33
نىجات زىئونغا كېلىدۇ
ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى،
باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان،
ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى،
سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!
سەن بۇلاڭ-تالاڭنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن،
ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن؛
سەن ئاسىيلىقنى بولدى قىلىشىڭ بىلەن،
ئۆزۈڭ ئاسىيلىققا ئۇچرايسەن؛ «ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!...» ــ مۇشۇ ئايەت ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىل پادىشاھى ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ سەنناخېرىب بىلەن «سۈلھ» ئەھدىسىنى تۈزدۈرگەن («2پاد.»، 13:18-18ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ئىلگىرىكى ئاھاز پادىشاھنىڭمۇ ئاسۇرىيە بىلەن تۈزگەن «تىنچلىق» ئەھدىسى بار ئىدى («2پاد.» 16-بابنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى، ئىككى ئەھدىنى بۇزۇپ ئىسرائىل (يەھۇدا)نىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، پايتەختى يېرۇسالېمغا تەھدىت سالدى. ئۇنىڭ شۇنداق «ئاسىيلىق» ئىشلىرى خېلى كۆپ ئىدى.
بەلكىم، مۇشۇ بېشارەتتىكى «ئاسىيلىق قىلغۇچى»، «ئەھدىنى بۇزۇدىغان» دېگەن سۆزلەر ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئى پەرۋەردىگار، بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛
بىز سېنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ كەلدۇق؛
ئۆتۈنىمىزكى، سەن ھەر سەھەر ئىسرائىلغا كۈچلۈك بىلەك-قول،
قىيىنچىلىق پەيتلىرىدە نىجاتىمىز بولغايسەن.
توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛
سەن خۇدا قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ؛ «توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن ... قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ» ــ بۇ، بەلكىم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ 2-ئايەتتىكى دۇئاسىغا بەرگەن جاۋابى بولۇشى مۇمكىن.
«توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرى...» بەلكىم ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ يۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 9:19-ئايەتنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب «تىرھاكاھ كېلىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چېكىندى.
ئاخىرقى زامانلاردا مۇشۇ ۋەقەگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ۋەقە بولىدۇ («دان.» 44:11-ئايەتنى كۆرۈڭ).
چېكەتكە لىچىنكىلىرى ئوت-كۆكلەرنى يىغىپ يەۋالغاندەك،
سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ؛
چېكەتكىلەر ئۇيان-بۇيان يۈگۈرگەندەك ئادەملەر ئولجا ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈشىدۇ. «سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ» ــ بىزنىڭچە «سىلەر» ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئاسۇرىيەلىكلەر ئولجىنى ئۇلارغا تاشلاپ قاچىدۇ (36-، 37-بابنى كۆرۈڭ). باشقا تەرجىمانلار «سىلەر» دېگەن ئىسرائىلدىن باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ شەرھىلەيدۇ.
پەرۋەردىگار ئۈستۈن تۇرىدۇ،
بەرھەق، ئۇنىڭ تۇرالغۇسى يۇقىرىدىدۇر؛
ئۇ زىئونغا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق تولدۇردى؛
ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر. «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان گۆھىرى».
 
