52
ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال،
ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛
چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ.«ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا خۇدانىڭ غەزىپى زىئوندىن ئۆتتى، مېھىر-شەپقەتلىك كۈنى كەلدى. بىراق قانداق سەۋەبتىن مۇنداق بولغانلىقىنى خۇدا پەيغەمبەرگە تېخى ئايان قىلمىغان؛ تۆۋەندە، 13:52-12:53دە سەۋەبى ئايان قىلىنىدۇ.
«گۈزەل كىيىم» — ئىبرانىي تىلىدا ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان «قۇربانلىق قىلغۇچى» كاھىنلارنىڭ مەخسۇس كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، زىئوندىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاھىنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىپ، مەخسۇس ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى بار بولىدۇ.
توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛
ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم؛
ئۆزۈڭنى بوينۇڭدىكى زەنجىرلەردىن بوشىتىۋەتكىن، ئى تۇتقۇن بولغان زىئون قىزى!«توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم» ــ مۇشۇ ئايەتنى 47-باب، 1-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرساق، يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى بابىلنىڭكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. شۇ يەردە «ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختىڭ يوق يەرگە ئولتۇر!» دېيىلىدۇ. شۇ ئايەتكە قارىغاندا يېرۇسالېمنىڭ ئولتۇرغان ئورنى بىر تەخت بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«سىلەر ئۆزۈڭلارنى پۇلسىز سېتىۋەتكەنسىلەر؛
پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر».«پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر» ــ «پۇلسىز» ياكى «پۇل بىلەن ئەمەس» ــ دېمەك، مۇشۇ ھۆرلۈكنىڭ بىر باھاسى بار. قانداق باھا تېخى ئايان قىلىنمىغان؛ 13:52-12:53-ئايەتلەرگە كەلگەندىلا زور قىممەتلىك باھا ئايان قىلىنىدۇ.
چۈنكى مۇنداق دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار: ــ
خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن،
شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە،«خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە،...» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مىسىردىكى ئىسرائىللارغا زالىم بولغان پىرەۋن ئەسلىدە ئاسۇرىيەلىك ئىدى (ئۇ «ھىسكوس»لاردىن چىققان). ئەمما بىزنىڭچە «ئاسۇرىيەلىك» مۇشۇ يەردە سەنناخېرىب قاتارلىق ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  يار. 46‏:6
(ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار)
مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟
ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ
شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا،
مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!»«... (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» ــ 4- ۋە 5-ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاش كېرەك. ياقۇپنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئەسلىدە مىسىر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەرگە بارغان؛ كېيىنكى دەۋردىكى پىرەۋن ئىسرائىلغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇلارنى ئېزىشكە باشلىغان. خۇدا ئۇلارنى كارامەت مۆجىزىلەر بىلەن قۇتقۇزغان. «يېقىندا» (4-ئايەت) ئاسۇرىيە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغان (بۇ ئىش خۇدانىڭ تەربىيە جازاسىنى قىسمەن كۆرسىتىشى ئۈچۈن بولغان)، بىراق خۇدا يەنىلا ئۇلارنى كارامەت يول بىلەن قۇتقۇزغان. «ئەمدى ھازىر...» ئىسرائىللار (خۇدانىڭ جازاسى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئادا قىلىنغاندىن كېيىن) ئىنتايىن بىئادىل مۇئامىلىگە مۇپتىلا بولسا، خۇدا چوقۇم تېخىمۇ كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، دېمەكچى.  ئ‍ەز. 36‏:20،23؛ رىم. 2‏:24
شۇڭا ئۆز خەلقىم مېنىڭ نامىمنى بىلىدۇ؛
شۇڭا شۇ كۈنى ئۇلار مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلارغا: «كۆر، مېنى!» دەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.
 
