29
يېرۇسالېمغا چۈشىدىغان «تەربىيىلىك جازالاش»
ئارىئەلگە، داۋۇت ئۆز ماكانى قىلغان ئارىئەلگە ۋاي!
يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن،
ھېيت-بايراملار يەنە ئايلىنىپ كەلسۇن؛«ئارىئەل» ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ «خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بېشى» دېگەنلىك، يەنى قۇربانگاھقا ئوت سالىدىغان ئورۇن. مۇشۇ ئىسىم، خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جاي ھەم خۇدانىڭ ئوتىغا ئۇچرايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم شۇ بابتىكى مەنىسى شۇكى، يېرۇسالېم پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس، بەلكى ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئوتلۇق غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى، دېگەنلىك. «يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن» ــ مەنىسى بەلكىم، «بىر يىلدىن كېيىن» ــ دېمەك (2-8-ئايەتكە ئاساسەن)، ئاسۇرىيە بىر يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا، بېشارەت مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى بېرىلگەن.
تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «يىللار كۆپرەك ئۆتسۇن، ھېيت-بايراملار يەنىلا ئۆتكۈزۈلسۇن» قاتارلىق. ئىككى خىل تەرجىمىسى ئوخشاشلا، ۋاقىتمۇ ياكى ھېيت-بايراملاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرمۇ سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بىراق مەن دەرد-ئەلەمنى ئارىئەلگە كەلتۈرىمەن؛
داد-پەريادلار كۆتۈرۈلۈپ ئاڭلىنىدۇ؛
ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بىر «ئارىئەل» بولىدۇ.
چۈنكى مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ،
سېنى قامال قىلىپ مۇھاسىرە ئىستىھكاملىرىنى سالىمەن،
پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن.«مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ... پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن» ــ بېشارەت ئاسۇرىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرسەتكەن ئەمەس، بەلكى «بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى»نىڭ بىر ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ (7-ئايەت)؛ شۇڭا ئۇ ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن بېرىلگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدا «ئارىئەل»نى (ھەر قېتىم نىجاتىنى رەت قىلىشى تۈپەيلىدىن) بابىلدىن ئاندىن رىملىقلاردىن (مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىل) قۇتقۇزغان ئەمەس. شۇڭا بېشارەت ئاخىرقى زاماندىكى كۆپ ئەل-يۇرتلارنىڭ (7-ئايەت) يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا ئىسرائىلغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.  يەر. 6‏:3؛ ئ‍ەز. 17‏:17
شۇنىڭ بىلەن پەس قىلىنىسەن،
سەن يەر تېگىدىن سۆزلەيدىغان،
گەپلىرىڭ پەستىن، يەنى توپا-چاڭدىن كېلىدىغان،
ئاۋازىڭ ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىنىڭكىدەك يەر تېگىدىن چىقىدۇ،
سۆزلىرىڭ توپا-چاڭدىن شىۋىرلاپ چىققاندەك بولىدۇ؛يەش. 8‏:19
شۇ چاغدا دۈشمەنلىرىڭنىڭ توپى خۇددى يۇمشاق توپا-چاڭلاردەك،
ياۋۇزلارنىڭ توپى شامال ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان توپاندەك توزۇپ كېتىدۇ.
بۇ ئىش بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولىدۇ!ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5-6؛ يەش. 17‏:13؛ 30‏:13
ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ؛
گۈلدۈرماما، يەر تەۋرەش، كۈچلۈك شاۋقۇن، قۇيۇنتاز، بوران ۋە يۇتۇۋالغۇچى ئوت يالقۇنلار بىلەن سەندىن ھېساب ئالىدۇ.«... سەندىن ھېساب ئالىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنى يوقلايدۇ».
شۇنداق قىلىپ ئارىئەلگە قارشى جەڭ قىلىدىغان،
يەنى ئۇنىڭغا ۋە قەلئە-قورغانلىق مۇداپىئەلەرگە جەڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى كېچىسى كۆرگەن چۈشتىكى كۆرۈنۈشتەك يوقاپ كېتىدۇ.
ئاچ قالغان بىرسى چۈش كۆرگەندە،
چۈشىدە بىر نېمە يەيدۇ؛
بىراق ئويغانسا، مانا قورسىقى قۇرۇق تۇرىدۇ؛
چاڭقىغان بىرسى چۈش كۆرگەندە،
چۈشىدە سۇ ئىچىدۇ؛
بىراق ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ،
ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛
مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ. «...ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ» ــ دېمەك، بۇ چۈشنى كۆرگەن كىشى باشقا ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈشىدە كۆرگەن «تاماق-سۇ» بارلىق ئەللەر يۇتۇۋالماقچى بولغان يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. ئەللەر «يېرۇسالېم بىزنىڭكى» دەپ خام خىيال قىلىپ، تۇيۇقسىز ھەممىدىن ئايرىلىپ، مەغلۇپ بولىدۇ.
 
