ياقۇپ
1
«روسۇل ياقۇپ يازغان مەكتۇپ»
خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام! «خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپ...» ــ ياقۇپ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئۆزىنى «روسۇل» دەپ ئاتىمايدۇ. لېكىن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسىتىمىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر روسۇل، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇشبۇ خېتىنى «روسۇللۇق ھوقۇق» بىلەن يېزىلغان، دەپ ئىشىنىمىز. خەت يەھۇدىي بولغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان، ئەلۋەتتە. «تارقاق مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلە» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
«قۇل» دېگەن ئۇقۇم توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.
   روس. 8‏:1؛ 1پېت. 1‏:1.
 
ئېتىقاد ۋە سىناق
ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. مات. 5‏:11؛ رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:6. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:7. سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر. بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. پەند. 2‏:3؛ يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 16‏:24؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14.
بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر.
 
نامراتلىق ۋە بايلىق
9‏-10 نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن؛ باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ. «نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن» ــ «ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى» ــ دېمەك، بىرسى مەسىھكە ئېتىقاد باغلىسىلا، مەيلى قانچىلىك نامرات بولسۇن خۇداغا يېقىن بولغان ئالىيجاناب، ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇن ھەم مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. «باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ» ــ باي ئادەم ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېتىقاد باغلىغىنىدا ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى خۇدا ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس دەپ بىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. «باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس» («مات.» 24:19). 11 قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. يەش. 40‏:6، 7؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17.
 
سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش
12 سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. «خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «خۇدا» پەقەت «ئۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   ئايۇپ 5‏:17؛ مات. 10‏:22؛ 19‏:28، 29؛ 2تىم. 4‏:8؛ 1پېت. 5‏:4؛ ۋەھ. 2‏:10. 13 ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. 14 بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛ 15 ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
16 شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! 17 بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى ئاسماندىكى بارلىق يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ. «بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى (ئاسماندىكى) (بارلىق) يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ» ــ «پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسى» دېگەنلىك ئىبارە بەلكىم ھەم خۇدانىڭ بارلىق قۇياش-يۇلتۇزلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەرنىڭ دائىم يۇلتۇزلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 7:38، «زەب.» 4:147نى كۆرۈڭ).
(1) خۇدا ھەردائىم بىزدىن يۇقىرىدا تۇرىدۇ؛ (2) خۇدا ھەردائىم بىزگە ھەم جىسمانىي ھەم روھىي يورۇقلۇق بېرىدۇ؛ (3) قۇياش ئايلىنىشى ياكى قايرىلىشى بىلەن كۆلەڭگە ھاسىل قىلىدۇ. ئەممە خۇدادا كۆلەڭگە ياكى قاراڭغۇلۇق دېگەن مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۇ ھېچ «ئايلانماي»، ھېچ ئۆزگەرمەي ھەردائىم چۈشتىكى قۇياشتەك دەل ئۈستىمىزدە تۇرۇپ كۈچلۈك نۇرىنى ۋە ئىلتىپاتلىرىنى (17-ئايەت) ئۈستىمىزگە سېخىيلىق بىلەن چاچىدۇ.
   پەند. 2‏:6؛ يەش. 14‏:27؛ 46‏:10؛ مال. 3‏:6؛ رىم. 11‏:29؛ 1كور. 4‏:7. 18 ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. «ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ،...» ــ «دەسلەپ پىشقان مېۋە»، ئەڭ بۇرۇن ئېلىنغان ھوسۇل بولسا، خۇداغا ئالاھىتەن ئاتىلاتتى. دېمەك، پۈتكۈل كائىنات خۇداغا بويسۇنىدۇ ۋە تەۋە بولىدۇ؛ لېكىن كائىناتنىڭ ئىچىدە مەسىھگە ئېتىقاد باغلىغۇچىلار «دەسلەپ پىشقان مېۋە» سۈپىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا بېقىنىپ تەۋە بولۇپ، «ھەقىقىي، روھىي» سەجدە قىلىدۇ. «... ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى» ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بۇ «تۇغدۇرۇش»ى جىسمانىي ھايات ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھىدىن تۇغدۇرغانلىقىنى، يەنى روھىي ھاياتقا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا تۇغدۇرۇپ ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
«دەسلەپ پىشقان مېۋىسى» ياكى «تۇنجى ھوسۇل مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى («يار.» 3:49، «چۆل.» 3:18، «قان.» 1:18-4، «2تار.» 5:31نى كۆرۈڭ).
   1كور. 4‏:15؛ گال. 4‏:19؛ 1پېت. 1‏:23.
 
ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش
19 شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. پەند. 17‏:27؛ توپ. 5‏:1. 20 چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. «چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ» ــ «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى»: (1) خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچىمى؛ (2) خۇدا ئالدىدا ئادىل ياكى ھەققانىي بولغان ئىشلار؛ (3) خۇدا ئىنساننىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان ھەققانىيلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى» (3)نى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى ئاتا قىلغان ھەققانىيلىقى بولمىسا، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەرقانداق باشقا ئادىللىق ياكى ھەققانىيلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. 21 شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، قەلبىڭلاردا يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. «...سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار» ــ «سىلەرنى» گرېك تىلىدا «جېنىڭلارنى».   رىم. 13‏:12؛ كول. 3‏:8.
22 ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. مات. 7‏:21؛ لۇقا 11‏:28؛ رىم. 2‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:7. 23‏-24 چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. «چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ» ــ بۇ ئادەمنىڭ «ئەينى قىياپىتىگە قاراش»ى بەلكىم ئۆزىگە يۈزىدە داغ-نۇقسان بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك ــ دېمەك، خۇدانىڭ سۆزىگە قارىسا ئۆز گۇناھىنى كۆرىدۇ؛ لېكىن كۆڭلىنى تېزلا باشقا ئىشقا بۆلۈشى بىلەن گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ.   لۇقا 6‏:47. 25 لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. «ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ...» ــ «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.   مات. 5‏:19.
26 بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. زەب. 34‏:13؛ ياق. 3‏:6؛ 1پېت. 3‏:10. 27 خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر. «خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ،... » ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ «يوقلاش» دېگەن پېئىلنىڭ ئۆزى غەمخورلۇق قىلىش، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى مۇشۇ يەردە ھەم «يوقلاش» ھەم «غەمخورلۇق قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.
 
 

1:1 «خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپ...» ــ ياقۇپ مۇشۇ سۆزلىرىدە ئۆزىنى «روسۇل» دەپ ئاتىمايدۇ. لېكىن «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە كۆرسىتىمىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن بىر روسۇل، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇشبۇ خېتىنى «روسۇللۇق ھوقۇق» بىلەن يېزىلغان، دەپ ئىشىنىمىز. خەت يەھۇدىي بولغان ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان، ئەلۋەتتە. «تارقاق مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلە» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «قۇل» دېگەن ئۇقۇم توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:1 روس. 8‏:1؛ 1پېت. 1‏:1.

1:2 مات. 5‏:11؛ رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:6.

1:3 رىم. 5‏:3؛ 1پېت. 1‏:7.

1:5 پەند. 2‏:3؛ يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ يـۇھ. 16‏:24؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14.

1:9‏-10 «نامرات بولغان قېرىنداش ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە تەنتەنە قىلسۇن» ــ «ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنلىكى» ــ دېمەك، بىرسى مەسىھكە ئېتىقاد باغلىسىلا، مەيلى قانچىلىك نامرات بولسۇن خۇداغا يېقىن بولغان ئالىيجاناب، ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇن ھەم مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. «باي بولغان قېرىنداش بولسا، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قىلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئوت-چۆپلەرنىڭ چېچەكلىرىدەك توزۇپ كېتىدۇ» ــ باي ئادەم ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېتىقاد باغلىغىنىدا ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى خۇدا ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس دەپ بىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. «باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس» («مات.» 24:19).

1:11 يەش. 40‏:6، 7؛ 1كور. 7‏:31؛ ياق. 4‏:14؛ 1پېت. 1‏:24؛ 1يۇھ. 2‏:17.

1:12 «خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا «خۇدا» پەقەت «ئۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1:12 ئايۇپ 5‏:17؛ مات. 10‏:22؛ 19‏:28، 29؛ 2تىم. 4‏:8؛ 1پېت. 5‏:4؛ ۋەھ. 2‏:10.

1:17 «بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى (ئاسماندىكى) (بارلىق) يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ» ــ «پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسى» دېگەنلىك ئىبارە بەلكىم ھەم خۇدانىڭ بارلىق قۇياش-يۇلتۇزلارنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابتا پەرىشتىلەرنىڭ دائىم يۇلتۇزلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن، «ئايۇپ» 7:38، «زەب.» 4:147نى كۆرۈڭ). (1) خۇدا ھەردائىم بىزدىن يۇقىرىدا تۇرىدۇ؛ (2) خۇدا ھەردائىم بىزگە ھەم جىسمانىي ھەم روھىي يورۇقلۇق بېرىدۇ؛ (3) قۇياش ئايلىنىشى ياكى قايرىلىشى بىلەن كۆلەڭگە ھاسىل قىلىدۇ. ئەممە خۇدادا كۆلەڭگە ياكى قاراڭغۇلۇق دېگەن مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۇ ھېچ «ئايلانماي»، ھېچ ئۆزگەرمەي ھەردائىم چۈشتىكى قۇياشتەك دەل ئۈستىمىزدە تۇرۇپ كۈچلۈك نۇرىنى ۋە ئىلتىپاتلىرىنى (17-ئايەت) ئۈستىمىزگە سېخىيلىق بىلەن چاچىدۇ.