پەرۋەردىگار زىئونغا كېلىدۇ!
تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!
ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ،
بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ،
نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ،
ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!»ناھ. 2‏:1؛ رىم. 10‏:15
كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا!
ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ،
ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ!«... پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا...» ــ دېمەك، پەرۋەردىگار زىئوننى (ئۆز خەلقىنى) ئەسلىدىكى جايىغا قايتۇرىدۇ. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار زىئوننى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىدە...»، «پەرۋەردىگار زىئونغا قايتقاندا...». ئەمەلىيەتتە بۇلار بىر گەپ ــ «زەك.» 16:1نى كۆرۈڭ.
ئى يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەرگەن،
ئۇ يېرۇسالېمنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان!
10 پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛
شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ.«پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان» ــ دېمەك، خۇدا كارامەت ئىش قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن «يەڭنى تۈرگەن»! «يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «كۆرۈش» بەلكىم كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ھەم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلدۈرىدۇ.  زەب. 98‏:1-2؛ لۇقا 3‏:6
11 چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛
ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛
پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛«مۇقەددەس قاچا-قۇچىلار» ــ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن قانۇنغا ئاساسەن بۇ قاچا-قۇچىلارنى پەقەت كاھىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمجەمەتتىكىلىرى (پاك ھالەتتە بولسا) كۆتۈرسە بولىدۇ؛ بىراق 1-ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ بارلىق خەلقىنىڭ مۇشۇ ئىمتىيازى بار.  2كور. 6‏:17؛ ۋەھ. 18‏:4
12 چۈنكى سىلەر ئالدىرىغان پېتى ئەمەس،
پاتىپاراق قاچقان پېتى ئەمەس چىقىپ كېتىسىلەر؛
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا ماڭىدۇ،
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئارقا مۇھاپىزەتچىڭلار بولىدۇ.
 
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىنىڭ قۇربانلىقى ــ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ھەم تىرىلدۈرۈلۈشى
13 « ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ،
ئۇ ئالەم ئالدىدا كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ.«ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ،..» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا» دېگەن ئاتاقلىق تۆت شېئىر بار. بۇ «ناخشىلار» 1:42-9-ئايەت، 1:49-13-ئايەت، 4:50-11-ئايەت ھەم 13:52-12:53-ئايەتكىچە داۋام قىلىدۇ.
«كۆرۈڭلاركى... مېنىڭ قۇلۇم...» دېگەن سۆزلەر ئەڭ ئاخىرقى «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا»نىڭ باشلىنىشىدۇر. مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى «ناخشا» ئىلگىرىكى ناخشىلارنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.
  يەش. 11‏:2، 3؛ ئ‍ەف. 1‏:20، 21‏: فىل. 2‏:9-11
 
14 لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ،
ــ چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن،
قۇلنىڭ قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان!«لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ» ــ «سېنى» شۇبھىسىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ.  يەش. 53‏:3
15 ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە قان چاچىدۇ.
ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛
چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ،
ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ.«ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە قان چاچىدۇ» ــ تەۋراتتا، مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى «يېپىلاتتى» ياكى «يۇيىلاتتى». گاھىدا، بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كاھىنلار (ئىبادەتخانىدا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلغۇچى مەخسۇس خادىملار) قۇربانلىقنىڭ قېنىنى كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چاچاتتى ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى يۇيىلاتتى. بىز تەرجىمىدە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن «قان» دېگەن سۆزنى قوشتۇق. بۇلار ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەن، يەنى «چاچىدۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمدى مۇشۇ يەردە زادى قانداق قۇربانلىقنىڭ قېنىنى «چاچىدۇ»؟ جاۋاب كېيىنكى ئايەتلەردە تېپىلىدۇ.  مىس. 24‏:6، 8؛ رىم. 15‏:21
 
 

52:1 «ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا خۇدانىڭ غەزىپى زىئوندىن ئۆتتى، مېھىر-شەپقەتلىك كۈنى كەلدى. بىراق قانداق سەۋەبتىن مۇنداق بولغانلىقىنى خۇدا پەيغەمبەرگە تېخى ئايان قىلمىغان؛ تۆۋەندە، 13:52-12:53دە سەۋەبى ئايان قىلىنىدۇ. «گۈزەل كىيىم» — ئىبرانىي تىلىدا ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان «قۇربانلىق قىلغۇچى» كاھىنلارنىڭ مەخسۇس كىيىم-كېچەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، زىئوندىكىلەرنىڭ ھەممىسى كاھىنلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىپ، مەخسۇس ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى بار بولىدۇ.

52:2 «توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم» ــ مۇشۇ ئايەتنى 47-باب، 1-ئايەت بىلەن سېلىشتۇرساق، يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى بابىلنىڭكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. شۇ يەردە «ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختىڭ يوق يەرگە ئولتۇر!» دېيىلىدۇ. شۇ ئايەتكە قارىغاندا يېرۇسالېمنىڭ ئولتۇرغان ئورنى بىر تەخت بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

52:3 «پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر» ــ «پۇلسىز» ياكى «پۇل بىلەن ئەمەس» ــ دېمەك، مۇشۇ ھۆرلۈكنىڭ بىر باھاسى بار. قانداق باھا تېخى ئايان قىلىنمىغان؛ 13:52-12:53-ئايەتلەرگە كەلگەندىلا زور قىممەتلىك باھا ئايان قىلىنىدۇ.