روھىي قارىغۇلۇق، روھىي غەپلەت، پەرۋەردىگارنىڭ دورا-دەرمانى
ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ،
قايمۇقۇپ كېتىڭلار!
ئۆزۈڭلارنى قارىغۇ قىلىپ، قارىغۇ بولۇڭلار!
ئۇلار مەست بولدى، بىراق شارابتىن ئەمەس!
ئۇلار ئىلەڭلىشىپ قالدى، بىراق ھاراقتىن ئەمەس!«ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار!...» ــ بۇ ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. يەشايا ئاسۇرىيە ياكى باشقا بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلاردىن قۇتۇلۇشنى ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا ئېيتقان (36-37-بابلارنى كۆرۈڭ). ئەمدى مۇشۇ قۇتۇلۇشلارنى كۆرگەنلەر يەنىلا خۇداغا ئىشەنمەي «تاسادىپىيلىقتىن بولغان» ياكى «مىسىر بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن بولغان» دېسە قانداق بولىدۇ؟
ئەگەر ئۇلار شۇ چاغدا «ئارىسالدى» بولسا، ھېچ قارارغا تېخى كەلمىسە، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشتا باش قاتۇرىدىغان بولىدۇ. يەشايا ئۇلارنىڭ شۇنداق كاجلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن (خۇدانىڭ ئاگاھىنى 10:6-ئايەتتە كۆرۈڭ). شۇڭا ئۇ كىنايە قىلىپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
10 چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ،
كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛
ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى.«پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ... ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كارامەتلىرىنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمىغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارنى تېخىمۇ ئۆز كاجلىقىدا بېكىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلغىنى بىلەن ئۇ ئۇلارنى تېخى تاشلىۋەتمىگەن؛ ئۇ ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت 14-ئايەتتە ئالدىنئالا ئېيتىلىدۇ.  رىم. 11‏:8
11 مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛
خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ
«ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ
«ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ.
12 كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ: ــ
«ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېيىلسە، ئۇ: ــ
«مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ.«كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ... ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ» ــ ساۋاتلىق كىشى بولسا «كىتاب پېچەتلەنگەن» (پېچەتنى بۇزۇشقا ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايمەن) دېگەن باھانىنى كۆرسىتىدۇ. ساۋاتسىز كىشى بولسا ئەلۋەتتە ئوقۇيالمايدۇ؛ بىراق ئۇ ساۋاتلىق كىشىدىنمۇ ئوقۇپ بېرىشنى سورىمايدۇ. دېمەك، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىككى خىل كىشىلەرگە ئوخشاش خۇدانىڭ بەرگەن ۋەھىيسىگە پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرىۋېرىدۇ.
13 ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا،
تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە،
بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا،
مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛«مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، ... قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس» ــ «مات.» 7:15-9، «مار.» 6:7-7نى كۆرۈڭ.  مات. 15‏:8؛ مار. 7‏:6
14 شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛
كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ». «شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن» ــ خۇدا ئۇلارغا سەۋر-تاقەت بىلەن يەنە بىر پۇرسەت بەرمەكچى. بۇ پۇرسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق بۇ يەردە دېيىلگەن سۆزلەرگە قارىغاندا بۇ كارامەتنىڭ «ئاسۇرىيەدىن قۇتۇلۇش» دېگەن مۆجىزىدىن بىرنەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى، ئاجايىبلىقى، كارامەتلىكى ۋە تىلسىماتلىقى بار بولۇشى مۇمكىن. بىز يەنە شۇنداق دەپ قارايمىزكى، يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ ئىشنى كىتابىنىڭ قالغان قىسمىدا بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ» ــ خۇدانىڭ ئىشلىگەن مۇشۇ كارامىتىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى «دانىشمەنلىك»نى ئۆز-ئۆزىدىن خىجىل قىلىدۇ. «1كور.» 19:1نى كۆرۈڭ.
««ئاقىللارنىڭ ئەقىللىرى» يوشۇرۇنىۋالىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەقلى ھېچ ئەسقاتمايدۇ ھەم باشقىلار ئالدىدا كۆرۈنۈشكە خىجىل بولىدۇ.
  يەر. 49‏:7؛ ئ‍وب. 8؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19
 