1:17 پەند. 2‏:6؛ يەش. 14‏:27؛ 46‏:10؛ مال. 3‏:6؛ رىم. 11‏:29؛ 1كور. 4‏:7.

1:18 «ئۇ بىزنى ئۆزى ياراتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ،...» ــ «دەسلەپ پىشقان مېۋە»، ئەڭ بۇرۇن ئېلىنغان ھوسۇل بولسا، خۇداغا ئالاھىتەن ئاتىلاتتى. دېمەك، پۈتكۈل كائىنات خۇداغا بويسۇنىدۇ ۋە تەۋە بولىدۇ؛ لېكىن كائىناتنىڭ ئىچىدە مەسىھگە ئېتىقاد باغلىغۇچىلار «دەسلەپ پىشقان مېۋە» سۈپىتىدە بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا بېقىنىپ تەۋە بولۇپ، «ھەقىقىي، روھىي» سەجدە قىلىدۇ. «... ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى» ــ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ بۇ «تۇغدۇرۇش»ى جىسمانىي ھايات ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھىدىن تۇغدۇرغانلىقىنى، يەنى روھىي ھاياتقا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا تۇغدۇرۇپ ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «دەسلەپ پىشقان مېۋىسى» ياكى «تۇنجى ھوسۇل مېۋىسى» خۇداغا ئالاھىدە ئاتىلاتتى («يار.» 3:49، «چۆل.» 3:18، «قان.» 1:18-4، «2تار.» 5:31نى كۆرۈڭ).

1:18 1كور. 4‏:15؛ گال. 4‏:19؛ 1پېت. 1‏:23.

1:19 پەند. 17‏:27؛ توپ. 5‏:1.

1:20 «چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ» ــ «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى»: (1) خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچىمى؛ (2) خۇدا ئالدىدا ئادىل ياكى ھەققانىي بولغان ئىشلار؛ (3) خۇدا ئىنساننىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان ھەققانىيلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە «خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى» (3)نى كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى ئاتا قىلغان ھەققانىيلىقى بولمىسا، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەرقانداق باشقا ئادىللىق ياكى ھەققانىيلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

1:21 «...سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار» ــ «سىلەرنى» گرېك تىلىدا «جېنىڭلارنى».

1:21 رىم. 13‏:12؛ كول. 3‏:8.

1:22 مات. 7‏:21؛ لۇقا 11‏:28؛ رىم. 2‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:7.

1:23‏-24 «چۈنكى بىرسى سۆز-كالامنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇ خۇددى ئەينەكتە ئۆزىنىڭ ئەينى قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، كېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز تۇرقىغا قاراپ بولۇپ، چىقىپلا، شۇ ھامان ئۆزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ» ــ بۇ ئادەمنىڭ «ئەينى قىياپىتىگە قاراش»ى بەلكىم ئۆزىگە يۈزىدە داغ-نۇقسان بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك ــ دېمەك، خۇدانىڭ سۆزىگە قارىسا ئۆز گۇناھىنى كۆرىدۇ؛ لېكىن كۆڭلىنى تېزلا باشقا ئىشقا بۆلۈشى بىلەن گۇناھىنى ئۇنتۇيدۇ.

1:23‏-24 لۇقا 6‏:47.

1:25 «ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ...» ــ «ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن» گرېك تىلىدا «ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى». دېمەك، يېڭى ئەھدە، يەنى خۇش خەۋەر. «ئەركىنلىك» ــ ئادەمنى گۇناھ ۋە ئۆز گۇناھلىق تەبىئىتى، ئۆلۈم ۋە دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان ئەركىنلىك، ئەلۋەتتە.

1:25 مات. 5‏:19.

1:26 زەب. 34‏:13؛ ياق. 3‏:6؛ 1پېت. 3‏:10.

1:27 «خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ،... » ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ «يوقلاش» دېگەن پېئىلنىڭ ئۆزى غەمخورلۇق قىلىش، ئىنساننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى مۇشۇ يەردە ھەم «يوقلاش» ھەم «غەمخورلۇق قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.