ئىسرائىلدىكى ھازىرقى ئەھۋال
مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى سىرتتا تۇرۇپ نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛
سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ؛ «مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ... نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ» ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەت ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «پالۋانلار ...نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ... ئەلچىلەر يىغلىشىدۇ» ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب «سۈلھ-ئەھدە»گە ئاسىيلىق قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغان؛ ئەھۋال 7-9-ئايەتلەردە تەسۋىرلىگەندەك بولغان. شۇ چاغدا ھەزەكىيا بىلەن ئۇ سەنناخېرىبقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئاشۇ سۈلھ-ئەھدىنىڭ بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك.
يوللار ئادەمسىز قالدى؛
ئۆتكۈنچى يولچىلار يوق بولدى؛
ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛
شەھەرلەرنى كۆزىگە ئىلمايدۇ،
ئادەملەرنى ھېچ ئەتىۋارلىمايدۇ. «ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى» ــ «ئۇ» بەلكىم ئاسىيلىق قىلغۇچى (ئاسۇرىيەلىك) سەنناخېرىبنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن.
زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، زەئىپلىشىدۇ؛
لىۋان خىجالەتتىن سولىشىدۇ؛
شارون چۆل-باياۋانغا ئايلاندى؛
باشان ۋە كارمەل بولسا قىرىپ تاشلاندى. «لىۋان... شارون... باشان... كارمەل...» ــ چىرايلىق ئورمانزارلىق رايون. شارون مۇنبەت يايلاق. باشان دەل-دەرەخلىرى كۆپ، چارۋىچىلىقتىن بېيىغان رايون. كارمەل يەرلىرى ئىنتايىن مۇنبەت، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كۆپ چىقىدىغان، كۆپ يايلاقلىرى بار رايون ئىدى. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.
 
خۇدا ئورنىدىن تۇرۇپ قۇتقۇزىدۇ
10 مانا ھازىر ئورنۇمدىن تۇرىمەن،
ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،
ــ ھازىر ئۆزۈمنى ئۈستۈن كۆرسىتىمەن،
ھازىر قەددىمنى كۆتۈرىمەن.
11 ــ سىلەرنىڭ بويۇڭلاردا قۇرۇق ئوت-چۆپلا بار،
پاخال تۇغىسىلەر؛
ئۆز نەپەسلىرىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛
12 ئەللەر بولسا ھاك كۆيدۈرۈلگەندەك كۆيدۈرىلىدۇ؛
ئورۇلغان جىغان-تىكەنلەردەك ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
13 ــ ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛
يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار. «ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار» ــ مۇشۇ بېشارەت 10-ئايەتتىن باشلاپ ئاخىرقى زامانلارغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.
14 زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛
ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ.
ئۇلار: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟
كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ.
 