چوڭ ئۆزگىرىشلەر
15 ئۆزىنىڭ پۈككەن نىيەتلىرىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاستىن يەرگە كىرىۋالغان،
ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇلۇقتا قىلىدىغان،
ۋە «بىزنى كىم كۆرىدۇ» ۋە «كىم بىزنى بىلگەن» دېگەنلەرگە ۋاي!زەب. 94‏:7
16 ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار!
ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟
شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»،
ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟!يەش. 45‏:9
17 چۈنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟
مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟«لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟» ــ لىۋان كونا زامانلاردىن تارتىپ ئورمانلىرى بىلەن داڭقى چىققان رايون بولۇپ كەلگەن. مۇشۇ ئورمان بىلەن ئۇنىڭ «مېۋىلىك باغ»لىرىنىڭ روللىرى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغانلار ياكى تەكەببۇرلار پەس (بىراق يەنىلا ياخشى ۋە مېۋە بېرىدىغان) ئورۇنغا بېكىتىلىدۇ ۋە كەمتەرلەر بولسا يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلىدۇ، دېمەكچى. قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا ئالمىشىش يۈز بېرىدۇ.
18 شۇ كۈنىدە گاسلار شۇ يۆگىمە كىتابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان،
قارىغۇلار زۇلمەت ھەم قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ؛مات. 11‏:5
19 مۆمىنلەر بولسا پەرۋەردىگاردىن تېخىمۇ خۇرسەن بولىدۇ؛
ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىسكىنلەر ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدىن شادلىنىدۇ.
20 رەھىمسىز بولغۇچى يوقايدۇ،
مازاق قىلغۇچى غايىب بولىدۇ؛
قەبىھلىك پۇرسىتىنى كۈتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك قىلىنىدۇ؛
21 مانا مۇشۇنداق ئادەملەر ئادەمنى بىر سۆز ئۈچۈنلا جىنايەتچى قىلىدۇ،
دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ،
ھەققانىي ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەۋەبسىز بىكار قىلىۋېتىدۇ.«(ئۇلار) دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ» ــ شەھەر دەرۋازىسى سوت قىلىدىغان جاي ئىدى.  ئام. 5‏:10
22 شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ،
ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ؛شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ» ــ دېمەك: ــ
(1) «ياقۇپ ئۆز پەرزەنتلىرى (جەمەتى) توغرىسىدا خىجىل بولمايدۇ». ياقۇپ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ناھايىتى خىجىل بولۇپ يۈرەتتى («يار.» 34-بابنى كۆرۈڭ). ئاندىن ياقۇپ كېيىنكى دەۋردە پەرزەنتلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ خىجىل بولغان بولاتتى! بىراق «ھازىر بولسا» (كەلگۈسىدە) ئادىل، ھەققانىي، ساپ دىللىق «يېڭىدىن تۇغۇلغان»، يېڭى بىر پەرزەنتى، يېڭى بىر ئىسرائىل ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ ياقۇپ (تىرىلگەن ۋاقتىدا) ئۇلاردىن ھېچ خىجىل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
(2) «ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ» ــ ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ بىر-بىرىگە ھەسەتخور بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ياقۇپ كۆپ جاپا تارتقان. ئۇ يۈسۈپنى «ئۆلتۈرۈلگەن» دەپ ئۇزۇن يىللار ماتەم تۇتقان، ئاندىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىنيامىننى «يوقاپ كەتتى» دەپ ئەنسىرەپ ئۆلەي دەپ قالغان. بىراق ئۆز پەرزەنتلىرى توغرىسىدا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ــ چۈنكى «ھازىر بولسا» ھەربىرى خۇدانىڭ باشپاناھىدا ئامان-ئېسەن مەڭگۈ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدۇ.
23 چۈنكى ياقۇپ قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا،
ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان،
ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان،
ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ.«ياقۇپ قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا...» ــ مۇشۇ 22-24-ئايەتتە ھەم ياقۇپنىڭ ئۆزىنى (ئىسرائىلنى) ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى (ئىسرائىللارنى) كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ ئۆزى ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.
24 روھى ئېزىپ كەتكەنلەر يورۇتۇلىدىغان،
قاقشاپ يۈرگەنلەر نەسىھەت-بىلىم قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.
 
