3
تىلنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك
قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز تەلىم بەرگۈچىلەر باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز.مات. 7‏:1؛ 23‏:8؛ لۇقا 6‏:37. چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. ھالبۇكى، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.زەب. 34‏:13؛ ياق. 1‏:26. مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايمىز. مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار!پەند. 12‏:18؛ 15‏:2. تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!«... ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!» ــ «پۈتكۈل تەبىئەت» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بارلىق ئىنسانىي دۇنيا». چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى. ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر. بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ-تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز. 10 دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر-مۇبارەك ھەم لەنەت-قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! 11 بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟ 12 ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق بۇلاق تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ.
 
ئەرشتىن كەلگەن ھەقىقىي دانالىق
13 ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! ئ‍ەف. 5‏:8. 14 لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار. «لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار» ــ «ماختانماڭلار» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بولسا: ««مەندە دانالىق بار» دېمەڭلار».  رىم. 13‏:13. 15 بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر. «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس...» ــ گرېك تىلىدا «بۇنداق «دانالىق» يۇقىرىدىن ئەمەس». «بەلكى دۇنياغا ... خاس بولۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «يەر-زېمىنغا ... خاس بولۇپ» دېيىلىدۇ. «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر» ــ «دۇنيا» ياكى «بۇ دۇنيا» بولسا، تەۋرات-ئىنجىل بويىچە، خۇداغا قارشى چىققان، شەيتان تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان پۈتكۈل بىر سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ (4-بابنى كۆرۈڭ). «ئىنسان تەبىيىتىگە خاس» گرېك تىلىدا «جانلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردىكى گرېك تىلىدىكى «جان» ئىنسان شەخسىنىڭ ئۈچ قىسمى (روھ، جان، تەن)نىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇداغا تايانمىغاچقا، گۇناھكار ئىسنانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «جېنىدىن چىققان» ئەقىل-پاراسەتلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرى خۇدانىڭ روھىدىن چىققان بولمىغاچقا، ھەرگىز خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدۇ («رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.  1كور. 2‏:6، 7. 16 چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 1كور. 3‏:3؛ گال. 5‏:20. 17 لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. «لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا،...» ــ گرېك تىلىدا «لېكىن يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق بولسا...». 18 ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ.«ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ» ــ «ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى» دېگەنلىك ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغان ياكى ئۆسىدىغان ھەققانىيلىقنى كۆرسىتىدۇ.
 
 

3:1 مات. 7‏:1؛ 23‏:8؛ لۇقا 6‏:37.

3:2 زەب. 34‏:13؛ ياق. 1‏:26.

3:5 پەند. 12‏:18؛ 15‏:2.

3:6 «... ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ!» ــ «پۈتكۈل تەبىئەت» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بارلىق ئىنسانىي دۇنيا».

3:13 ئ‍ەف. 5‏:8.

3:14 «لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار» ــ «ماختانماڭلار» دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بولسا: ««مەندە دانالىق بار» دېمەڭلار».

3:14 رىم. 13‏:13.

3:15 «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس...» ــ گرېك تىلىدا «بۇنداق «دانالىق» يۇقىرىدىن ئەمەس». «بەلكى دۇنياغا ... خاس بولۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «يەر-زېمىنغا ... خاس بولۇپ» دېيىلىدۇ. «بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر» ــ «دۇنيا» ياكى «بۇ دۇنيا» بولسا، تەۋرات-ئىنجىل بويىچە، خۇداغا قارشى چىققان، شەيتان تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان پۈتكۈل بىر سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ (4-بابنى كۆرۈڭ). «ئىنسان تەبىيىتىگە خاس» گرېك تىلىدا «جانلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ يەردىكى گرېك تىلىدىكى «جان» ئىنسان شەخسىنىڭ ئۈچ قىسمى (روھ، جان، تەن)نىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇداغا تايانمىغاچقا، گۇناھكار ئىسنانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «جېنىدىن چىققان» ئەقىل-پاراسەتلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرى خۇدانىڭ روھىدىن چىققان بولمىغاچقا، ھەرگىز خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايدۇ («رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:15 1كور. 2‏:6، 7.

3:16 1كور. 3‏:3؛ گال. 5‏:20.

3:17 «لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا،...» ــ گرېك تىلىدا «لېكىن يۇقىرىدىن كەلگەن دانالىق بولسا...».

3:18 «ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ» ــ «ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى» دېگەنلىك ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەيدا بولغان ياكى ئۆسىدىغان ھەققانىيلىقنى كۆرسىتىدۇ.