52:4 «خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە،...» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، مىسىردىكى ئىسرائىللارغا زالىم بولغان پىرەۋن ئەسلىدە ئاسۇرىيەلىك ئىدى (ئۇ «ھىسكوس»لاردىن چىققان). ئەمما بىزنىڭچە «ئاسۇرىيەلىك» مۇشۇ يەردە سەنناخېرىب قاتارلىق ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

52:4 يار. 46‏:6

52:5 «... (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» ــ 4- ۋە 5-ئايەتنىڭ مەنىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاش كېرەك. ياقۇپنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئەسلىدە مىسىر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەرگە بارغان؛ كېيىنكى دەۋردىكى پىرەۋن ئىسرائىلغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇلارنى ئېزىشكە باشلىغان. خۇدا ئۇلارنى كارامەت مۆجىزىلەر بىلەن قۇتقۇزغان. «يېقىندا» (4-ئايەت) ئاسۇرىيە ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغان (بۇ ئىش خۇدانىڭ تەربىيە جازاسىنى قىسمەن كۆرسىتىشى ئۈچۈن بولغان)، بىراق خۇدا يەنىلا ئۇلارنى كارامەت يول بىلەن قۇتقۇزغان. «ئەمدى ھازىر...» ئىسرائىللار (خۇدانىڭ جازاسى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئادا قىلىنغاندىن كېيىن) ئىنتايىن بىئادىل مۇئامىلىگە مۇپتىلا بولسا، خۇدا چوقۇم تېخىمۇ كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، دېمەكچى.

52:5 ئ‍ەز. 36‏:20،23؛ رىم. 2‏:24

52:7 ناھ. 2‏:1؛ رىم. 10‏:15

52:8 «... پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا...» ــ دېمەك، پەرۋەردىگار زىئوننى (ئۆز خەلقىنى) ئەسلىدىكى جايىغا قايتۇرىدۇ. باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگار زىئوننى ئەسلىگە كەلتۈرگىنىدە...»، «پەرۋەردىگار زىئونغا قايتقاندا...». ئەمەلىيەتتە بۇلار بىر گەپ ــ «زەك.» 16:1نى كۆرۈڭ.

52:10 «پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان» ــ دېمەك، خۇدا كارامەت ئىش قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن «يەڭنى تۈرگەن»! «يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «كۆرۈش» بەلكىم كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ھەم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

52:10 زەب. 98‏:1-2؛ لۇقا 3‏:6

52:11 «مۇقەددەس قاچا-قۇچىلار» ــ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن قانۇنغا ئاساسەن بۇ قاچا-قۇچىلارنى پەقەت كاھىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمجەمەتتىكىلىرى (پاك ھالەتتە بولسا) كۆتۈرسە بولىدۇ؛ بىراق 1-ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ بارلىق خەلقىنىڭ مۇشۇ ئىمتىيازى بار.

52:11 2كور. 6‏:17؛ ۋەھ. 18‏:4

52:13 «ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ،..» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» توغرۇلۇق «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا» دېگەن ئاتاقلىق تۆت شېئىر بار. بۇ «ناخشىلار» 1:42-9-ئايەت، 1:49-13-ئايەت، 4:50-11-ئايەت ھەم 13:52-12:53-ئايەتكىچە داۋام قىلىدۇ. «كۆرۈڭلاركى... مېنىڭ قۇلۇم...» دېگەن سۆزلەر ئەڭ ئاخىرقى «قۇل كۈيلەنگەن ناخشا»نىڭ باشلىنىشىدۇر. مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى «ناخشا» ئىلگىرىكى ناخشىلارنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.

52:13 يەش. 11‏:2، 3؛ ئ‍ەف. 1‏:20، 21‏: فىل. 2‏:9-11

52:14 «لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ» ــ «سېنى» شۇبھىسىزكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نى كۆرسىتىدۇ.

52:14 يەش. 53‏:3

52:15 «ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە قان چاچىدۇ» ــ تەۋراتتا، مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ قېنى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى «يېپىلاتتى» ياكى «يۇيىلاتتى». گاھىدا، بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كاھىنلار (ئىبادەتخانىدا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلغۇچى مەخسۇس خادىملار) قۇربانلىقنىڭ قېنىنى كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چاچاتتى ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى يۇيىلاتتى. بىز تەرجىمىدە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن «قان» دېگەن سۆزنى قوشتۇق. بۇلار ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەن، يەنى «چاچىدۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەمدى مۇشۇ يەردە زادى قانداق قۇربانلىقنىڭ قېنىنى «چاچىدۇ»؟ جاۋاب كېيىنكى ئايەتلەردە تېپىلىدۇ.

52:15 مىس. 24‏:6، 8؛ رىم. 15‏:21