 

29:1 «ئارىئەل» ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ «خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بېشى» دېگەنلىك، يەنى قۇربانگاھقا ئوت سالىدىغان ئورۇن. مۇشۇ ئىسىم، خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جاي ھەم خۇدانىڭ ئوتىغا ئۇچرايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم شۇ بابتىكى مەنىسى شۇكى، يېرۇسالېم پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس، بەلكى ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئوتلۇق غەزىپىگە ئۇچرايدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى، دېگەنلىك. «يەنە بىر يىل يىللارغا قوشۇلسۇن» ــ مەنىسى بەلكىم، «بىر يىلدىن كېيىن» ــ دېمەك (2-8-ئايەتكە ئاساسەن)، ئاسۇرىيە بىر يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا، بېشارەت مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى بېرىلگەن. تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «يىللار كۆپرەك ئۆتسۇن، ھېيت-بايراملار يەنىلا ئۆتكۈزۈلسۇن» قاتارلىق. ئىككى خىل تەرجىمىسى ئوخشاشلا، ۋاقىتمۇ ياكى ھېيت-بايراملاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرمۇ سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

29:3 «مەن سېنى قاپساپ چېدىرلار تىكتۈرۈپ... پوتەيلىرى بىلەن سېنى قورشىۋالىمەن» ــ بېشارەت ئاسۇرىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرسەتكەن ئەمەس، بەلكى «بارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى»نىڭ بىر ھۇجۇمىنى كۆرسىتىدۇ (7-ئايەت)؛ شۇڭا ئۇ ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كېيىن بېرىلگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇدا «ئارىئەل»نى (ھەر قېتىم نىجاتىنى رەت قىلىشى تۈپەيلىدىن) بابىلدىن ئاندىن رىملىقلاردىن (مىلادىيەدىن كېيىنكى 70-يىل) قۇتقۇزغان ئەمەس. شۇڭا بېشارەت ئاخىرقى زاماندىكى كۆپ ئەل-يۇرتلارنىڭ (7-ئايەت) يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا ئىسرائىلغا قىلىدىغان ھۇجۇمىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

29:3 يەر. 6‏:3؛ ئ‍ەز. 17‏:17

29:4 يەش. 8‏:19

29:5 ئايۇپ 21‏:18؛ زەب. 1‏:4؛ 35‏:5-6؛ يەش. 17‏:13؛ 30‏:13

29:6 «... سەندىن ھېساب ئالىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... سېنى يوقلايدۇ».

29:8 «...ئويغانسا، مانا ئۇ ھالىدىن كېتىدۇ، ئۇ يەنىلا ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولىدۇ؛ مانا زىئون تېغىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نۇرغۇنلىغان قوشۇنلىرى دەل شۇنداق بولىدۇ» ــ دېمەك، بۇ چۈشنى كۆرگەن كىشى باشقا ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈشىدە كۆرگەن «تاماق-سۇ» بارلىق ئەللەر يۇتۇۋالماقچى بولغان يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. ئەللەر «يېرۇسالېم بىزنىڭكى» دەپ خام خىيال قىلىپ، تۇيۇقسىز ھەممىدىن ئايرىلىپ، مەغلۇپ بولىدۇ.