سوئالغا جاۋاب
15 ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان،
دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان،
زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان،
پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان،
قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان،
پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان..» ــ بۇ سۆزلەر 14-ئايەتتىكى «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولغان جاۋابنىڭ بېشىدۇر. «پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پارىلار تۇتقۇزۇپ قويۇلمىسۇن دەپ قوللىرى تىترەپ كېتىدىغان». «پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان» ــ مەنىسى بەلكىم: «رەزىللىكنى كۆزىتىشنى قەتئىي رەت قىلىدىغان».   زەب. 15‏:1-2؛ 24‏:3-4
16 ئۇ يۇقىرىنى ماكان قىلىدۇ؛
قورام تاشلار ئۇنىڭ قورغىنى بولۇپ،
يۇقىرى ئۇنىڭ باشپاناھى بولىدۇ؛
ئۆز رىسقى ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ،
ئۇنىڭ سۈيى كاپالەتلىك بولىدۇ».
17 ــ «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ؛
كۆزلىرىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىنغا نەزەر سالىدۇ. «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە پادىشاھنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخى دەپ بېرىلمىدى. ئۇ يۇقىرىقى 9-باب، 6-ئايەت، 11-باب، 1-9-ئايەت ۋە 32-باب، 1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پادىشاھقا ئوخشاش ئادەم بولۇشى كېرەك. «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ» ــ «گۈزەللىكىدە» دېگەنلىك، پادىشاھنىڭ بەلكىم باشقا ئەھۋالدىمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. «ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىن» ــ بەلكىم كەڭ-ئازادىلىك، ھېچ ۋەھىمە كۆرۈنمەيدىغان زېمىن دېگەن مەنىدە.
18 كۆڭلۈڭ ۋەھىمە توغرىسىدا چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ؛
رويخەتچى بەگ قېنى؟
ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟
ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟ «رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟» ــ مۇشۇ بەگلەر، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنى ئاياغ ئاستى قىلغان دۈشمەننىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ بەگلىرى؛ بىراق ئۇلارنىڭ روللىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس. بىرىنچىسى، بەلكىم، ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلىغان؛ ئىككىنچىسى ئولجىنى خاتىرىلىۋالغان؛ ئۈچىنچىسى شەھەردىكى پاچاقلاش كېرەك بولغان ئىستىھكاملارنى خاتىرىلىۋالغان.
19 قايتىدىن ئەشەددىي خەلقنى كۆرمەيسەن،
ــ سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان،
دۇدۇقلاپ گەپ قىلىدىغان، گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن. «سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، ... گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن» ــ بۇ ئايەت، شۈبھىسىزكى، زېمىنىنىڭ ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلغانلىقىنى ياكى ئۇلار تەرىپىدىن خەلقنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا چەتئەل تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ.
20 ئىبادەت ھېيتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر زىئونغا قارا؛
سېنىڭ كۆزۈڭ يېرۇسالېمنىڭ تىنچ-ئامان ماكان بولغانلىقىنى،
قوزۇقلىرى ھەرگىز يۇلۇنمايدىغان،
تانىلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدىغان،
ئىككىنچى يۆتكەلمەيدىغان چېدىر بولغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ زەب. 46‏:5؛ 125‏:1، 2
21 شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ،
ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛
پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ،
ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ؛ «شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ» ــ بۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى، پەرىزىمىزچە: «پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى بەرىكەتلىك قىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەرسىنى باشقا ئەللەردىن كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭلاشقا بىز كېمە ئېلىپ كەلگەن ھېچقانداق مەھسۇلاتلارغا موھتاج ئەمەسمىز؛ پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە ھەممىنى تەمىنلىگۈچىدۇر» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.
22 چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ نىجاتكار-ھاكىمىمىز،
پەرۋەردىگار بىزگە قانۇن بەرگۈچىدۇر،
پەرۋەردىگار ــ بىزنىڭ پادىشاھىمىز،
ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ!
23 سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ،
ئىسرائىل يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ،
يەلكەننى يېيىپ چىقىرالمىسىمۇ،
ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛
ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ. «سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، ئىسرائىل يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، ... ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ» ــ يەنە بىر سىرلىق گەپ! پەرىزىمىزچە، بۇ بىر ئوخشىتىش بولۇپ، ئىسرائىلنى بىر چوڭ كېمىگە ئوخشاتقان؛ كېمە بولسا بەك كونىراپ كەتكەن، ماڭالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى، بۇ خۇدانىڭ تەقدىم قىلماقچى بولغان بەرىكىتىگە ھېچقانداق توسالغۇ بولمىغان؛ ئولجا ھامان قولغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا «ئاقساق-توكۇ» ۋە ئاجىز ئادەملەرمۇ بەخت-بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ.
بەزى ئالىملار كېمە توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىلغان، دەپ قارايدۇ.
24 شۇ چاغدا شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ؛
شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا: ــ «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلق گۇناھىدىن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ»
 
 

33:1 «ئى ئۆزۈڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنمىغان، باشقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، باشقىلار ساڭا ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!...» ــ مۇشۇ ئايەت ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىل پادىشاھى ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ سەنناخېرىب بىلەن «سۈلھ» ئەھدىسىنى تۈزدۈرگەن («2پاد.»، 13:18-18ئايەتنى كۆرۈڭ)؛ ئىلگىرىكى ئاھاز پادىشاھنىڭمۇ ئاسۇرىيە بىلەن تۈزگەن «تىنچلىق» ئەھدىسى بار ئىدى («2پاد.» 16-بابنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 701-يىلى، ئىككى ئەھدىنى بۇزۇپ ئىسرائىل (يەھۇدا)نىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، پايتەختى يېرۇسالېمغا تەھدىت سالدى. ئۇنىڭ شۇنداق «ئاسىيلىق» ئىشلىرى خېلى كۆپ ئىدى. بەلكىم، مۇشۇ بېشارەتتىكى «ئاسىيلىق قىلغۇچى»، «ئەھدىنى بۇزۇدىغان» دېگەن سۆزلەر ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن.

