالغان بۇغداي «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ؛ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن ئەفرائىمنىڭ ئادەملىرى، شۆھرىتى، ھەممىسى ئوخشاشلا «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ.
مۇشۇ بالايىئاپەتلەر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاخىرىدا ئاسۇرىيە ئەفرائىمدىكى كۆپ ئاھالىنى سۈرگۈن قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى).
ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق،
زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن،
ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە،
كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ،
ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ،
كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ.
ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا،
ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ،
نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ. «ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا... نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇربانگاھلار ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»، شۈبھىسىزكى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر. «ئاشەراھلار» دېگەن بۇتلار بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەر ئىدى. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولسا كېرەك. ئادەملەرنىڭ خىياللىرىدا، مۇشۇ مەبۇد «زېمىننى مۇنبەتلىك قىلارمىش» ۋە «ئاياللارنى تۇغۇمچان قىلارمىش». بۇلارغا چوقۇنۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەرخىل جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى.
شۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئاز بىر قىسىم ئەفرائىمدىكىلەر خۇداغىلا ئۈمىد-ئىشەنچ باغلايدۇ. بېشارەتنىڭ بىر قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى «2تار.» 30-31-بابتىن، 9:34-ئايەتتىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى،
ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك،
ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. «ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك...» ــ مۇشۇ كونا «خارابە شەھەرلەر»، يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىسرائىللار خۇداغا تايىنىپ زېمىننى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران قىلىنغانىدى. شۇ خارابە كونا شەھەرلەر ئۇلارغا خۇداغا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.
10 چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ،
كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛
شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن،
ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن، «شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن،...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆسۈملۈكلەر» خۇراپىيلىق بىلەن تىكىلگەن، ئادەمنى باي قىلىدىغان ياكى راۋاج تاپقۇزىدىغان «سېھرىي ئۆسۈملۈكلەر»مىش.
11 ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن،
تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن،
ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس! «ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس!» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن.
12 ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى!
ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ،
ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى!
دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ.
13 ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛
بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ.
ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك،
قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ! ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5؛ 83‏:13-15؛ ھوش. 13‏:3
14 كەچتە ــ ۋەھىمە!
تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق!
مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى،
بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر!
 
 

17:3 «ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا، «ئۇلار ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتىدەك بولىدۇ». ئويلايمىزكى، مۇشۇ سۆز كىنايىلىك گەپ بولۇپ: ــ «شۆھرىتى يوق» دېگەنلىك (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار، كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇڭا دەمەشقنىڭمۇ شۆھرىتى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

17:5 «ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ... قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ» ــ دېمەك، ئورمىچى ئەگەر بىلىكىنى ئىشلىتىپ ئورسا، ناھايىتى ئاز باشاقلار قېلىپ قالىدۇ؛ رەفايىم (رەفايىيلارنىڭ) جىلغىسى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، ئۇ يەرگە كەمبەغەللەر بېرىپ ئورمىچىلار قالدۇرغان بۇغداينى تېرەتتى؛ ئەلۋەتتە تەرگەندىن كېيىن قالغان بۇغداي «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ؛ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن ئەفرائىمنىڭ ئادەملىرى، شۆھرىتى، ھەممىسى ئوخشاشلا «يوق دېيەرلىك» بولىدۇ. مۇشۇ بالايىئاپەتلەر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق تاجاۋۇزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. ئاخىرىدا ئاسۇرىيە ئەفرائىمدىكى كۆپ ئاھالىنى سۈرگۈن قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى).

17:8 «ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا... نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇربانگاھلار ۋە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»، شۈبھىسىزكى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر. «ئاشەراھلار» دېگەن بۇتلار بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەر ئىدى. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولسا كېرەك. ئادەملەرنىڭ خىياللىرىدا، مۇشۇ مەبۇد «زېمىننى مۇنبەتلىك قىلارمىش» ۋە «ئاياللارنى تۇغۇمچان قىلارمىش». بۇلارغا چوقۇنۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەرخىل جىنسىي ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. شۇ سۆزلەرگە قارىغاندا ئاز بىر قىسىم ئەفرائىمدىكىلەر خۇداغىلا ئۈمىد-ئىشەنچ باغلايدۇ. بېشارەتنىڭ بىر قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى «2تار.» 30-31-بابتىن، 9:34-ئايەتتىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

17:9 «ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك...» ــ مۇشۇ كونا «خارابە شەھەرلەر»، يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىسرائىللار خۇداغا تايىنىپ زېمىننى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران قىلىنغانىدى. شۇ خارابە كونا شەھەرلەر ئۇلارغا خۇداغا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىشى كېرەك ئىدى.

17:10 «شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن،...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆسۈملۈكلەر» خۇراپىيلىق بىلەن تىكىلگەن، ئادەمنى باي قىلىدىغان ياكى راۋاج تاپقۇزىدىغان «سېھرىي ئۆسۈملۈكلەر»مىش.

17:11 «ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس!» ــ پۈتكۈل ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن.

17:13 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5؛ 83‏:13-15؛ ھوش. 13‏:3