29:9 «ئەمدى ئارىسالدى بولىۋېرىپ، قايمۇقۇپ كېتىڭلار!...» ــ بۇ ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. يەشايا ئاسۇرىيە ياكى باشقا بېسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلاردىن قۇتۇلۇشنى ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا ئېيتقان (36-37-بابلارنى كۆرۈڭ). ئەمدى مۇشۇ قۇتۇلۇشلارنى كۆرگەنلەر يەنىلا خۇداغا ئىشەنمەي «تاسادىپىيلىقتىن بولغان» ياكى «مىسىر بىلەن بولغان ئىتتىپاقتىن بولغان» دېسە قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇلار شۇ چاغدا «ئارىسالدى» بولسا، ھېچ قارارغا تېخى كەلمىسە، ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشتا باش قاتۇرىدىغان بولىدۇ. يەشايا ئۇلارنىڭ شۇنداق كاجلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن (خۇدانىڭ ئاگاھىنى 10:6-ئايەتتە كۆرۈڭ). شۇڭا ئۇ كىنايە قىلىپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

29:10 «پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ... ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كارامەتلىرىنى يەنىلا ئېتىراپ قىلمىغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارنى تېخىمۇ ئۆز كاجلىقىدا بېكىتىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلغىنى بىلەن ئۇ ئۇلارنى تېخى تاشلىۋەتمىگەن؛ ئۇ ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت 14-ئايەتتە ئالدىنئالا ئېيتىلىدۇ.

29:10 رىم. 11‏:8

29:12 «كىتاب ساۋاتسىز بىرسىگە بېرىلىپ... ئۇ: ــ «مەن ساۋاتسىز» ــ دەيدۇ» ــ ساۋاتلىق كىشى بولسا «كىتاب پېچەتلەنگەن» (پېچەتنى بۇزۇشقا ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايمەن) دېگەن باھانىنى كۆرسىتىدۇ. ساۋاتسىز كىشى بولسا ئەلۋەتتە ئوقۇيالمايدۇ؛ بىراق ئۇ ساۋاتلىق كىشىدىنمۇ ئوقۇپ بېرىشنى سورىمايدۇ. دېمەك، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ ئىككى خىل كىشىلەرگە ئوخشاش خۇدانىڭ بەرگەن ۋەھىيسىگە پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرىۋېرىدۇ.

29:13 «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، ... قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس» ــ «مات.» 7:15-9، «مار.» 6:7-7نى كۆرۈڭ.

29:13 مات. 15‏:8؛ مار. 7‏:6

29:14 «شۇڭا مانا، مەن مۇشۇ خەلق ئارىسىدا يەنە بىر كارامەت كۆرسىتىمەن؛ كارامەت بىر ئىشنى كارامەت بىلەن قىلىمەن» ــ خۇدا ئۇلارغا سەۋر-تاقەت بىلەن يەنە بىر پۇرسەت بەرمەكچى. بۇ پۇرسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق بۇ يەردە دېيىلگەن سۆزلەرگە قارىغاندا بۇ كارامەتنىڭ «ئاسۇرىيەدىن قۇتۇلۇش» دېگەن مۆجىزىدىن بىرنەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى، ئاجايىبلىقى، كارامەتلىكى ۋە تىلسىماتلىقى بار بولۇشى مۇمكىن. بىز يەنە شۇنداق دەپ قارايمىزكى، يەشايا پەيغەمبەر مۇشۇ ئىشنى كىتابىنىڭ قالغان قىسمىدا بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى ئۇنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دانىشمەنلىرىنىڭ دانالىقى يوقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىللىرىنىڭ ئەقىللىرى يوشۇرۇنۇۋالغان بولىدۇ» ــ خۇدانىڭ ئىشلىگەن مۇشۇ كارامىتىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى «دانىشمەنلىك»نى ئۆز-ئۆزىدىن خىجىل قىلىدۇ. «1كور.» 19:1نى كۆرۈڭ. ««ئاقىللارنىڭ ئەقىللىرى» يوشۇرۇنىۋالىدۇ» ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەقلى ھېچ ئەسقاتمايدۇ ھەم باشقىلار ئالدىدا كۆرۈنۈشكە خىجىل بولىدۇ.