33:3 «توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرىدىن خەلقلەر بەدەر قاچىدۇ؛ سەن ... قەددىڭنى تىك قىلىشىڭ بىلەن ئەللەر پىتىراپ كېتىدۇ» ــ بۇ، بەلكىم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنىڭ 2-ئايەتتىكى دۇئاسىغا بەرگەن جاۋابى بولۇشى مۇمكىن. «توپ-توپ ئادەملەرنىڭ غوۋغا-چۇقانلىرى...» بەلكىم ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ يۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ («2پاد.» 9:19-ئايەتنى كۆرۈڭ). سەنناخېرىب «تىرھاكاھ كېلىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چېكىندى. ئاخىرقى زامانلاردا مۇشۇ ۋەقەگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ۋەقە بولىدۇ («دان.» 44:11-ئايەتنى كۆرۈڭ).

33:4 «سىلەرگە بېكىتىپ بېرىلگەن ئولجا يىغىۋېلىنىدۇ» ــ بىزنىڭچە «سىلەر» ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئاسۇرىيەلىكلەر ئولجىنى ئۇلارغا تاشلاپ قاچىدۇ (36-، 37-بابنى كۆرۈڭ). باشقا تەرجىمانلار «سىلەر» دېگەن ئىسرائىلدىن باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ شەرھىلەيدۇ.

33:6 «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان گۆھىرى».

33:7 «مانا، ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ... نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ سۈلھ-ئەھدە تۈزگەن ئەلچىلەر قاتتىق يىغلىشىدۇ» ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەت ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. 8-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «پالۋانلار ...نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ... ئەلچىلەر يىغلىشىدۇ» ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب «سۈلھ-ئەھدە»گە ئاسىيلىق قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغان؛ ئەھۋال 7-9-ئايەتلەردە تەسۋىرلىگەندەك بولغان. شۇ چاغدا ھەزەكىيا بىلەن ئۇ سەنناخېرىبقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئاشۇ سۈلھ-ئەھدىنىڭ بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك.

33:8 «ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تاشلىدى» ــ «ئۇ» بەلكىم ئاسىيلىق قىلغۇچى (ئاسۇرىيەلىك) سەنناخېرىبنى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخىرقى زاماندىكى دەججالنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى مۇمكىن.

33:9 «لىۋان... شارون... باشان... كارمەل...» ــ چىرايلىق ئورمانزارلىق رايون. شارون مۇنبەت يايلاق. باشان دەل-دەرەخلىرى كۆپ، چارۋىچىلىقتىن بېيىغان رايون. كارمەل يەرلىرى ئىنتايىن مۇنبەت، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار كۆپ چىقىدىغان، كۆپ يايلاقلىرى بار رايون ئىدى. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.

33:13 «ئى يىراقتىكىلەر، مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئاڭلاڭلار؛ يېقىندىكىلەر، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمنى تونۇپ يېتىڭلار» ــ مۇشۇ بېشارەت 10-ئايەتتىن باشلاپ ئاخىرقى زامانلارغا ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.

33:15 «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان..» ــ بۇ سۆزلەر 14-ئايەتتىكى «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولغان جاۋابنىڭ بېشىدۇر. «پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پارىلار تۇتقۇزۇپ قويۇلمىسۇن دەپ قوللىرى تىترەپ كېتىدىغان». «پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان» ــ مەنىسى بەلكىم: «رەزىللىكنى كۆزىتىشنى قەتئىي رەت قىلىدىغان».

33:15 زەب. 15‏:1-2؛ 24‏:3-4

33:17 «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە پادىشاھنىڭ كىم ئىكەنلىكى تېخى دەپ بېرىلمىدى. ئۇ يۇقىرىقى 9-باب، 6-ئايەت، 11-باب، 1-9-ئايەت ۋە 32-باب، 1-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پادىشاھقا ئوخشاش ئادەم بولۇشى كېرەك. «كۆزلىرىڭ پادىشاھنى گۈزەللىكىدە كۆرىدۇ» ــ «گۈزەللىكىدە» دېگەنلىك، پادىشاھنىڭ بەلكىم باشقا ئەھۋالدىمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. «ئۇزۇنغا سوزۇلغان زېمىن» ــ بەلكىم كەڭ-ئازادىلىك، ھېچ ۋەھىمە كۆرۈنمەيدىغان زېمىن دېگەن مەنىدە.

33:18 «رويخەتچى بەگ قېنى؟ ئولجىنى ئۆلچەيدىغان تارازىچى بەگ قېنى؟ ئىستىھكام-مۇنارلارنى سانىغۇچى بەگ قېنى؟» ــ مۇشۇ بەگلەر، شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنى ئاياغ ئاستى قىلغان دۈشمەننىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ بەگلىرى؛ بىراق ئۇلارنىڭ روللىرى ئانچە ئېنىق ئەمەس. بىرىنچىسى، بەلكىم، ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەييارلىغان؛ ئىككىنچىسى ئولجىنى خاتىرىلىۋالغان؛ ئۈچىنچىسى شەھەردىكى پاچاقلاش كېرەك بولغان ئىستىھكاملارنى خاتىرىلىۋالغان.

33:19 «سەن ئاڭقىرالمايدىغان، بوغۇزىدا سۆزلەيدىغان، ... گېپىنى چۈشىنەلمەيدىغان بىر خەلقنى ئىككىنچى كۆرمەيسەن» ــ بۇ ئايەت، شۈبھىسىزكى، زېمىنىنىڭ ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلغانلىقىنى ياكى ئۇلار تەرىپىدىن خەلقنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا چەتئەل تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشنى كۆرسىتىدۇ.

33:20 زەب. 46‏:5؛ 125‏:1، 2

33:21 «شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بىزگە كۆرۈنىدۇ، ــ ئۇ ئۆزى دەريالار، كەڭ ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ پالاقلار بىلەن ھەيدەلگەن ھېچقانداق كېمە ئۇ جايدا قاتنىمايدۇ، ۋە ياكى ھېچ ھەيۋەتلىك كېمە ئۇ جايدىن ئۆتمەيدۇ» ــ بۇ سىرلىق گەپنىڭ مەنىسى، پەرىزىمىزچە: «پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى بەرىكەتلىك قىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەرسىنى باشقا ئەللەردىن كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭلاشقا بىز كېمە ئېلىپ كەلگەن ھېچقانداق مەھسۇلاتلارغا موھتاج ئەمەسمىز؛ پەرۋەردىگار ئۆزى بىزگە ھەممىنى تەمىنلىگۈچىدۇر» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن.

33:23 «سېنىڭ تانا-ئارغامچىلىرىڭ بوشىغان بولسىمۇ، ئىسرائىل يەلكەن خادىسىنىڭ تۇرۇمىنى مۇستەھكەم قىلالمىسىمۇ، ... ئۇ چاغدا زور بىر ئولجا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ؛ ھەتتا ئاقساق-توكۇرلارمۇ ئولجىنى ئالىدۇ» ــ يەنە بىر سىرلىق گەپ! پەرىزىمىزچە، بۇ بىر ئوخشىتىش بولۇپ، ئىسرائىلنى بىر چوڭ كېمىگە ئوخشاتقان؛ كېمە بولسا بەك كونىراپ كەتكەن، ماڭالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك. ھالبۇكى، بۇ خۇدانىڭ تەقدىم قىلماقچى بولغان بەرىكىتىگە ھېچقانداق توسالغۇ بولمىغان؛ ئولجا ھامان قولغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا «ئاقساق-توكۇ» ۋە ئاجىز ئادەملەرمۇ بەخت-بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ. بەزى ئالىملار كېمە توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىلغان، دەپ قارايدۇ.

33:24 «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلقنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا: ــ «شۇ جاينى ماكان قىلغان خەلق گۇناھىدىن كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ»