40
ئىسرائىلغا بېرىلگەن تەسەللى؛ •••• دۇنياغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۈمىد-تەسەللى
خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛
يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى،
ئۇنىڭ جەبىر-جاپالىق ۋاقتى ئاخىرلاشتى،
ئۇنىڭ قەبىھلىكى كەچۈرۈم قىلىندى؛
چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقىتىنى ئالدى. «يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى،....» ــ مەزكۇر خەۋەرنى كىمنىڭ جاكارلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلمىدى. بەلكىم مۇشۇ سۆز خۇدانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە قارىتىلىدۇ. كىرىش سۆزىمىزدە دېيىلگىنىدەك، كىتابنىڭ قالغان قىسىملىرى (40-66-بابلار) يەشايانىڭ ئۆمرىدىن كېيىنكى بىر دەۋردىكى ئىسرائىللار، يەنى پالاندى بولىدىغان بىر دەۋرگە ياكى دەۋرلەرگە قارىتىلىدۇ؛ سۈرگۈن قىلغۇچى بابىل ئىمپېرىيەسى بولغىنى بىلەن، كۆرۈپ تۇرىمىزكى، «يەشايا»نىڭ بىرىنچى قىسمىدىكىدەك، ئىككىنچى قىسىمدىكى بەزى بېشارەتلەرمۇ ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. «بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقىتىنى ئالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككە ھەسسىلەپ ئالدى» دېيىلىدۇ. شەرھچىلەرنىڭ «ئىككى ھەسسىلەپ» دېگەن مۇشۇ ئىبارە ئۈستىدە بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچ خىل كۆزقارىشى بار: ــ
(1) ئىسرائىل گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككى ھەسسە جازا ئالدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، باشقا ئەل-مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى ھەسسە بەرىكەت ئالىدۇ. ئۇ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، يەنە باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قوبۇل قىلغان ۋەھىي-خەۋىرىمۇ كۆپ. شۇڭا بۇلارنى باشقا ئەللەرگە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمۇ كۆپ؛ گۇناھى بار بولسا باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا «ئىككى ھەسسە» ئارتۇق جازالىنىشى كېرەك. بىراق بۇ بېشارەتكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ جازالىنىش مەزگىلى ئاخىرلاشتى.
(2) «ئىككى ھەسسىلەپ»نىڭ مەنىسى «دەل گۇناھىغا ماس كېلىدىغان جازا» دېگەنلىكتۇر.
(3) خۇدا ئىسرائىلغا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يەنى گۇناھىنىڭ ئورنىغا «ئىككى ھەسسىلەپ» مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ پىكرىمىز ئەينى شۇنداق (61-باب، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئۇنداقتا «ئىككى ھەسسىلەپ» بولسا ھەم كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم خۇدانىڭ روھىنى، يېڭى ھاياتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر (مەسىلەن، 43-باب، 25-ئايەتتىن 44-باب، 5-ئايەتكىچە، ھەم 61-باب، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). مۇنداق زور مېھىر-شەپقەتنىڭ كېلىپ-چىقىش سىرلىرى 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ.
مۇشۇ ئۈچ خىل كۆزقاراشنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىي مەنىسى شۇكى، خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلماقچى ھەم ئۇلارغا مېھرىبانلىقىنى كۆرسەتمەكچى.
ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى!
«پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار،
چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار! «ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ مۇشۇ نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى ئېيتقان يول يۇقىرىقى 35-بابتىكى يول ئەمەس؛ ئاشۇ يول زىئونغا قايتقانلار ئۈچۈن تەييارلانغان. مۇشۇ يولنى بولسا، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن (سۆيۈملۈك بىر پادىشاھ قارشى ئېلىنغاندەك) ئادەملەر تەييارلىشى كېرەك.
نامسىز زاتنىڭ ئاۋازنىڭ بىر ئىپادىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنجىل، «لۇقا» 3-باب 1-6-ئايەتنى، «يۇھ.» 23:1نى كۆرۈڭ. شۇ يەرلەردە «نامسىز زات»نىڭ دەل چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.
   مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4؛ يـۇھ. 1‏:23
بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ،
بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەس قىلىنىدۇ؛
ئەگرى-توقايلار تۈزلىنىدۇ،
ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشىلىنىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ،
ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!». يـۇھ. 1‏:14
ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛
جاكارلىغۇچى بولسا مۇنداق سوراپ: ــ «مەن نېمىنى جاكارلايمەن؟» ــ دېدى.
جاۋاب بولسا: ــ «بارلىق تەن ئىگىلىرى ئوت-چۆپتۇر، خالاس؛
ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ۋاپالىقى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئايۇپ 14‏:2؛ زەب. 90‏:5، 6؛ 102‏:11؛ 103‏:15-16؛ ياق. 1‏:10؛ 1پېت. 1‏:24
ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ،
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛
بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر! «بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر» ــ مۇشۇ يەردە «خەلق» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛
بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» «ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» ــ شەرھىمىز بويىچە، 3-5-ئايەتتىكى ئاۋاز چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى، 6-ئايەتتىكى بىرىنچى نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى خۇدانىڭكى؛ ئىككىنچى نامسىز زاتنىڭ سەل ئۈمىدسىزلەن ھالەتتە سوئال سورىغان ئاۋازى يەنىلا يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى. باشقىلار ئىككىنچى ئاۋازنى يەشايانىڭكى ياكى نامسىز بىر پەيغەمبەرنىڭكى، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى ئاۋازنىڭ دېگەن گەپلىرى 7-ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا 8-ئايەتتە «ئۈمىدسىزلەنمە» دېگەن مەنىدە جاۋاب بېرىدۇ ھەم 9-ئايەتتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسرائىلغا زور ئۈمىد يەتكۈزىدۇ.   1پېت. 1‏:25
ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛
يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى،
ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن!
ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن!
يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن!
10 مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ،
ئۇنىڭ بىلىكى ئۆزى ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ؛
مانا، ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئۆزى بىلەن بىللە،
ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ــ تولۇق مەنىسى كېيىنكى بابلاردا، بولۇپمۇ 1:53دە ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر.   يەش. 62‏:11
11 قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛
ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ،
ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ. يەش. 49‏:10؛ ئ‍ەز. 34‏:23، 24؛ مىك. 7‏:14؛ يـۇھ. 10‏:11
 
ئىسرائىلنىڭ تەڭداشسىز خۇداسى
12 كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن،
ئاسمانلارنى غېرىچلاپ بېكىتكەن،
جاھاننىڭ توپا-چاڭلىرىنى مىسقاللاپ سالغان،
تاغلارنى تارازىدا تارازىلاپ،
دۆڭلەرنى جىڭدا تارتىپ ئورناتقان؟
13 كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟
كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟ رىم. 11‏:34؛ 1كور. 2‏:16
14 ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن،
كىم ئۇنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيەلىگەن؟
ئۇنىڭغا ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقىرىش يولىدا كىم يېتەكلىگەن،
ياكى ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگەتكەن،
ياكى ئۇنىڭغا يورۇتۇلۇش يولىنى كىم كۆرسەتكەن؟
15 مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك،
تارازىدا قالغان توپا-چاڭدەك ھېسابلىنىدۇ؛
مانا، ئۇ ئاراللارنى زەررىچە نەرسىدەك قولىغا ئالىدۇ؛
16 پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ ئوتىغا،
ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ. «پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ» ــ لىۋان ئورمانلىق كۆپ رايون. دېمەك، خۇداغا ھەقىقىي لايىق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن لىۋاندىكى بارلىق دەرەخلەر قۇربانگاھقا كېرەك بولىدىغان ئوتقا يېتىشمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىكى بارلىق كالا-قويلارمۇ قۇربانلىق بولۇشقا يېتىشمەيدۇ.
17 ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇلار يوقنىڭ ئارىلىقىدا،
قۇرۇق-مەنىسىز دەپ ھېسابلىنىدۇ. دان. 4‏:32
18 ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟
ئۇنى نېمىگە ئوخشىتىپ سېلىشتۇرىسىلەر؟ يەش. 46‏:5؛ روس. 17‏:29
19  بىر بۇتقىمۇ؟! ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛
زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ،
ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ.
20 يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛
ئۇ لىڭشىپ قالمىغۇدەك بىر بۇتنى ئويۇپ ياساشقا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەن ئىزدەپ چاقىرىدۇ.
21 سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟
22 ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ،
ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭ ئالدىدا چاقچىقىرلاردەك تۇرىدۇ؛
ئۇ ئاسمانلارنى پەردىدەك تارتىدۇ،
ئۇلارنى خۇددى ماكان قىلىدىغان چېدىردەك يايىدۇ؛ «چاقچىقىر» ــ كىچىك بىر خىل چېكەتكە.   ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 44‏:24
23 ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛
جاھاندىكى سوتچى-بەگلەرنى ئارتۇقچە قىلىدۇ. ئايۇپ 12‏:21؛ زەب. 107‏:40
24 ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟
ــ بىراق ئۇ ئۈستىگىلا پۈۋلەپ، ئۇلار سولىشىپ كېتىدۇ،
قۇيۇن ئۇلارنى توپاندەك ئېلىپ تاشلايدۇ.
25 ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟
ماڭا كىم تەڭداش بولالىسۇن؟» ــ دەيدۇ مۇقەددەس بولغۇچى.
26 كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار!
مۇشۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟
ئۇلارنى كىم تۈركۈم-تۈركۈم قوشۇنلار قىلىپ تەرتىپلىك ئەپچىقىدۇ؟
ئۇ ھەممىسىنى نامى بىلەن بىر-بىرلەپ چاقىرىدۇ؛
ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، قۇدرىتىنىڭ زورلۇقى بىلەن،
ئۇلاردىن بىرىمۇ كەم قالمايدۇ.
27 ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟
نېمىشقا مۇنداق سۆزلەۋېرىسەن، ئى ئىسرائىل: ــ
«مېنىڭ يولۇم پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇندۇر،
خۇدايىم مېنىڭ دەۋايىمغا ئېرەن قىلماي ئۆتىۋېرىدۇ!»؟
28 سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟
پەرۋەردىگار ــ ئەبەدىلئەبەدلىك خۇدا،
جاھاننىڭ قەرىلىرىنى ياراتقۇچىدۇر!
ئۇ يا ھالسىزلانمايدۇ، يا چارچىمايدۇ؛
ئۇنىڭ ئوي-بىلىمىنىڭ تېگىگە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ. زەب. 147‏:5
29 ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛
ماغدۇرسىزلارغا ئۇ بەرداشلىقنى ھەسسىلەپ ئاۋۇتىدۇ.
30 ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ،
باتۇرلار بولسا پۇتلىشىپ يىقىلسىمۇ،
31 بىراق پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەرنىڭ كۈچى يېڭىلىنىدۇ؛
ئۇلار بۈركۈتلەردەك قانات كېرىپ ئۆرلەيدۇ؛
ئۇلار يۈگۈرۈپ، چارچىمايدۇ؛
يولدا مېڭىپ، ھالىدىن كەتمەيدۇ!
 
 

40:2 «يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى،....» ــ مەزكۇر خەۋەرنى كىمنىڭ جاكارلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلمىدى. بەلكىم مۇشۇ سۆز خۇدانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە قارىتىلىدۇ. كىرىش سۆزىمىزدە دېيىلگىنىدەك، كىتابنىڭ قالغان قىسىملىرى (40-66-بابلار) يەشايانىڭ ئۆمرىدىن كېيىنكى بىر دەۋردىكى ئىسرائىللار، يەنى پالاندى بولىدىغان بىر دەۋرگە ياكى دەۋرلەرگە قارىتىلىدۇ؛ سۈرگۈن قىلغۇچى بابىل ئىمپېرىيەسى بولغىنى بىلەن، كۆرۈپ تۇرىمىزكى، «يەشايا»نىڭ بىرىنچى قىسمىدىكىدەك، ئىككىنچى قىسىمدىكى بەزى بېشارەتلەرمۇ ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ. «بارلىق گۇناھلىرىنىڭ ئورنىغا ئىككى ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقىتىنى ئالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككە ھەسسىلەپ ئالدى» دېيىلىدۇ. شەرھچىلەرنىڭ «ئىككى ھەسسىلەپ» دېگەن مۇشۇ ئىبارە ئۈستىدە بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچ خىل كۆزقارىشى بار: ــ (1) ئىسرائىل گۇناھلىرى ئۈچۈن ئىككى ھەسسە جازا ئالدى. ئىسرائىل خۇدانىڭ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، باشقا ئەل-مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى ھەسسە بەرىكەت ئالىدۇ. ئۇ «تۇنجى ئوغلى» بولۇپ، يەنە باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قوبۇل قىلغان ۋەھىي-خەۋىرىمۇ كۆپ. شۇڭا بۇلارنى باشقا ئەللەرگە يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمۇ كۆپ؛ گۇناھى بار بولسا باشقا ئەل-مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا «ئىككى ھەسسە» ئارتۇق جازالىنىشى كېرەك. بىراق بۇ بېشارەتكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ جازالىنىش مەزگىلى ئاخىرلاشتى. (2) «ئىككى ھەسسىلەپ»نىڭ مەنىسى «دەل گۇناھىغا ماس كېلىدىغان جازا» دېگەنلىكتۇر. (3) خۇدا ئىسرائىلغا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يەنى گۇناھىنىڭ ئورنىغا «ئىككى ھەسسىلەپ» مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ پىكرىمىز ئەينى شۇنداق (61-باب، 7-ئايەتنى كۆرۈڭ). ئۇنداقتا «ئىككى ھەسسىلەپ» بولسا ھەم كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم خۇدانىڭ روھىنى، يېڭى ھاياتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر (مەسىلەن، 43-باب، 25-ئايەتتىن 44-باب، 5-ئايەتكىچە، ھەم 61-باب، 7-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). مۇنداق زور مېھىر-شەپقەتنىڭ كېلىپ-چىقىش سىرلىرى 53-بابتا ئاشكارىلىنىدۇ. مۇشۇ ئۈچ خىل كۆزقاراشنىڭ قايسىسىنىڭ توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىي مەنىسى شۇكى، خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلماقچى ھەم ئۇلارغا مېھرىبانلىقىنى كۆرسەتمەكچى.

40:3 «ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، چۆل-باياۋاندا خۇدايىمىز ئۈچۈن بىر يولنى كۆتۈرۈپ تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ مۇشۇ نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى ئېيتقان يول يۇقىرىقى 35-بابتىكى يول ئەمەس؛ ئاشۇ يول زىئونغا قايتقانلار ئۈچۈن تەييارلانغان. مۇشۇ يولنى بولسا، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن (سۆيۈملۈك بىر پادىشاھ قارشى ئېلىنغاندەك) ئادەملەر تەييارلىشى كېرەك. نامسىز زاتنىڭ ئاۋازنىڭ بىر ئىپادىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنجىل، «لۇقا» 3-باب 1-6-ئايەتنى، «يۇھ.» 23:1نى كۆرۈڭ. شۇ يەرلەردە «نامسىز زات»نىڭ دەل چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.

40:3 مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ لۇقا 3‏:4؛ يـۇھ. 1‏:23

40:5 يـۇھ. 1‏:14

40:6 ئايۇپ 14‏:2؛ زەب. 90‏:5، 6؛ 102‏:11؛ 103‏:15-16؛ ياق. 1‏:10؛ 1پېت. 1‏:24

40:7 «بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر» ــ مۇشۇ يەردە «خەلق» ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.

40:8 «ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛ بىراق خۇدايىمىزنىڭ كالام-سۆزى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» ــ شەرھىمىز بويىچە، 3-5-ئايەتتىكى ئاۋاز چۈمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى، 6-ئايەتتىكى بىرىنچى نامسىز زاتنىڭ ئاۋازى خۇدانىڭكى؛ ئىككىنچى نامسىز زاتنىڭ سەل ئۈمىدسىزلەن ھالەتتە سوئال سورىغان ئاۋازى يەنىلا يەھيا پەيغەمبەرنىڭكى. باشقىلار ئىككىنچى ئاۋازنى يەشايانىڭكى ياكى نامسىز بىر پەيغەمبەرنىڭكى، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى ئاۋازنىڭ دېگەن گەپلىرى 7-ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇدا ئۇنىڭغا 8-ئايەتتە «ئۈمىدسىزلەنمە» دېگەن مەنىدە جاۋاب بېرىدۇ ھەم 9-ئايەتتە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسرائىلغا زور ئۈمىد يەتكۈزىدۇ.

40:8 1پېت. 1‏:25

40:10 «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ــ تولۇق مەنىسى كېيىنكى بابلاردا، بولۇپمۇ 1:53دە ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ بولسا «پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىي قۇلى»نىڭ باشقا بىر نامىدۇر.

40:10 يەش. 62‏:11

40:11 يەش. 49‏:10؛ ئ‍ەز. 34‏:23، 24؛ مىك. 7‏:14؛ يـۇھ. 10‏:11

40:13 رىم. 11‏:34؛ 1كور. 2‏:16

40:16 «پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ ئوتىغا، ئۇنىڭ ھايۋانلىرى بولسا بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىققا يەتمەيدۇ» ــ لىۋان ئورمانلىق كۆپ رايون. دېمەك، خۇداغا ھەقىقىي لايىق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن لىۋاندىكى بارلىق دەرەخلەر قۇربانگاھقا كېرەك بولىدىغان ئوتقا يېتىشمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىكى بارلىق كالا-قويلارمۇ قۇربانلىق بولۇشقا يېتىشمەيدۇ.

40:17 دان. 4‏:32

40:18 يەش. 46‏:5؛ روس. 17‏:29

40:22 «چاقچىقىر» ــ كىچىك بىر خىل چېكەتكە.

40:22 ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 44‏:24

40:23 ئايۇپ 12‏:21؛ زەب. 107‏:40

40:28 زەب. 147‏:5