29:14 يەر. 49‏:7؛ ئ‍وب. 8؛ مات. 11‏:25؛ 1كور. 1‏:19

29:15 زەب. 94‏:7

29:16 يەش. 45‏:9

29:17 «لىۋان مېۋىلىك باغغا ئايلاندۇرۇلمامدۇ؟ مېۋىلىك باغ بولسا ئورمان ھېسابلانمامدۇ؟» ــ لىۋان كونا زامانلاردىن تارتىپ ئورمانلىرى بىلەن داڭقى چىققان رايون بولۇپ كەلگەن. مۇشۇ ئورمان بىلەن ئۇنىڭ «مېۋىلىك باغ»لىرىنىڭ روللىرى ئالماشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغانلار ياكى تەكەببۇرلار پەس (بىراق يەنىلا ياخشى ۋە مېۋە بېرىدىغان) ئورۇنغا بېكىتىلىدۇ ۋە كەمتەرلەر بولسا يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلىدۇ، دېمەكچى. قانداقلا بولمىسۇن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىرىدا ئالمىشىش يۈز بېرىدۇ.

29:18 مات. 11‏:5

29:21 «(ئۇلار) دەرۋازىدا تۇرۇپ رەزىللىككە تەنبىھ بەرگۈچى ئۈچۈن تۇزاق تەييارلاپ قويىدۇ» ــ شەھەر دەرۋازىسى سوت قىلىدىغان جاي ئىدى.

29:21 ئام. 5‏:10

29:22 شۇڭا ئىبراھىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھازىر بولسا ياقۇپ خىجىللىققا قالمايدۇ، ھازىر بولسا ئۇ تىت-تىت بولۇپ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ» ــ دېمەك: ــ (1) «ياقۇپ ئۆز پەرزەنتلىرى (جەمەتى) توغرىسىدا خىجىل بولمايدۇ». ياقۇپ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ قىلمىشلىرىدىن ناھايىتى خىجىل بولۇپ يۈرەتتى («يار.» 34-بابنى كۆرۈڭ). ئاندىن ياقۇپ كېيىنكى دەۋردە پەرزەنتلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرگەن بولسا، تېخىمۇ خىجىل بولغان بولاتتى! بىراق «ھازىر بولسا» (كەلگۈسىدە) ئادىل، ھەققانىي، ساپ دىللىق «يېڭىدىن تۇغۇلغان»، يېڭى بىر پەرزەنتى، يېڭى بىر ئىسرائىل ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ ياقۇپ (تىرىلگەن ۋاقتىدا) ئۇلاردىن ھېچ خىجىل بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. (2) «ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتمەيدۇ» ــ ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ بىر-بىرىگە ھەسەتخور بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ياقۇپ كۆپ جاپا تارتقان. ئۇ يۈسۈپنى «ئۆلتۈرۈلگەن» دەپ ئۇزۇن يىللار ماتەم تۇتقان، ئاندىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىنيامىننى «يوقاپ كەتتى» دەپ ئەنسىرەپ ئۆلەي دەپ قالغان. بىراق ئۆز پەرزەنتلىرى توغرىسىدا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ــ چۈنكى «ھازىر بولسا» ھەربىرى خۇدانىڭ باشپاناھىدا ئامان-ئېسەن مەڭگۈ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدۇ.

29:23 «ياقۇپ قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا...» ــ مۇشۇ 22-24-ئايەتتە ھەم ياقۇپنىڭ ئۆزىنى (ئىسرائىلنى) ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى (ئىسرائىللارنى) كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ ئۆزى ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن تىرىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە.