23
تۇرنىڭ ئاقىۋىتى ــ ۋەيرانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇلغان مەرسىيە
تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
ــ ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار!
چۈنكى ئۇ خاراب قىلىندى،
شۇ يەردە ئۆي يوق، پورتمۇ يوق.
سېپرۇس ئارىلىدىن بۇ خەۋەر كېمىدىكىلەرگە ئايان قىلىنىدۇ. «تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ تۇر بولسا (خەرىتىنى كۆرۈڭ) دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى زاماندىكى بىر «سىنگاپور»غا ئوخشايدىغان بىر شەھەر ئىدى. تۇر شەھىرى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرى، كىچىك ئارال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن مۇستەھەكەم بىر قەلئە سېلىنغان. ئىككىنچىسى ئۇدۇلدىكى دېڭىز بويىدىكى ئىنتايىن پۇختا سېپىللىق شەھەر. تۇر ئاساسەن دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلاتتى؛ ئۇنىڭ كېمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېقىندى بولغان «ئۈچ تارشىش»تىكى (16:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ) كېمىلەر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن بېيىپ كەتكەن. تاۋارلارنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەللەردىن ئىمپورت قىلىپ، پەلەستىنگە ساتقان؛ پەلەستىندىكى مەھسۇلاتلارنىمۇ سېتىۋېلىپ دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان. بېيىغاندىن كېيىن، تۇر ئىنتايىن تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنىدى. دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
«سېپرۇس ئارىلىدىن...» ــ ياكى «كىتتىيلارنىڭ زېمىنىدىن...».
   يەر. 47‏:4؛ ئ‍ەز. 26؛ 27؛ 28؛ زەك. 9‏:3، 4
زىدوندىكى سودىگەرلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ سىلەرنى تەمىنلەپ كەلدى، ئى ئارالدىكىلەر،
ئەمدى شۈك بولۇڭلار! «زىدون» ــ بولسا تۇرغا يېقىن رايون بولۇپ، تۇر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. «ئى ئارالدىكىلەر،...» ــ تۇردىكى ئارالدا تۇرغانلار.
شىھوردىكى بىپايان سۇلار ئۈستىدىن يۆتكىگەن دانلار،
يەنى نىل دەرياسىنىڭ ھوسۇلى تۇرنىڭ دارامىتى بولغانىدى؛
ئۇ ئەللەرنىڭ بازىرى بولغانىدى!
ئى زىدون، خىجالەت بول،
چۈنكى دېڭىز ــ يەنى تۇرغا قورغان بولغان دېڭىز دەيدۇكى: ــ
«مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم،
يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» ــ دېمەك، تۇرنىڭ ياشلىرى يوقاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ «ئانىسى»، يەنى دېڭىز: «بالىلارنى ھېچ تۇغمىغاندەكمەن» ــ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى سەۋەبى تېخى كۆرسىتىلمىدى.
مۇشۇ خەۋەر مىسىرغا يەتكەندە،
ئۇلارمۇ بۇ خەۋەر خۇددى تۇرغا كەلگەندەك قاتتىق ئازابلىنىدۇ.
ــ سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار!
ئى دېڭىز بويىدىكىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! «سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار!» ــ دېمەك، تۇردىكىلەر قېچىشى كېرەك.
سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان،
شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟!
مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! «... پۇتلىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرىدۇ» ــ كېمە بىلەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ پىيادە ماڭغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
تاجلارنى ئىلتىپات قىلغۇچى بولغان،
سودىگەرلىرى ئەمىرلەر بولغان،
دەللاللىرى جاھاندا ئابرۇيلۇقلار ھېسابلانغان تۇرنىڭ بۇ تەغدىرىنى كىم بېكىتكەن؟
ــ بۇلارنى بېكىتكۈچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگاردۇر!
مەقسىتى بولسا شان-شۆھرەتتىن كېلىپ چىققان جىمى تەكەببۇرلۇقنى رەسۋا قىلىش،
جاھاندىكى جىمىكى يۈز-ئابرۇيلۇقلارنى پەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت!
10 تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا!
چۈنكى تۇردىن كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق. «تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى تۇردىن كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. تارشىش تۇرغا بېقىندى بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھازىر «ئەركىن» بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكىمۇ يوق بولىدۇ.
11 چۈنكى پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىز ئۈستىگە ئۇزىتىپ،
دۆلەتلەرنى تەۋرىتىدۇ.
ئۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان،
ئۇنىڭدىكى قەلئە-قورغانلارنى يوقۇتۇلسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرگەن. «ۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان...» ــ تۇر شەھىرى ئەسلىدە قانائان زېمىنىدا، دەپ ھېسابىلىغىلى بولىدۇ.
12 ۋە: ــ
«ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى،
سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن،
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن،
ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى. «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى...» ــ زىدون ئاسۇرىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ قىزلىرى، شۈبھىسىزكى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تۆۋەندىكى 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
13 قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى!
بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛
ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان؛
پوتەيلەرنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ساراي-ئوردىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. «قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان...» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 745-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر «پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولماقچى بولۇپ»، كەڭ كۆلەمدە جەڭ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 738-يىلى ئۆزىنىڭ ھەربىي قوماندانىنى تۇرنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. تۇر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ كېيىنكى پادىشاھى شالمانئەزەرنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارشى جەڭ قىلدى، ئاخىردا ئاسۇرىيەلىكلەر تۇرنى تاشلاپ كەتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە ئاسۇرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. شۇ چاغدا تۇر مىسىر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، تۇرنىڭ «يۆلەنچۈكى» زىدون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۆپ ۋەيرانچىلىق قىلغان، تۇرنىڭ سودىسىنى ئاساسەن ئۈزۈپ قويغان.
مۇشۇ ئايەتلەردە شۇ ئىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە كېرەك. ئايەتلەردە: ئاسۇرىيەلىكلەر بابىل-كالدىيەنى ۋەيران قىلغانلىقىغا، چىرايلىق بىنالارنى «چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغانلىقى»غا قاراڭلار، مۇشۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىڭلار دېيىلىدۇ. بۇ بەلكىم «سىلەرگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەنلىكتىن بېشارەت بولسا كېرەك.
مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى «بۈيۈك ئىسكەندەر» تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئىسكەندەر پۈتۈن سېپىللىق شەھەرنى، جۈملىدىن ئارالدىكى قورغانلارنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.
14 ئى تارشىشتىكى كېمىلەر، ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار!
چۈنكى قورغىنىڭلار خاراب قىلىندى. «تارشىش» ــ 2-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
15 ۋە شۇ كۈنى بولىدۇكى،
پادىشاھنىڭ كۈنلەرنى ھېسابلىغىنىدەك،
تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ.
يەتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن،
تۇرنىڭ ئەھۋالى پاھىشە ئايالنىڭ ناخشىسىدەك بولىدۇ؛ «تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ» ــ «يەتمىش يىل» مۇشۇ مەزگىل بەلكىم ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلىدىكى ۋەيرانچلىقىدىن باشلىنىدۇ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 630-يىلىدىكى ئاسۇرىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زاۋال تېپىشى، شۇنداقلا تۇرنىڭ سودىسىنىڭ يەنە بازار تېپىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
يەشايا ئاشۇ چاغدىكى تۇرنى قېرى پاھىشە ئايالغا، خېرىدارلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتقانغا ئوخشىتىدۇ. پاھىشە ئايالغا ئوخشاش، ئۇ پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىدى.
16 چىلتارنى ئېلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ يۈر،
ئى ئۇنتۇلغان پاھىشە ئايال!
ئۆزۈڭگە يەنە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتاي دېسەڭ،
يېقىملىق بىر پەدە چېلىپ، كۆپرەك ناخشىلارنى ئېيت!
17 ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى،
يەتمىش يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن،
پەرۋەردىگار تۇرنى يوقلايدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئىجارىگە بېرىپ،
يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلىقلار بىلەن يەنە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛
18 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ؛
ئۇ خەزىنىگە سېلىنمايدۇ ياكى توپلانمايدۇ،
چۈنكى ئۇنىڭ مۇشۇ سودىسى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىلىنىدۇ؛
ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ... ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ» ــ مۇشۇ ئاخىرقى ئايەت تۇر ئۈچۈن ئۈمىد كۆرسىتىدۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە مال-مۈلۈككە ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا بېقىنىدى بولىدۇ. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىسرائىل بابىلدىن قايتقىنىدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى)، يېڭى مۇقەددەس ئىبادەتخانا قۇرۇلغاندا، تۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس ماتېرىيال تەمىنلىگەنلىكى بەلكىم بېشارەتنىڭ بىر «قىسمەن» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر (تەۋراتتىكى «ئەزرا» 3-باب).
 
 

23:1 «تۇر توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ تۇر بولسا (خەرىتىنى كۆرۈڭ) دېڭىز بويىدىكى قەدىمكى زاماندىكى بىر «سىنگاپور»غا ئوخشايدىغان بىر شەھەر ئىدى. تۇر شەھىرى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىرى، كىچىك ئارال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن مۇستەھەكەم بىر قەلئە سېلىنغان. ئىككىنچىسى ئۇدۇلدىكى دېڭىز بويىدىكى ئىنتايىن پۇختا سېپىللىق شەھەر. تۇر ئاساسەن دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلاتتى؛ ئۇنىڭ كېمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بېقىندى بولغان «ئۈچ تارشىش»تىكى (16:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ) كېمىلەر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن بېيىپ كەتكەن. تاۋارلارنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەللەردىن ئىمپورت قىلىپ، پەلەستىنگە ساتقان؛ پەلەستىندىكى مەھسۇلاتلارنىمۇ سېتىۋېلىپ دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلغان. بېيىغاندىن كېيىن، تۇر ئىنتايىن تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنىدى. دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىشغال قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. «سېپرۇس ئارىلىدىن...» ــ ياكى «كىتتىيلارنىڭ زېمىنىدىن...».

23:1 يەر. 47‏:4؛ ئ‍ەز. 26؛ 27؛ 28؛ زەك. 9‏:3، 4

23:2 «زىدون» ــ بولسا تۇرغا يېقىن رايون بولۇپ، تۇر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. «ئى ئارالدىكىلەر،...» ــ تۇردىكى ئارالدا تۇرغانلار.

23:4 «مەندە ھېچ تولغاق بولمىدى، ھېچ تۇغمىدىم، يىگىتلەرنى ياكى قىزلارنى ھېچ باقمىغاندەكمەن!» ــ دېمەك، تۇرنىڭ ياشلىرى يوقاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ «ئانىسى»، يەنى دېڭىز: «بالىلارنى ھېچ تۇغمىغاندەكمەن» ــ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى سەۋەبى تېخى كۆرسىتىلمىدى.

23:6 «سىلەر دېڭىزدىن ئۆتۈپ تارشىشقا كېتىڭلار!» ــ دېمەك، تۇردىكىلەر قېچىشى كېرەك.

23:7 «... پۇتلىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرىدۇ» ــ كېمە بىلەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ پىيادە ماڭغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

23:10 «تارشىشنىڭ قىزى، نىل دەرياسىدەك ئۆز زېمىنىڭدا ئەركىن-ئازادە يايرا! چۈنكى تۇردىن كەلگەن تىزگىن ھازىر يوق» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ. تارشىش تۇرغا بېقىندى بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھازىر «ئەركىن» بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئىقتىسادىي يۆلەنچۈكىمۇ يوق بولىدۇ.

23:11 «ۇ قانائان توغرۇلۇق ئەمر قىلغان...» ــ تۇر شەھىرى ئەسلىدە قانائان زېمىنىدا، دەپ ھېسابىلىغىلى بولىدۇ.

23:12 «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى...» ــ زىدون ئاسۇرىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭ قىزلىرى، شۈبھىسىزكى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تۆۋەندىكى 13-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

23:13 «قاراڭلار، بابىل-كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى! بۇ يەرنىڭ خەلقى بولۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ؛ ئاسۇرىيە ئۇنى چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغان...» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 745-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر «پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولماقچى بولۇپ»، كەڭ كۆلەمدە جەڭ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 738-يىلى ئۆزىنىڭ ھەربىي قوماندانىنى تۇرنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. تۇر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ كېيىنكى پادىشاھى شالمانئەزەرنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارشى جەڭ قىلدى، ئاخىردا ئاسۇرىيەلىكلەر تۇرنى تاشلاپ كەتتى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە ئاسۇرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. شۇ چاغدا تۇر مىسىر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، تۇرنىڭ «يۆلەنچۈكى» زىدون ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۆپ ۋەيرانچىلىق قىلغان، تۇرنىڭ سودىسىنى ئاساسەن ئۈزۈپ قويغان. مۇشۇ ئايەتلەردە شۇ ئىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە كېرەك. ئايەتلەردە: ئاسۇرىيەلىكلەر بابىل-كالدىيەنى ۋەيران قىلغانلىقىغا، چىرايلىق بىنالارنى «چۆل-باياۋان جانىۋارلىرى ئۈچۈن ماكان قىلغانلىقى»غا قاراڭلار، مۇشۇ ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىڭلار دېيىلىدۇ. بۇ بەلكىم «سىلەرگىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېگەنلىكتىن بېشارەت بولسا كېرەك. مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 332-يىلى «بۈيۈك ئىسكەندەر» تەرىپىدىن چىقىرىلغان. ئىسكەندەر پۈتۈن سېپىللىق شەھەرنى، جۈملىدىن ئارالدىكى قورغانلارنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.

23:14 «تارشىش» ــ 2-باب، 16-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

23:15 «تۇر يەتمىش يىل ئۇنتۇلىدۇ» ــ «يەتمىش يىل» مۇشۇ مەزگىل بەلكىم ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلىدىكى ۋەيرانچلىقىدىن باشلىنىدۇ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 630-يىلىدىكى ئاسۇرىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زاۋال تېپىشى، شۇنداقلا تۇرنىڭ سودىسىنىڭ يەنە بازار تېپىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يەشايا ئاشۇ چاغدىكى تۇرنى قېرى پاھىشە ئايالغا، خېرىدارلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتقانغا ئوخشىتىدۇ. پاھىشە ئايالغا ئوخشاش، ئۇ پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىدى.

23:18 «شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماللىرى ۋە ئۆزىنى سېتىپ، تاپقان پۇلى بولسا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ... ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە يەپ-ئىچىشكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ» ــ مۇشۇ ئاخىرقى ئايەت تۇر ئۈچۈن ئۈمىد كۆرسىتىدۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە مال-مۈلۈككە ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا بېقىنىدى بولىدۇ. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىسرائىل بابىلدىن قايتقىنىدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلى)، يېڭى مۇقەددەس ئىبادەتخانا قۇرۇلغاندا، تۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىس ماتېرىيال تەمىنلىگەنلىكى بەلكىم بېشارەتنىڭ بىر «قىسمەن» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر (تەۋراتتىكى «ئەزرا» 3-باب).