3
تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار قانائانىيلار بىلەن بولغان جەڭنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنى سىناش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان تائىپىلەر (ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، بولۇپمۇ جەڭ-ئۇرۇشلارنى كۆرۈپ باقمىغانلارنى پەقەت جەڭنى ئۆگۈنسۇن دەپ قالدۇرغانىدى): ــ
ــ ئۇلار فىلىستىيلەرنىڭ بەش ئەمىرلىكى، بارلىق قانائانىيلار، زىدونلۇقلار ۋە بائال-ھەرمون تېغىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە لىۋان تاغلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھىۋىيلار ئىدى؛ «خامات ئېغىزىغىچە...» ــ ياكى «لىبو-خاماتقىچە...». ئۇلارنى قالدۇرۇپ قويۇشتىكى مەقسىتى ئىسرائىلنى سىناش، يەنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۇيرۇغان ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار قانائانىيلار، يەنى ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇردى؛ ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلىنىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.


ئەگلون پادىشاھنىڭ قەسىرى
 
بىرىنچى «باتۇر ھاكىم» ــ ئوتنىيەل
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائاللار ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارائىمنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار سەككىز يىلغىچە قۇشان-رىشاتائىمغا بېقىندى بولدى. «خامات ئېغىزىغىچە...» ــ «ئارام-ناھارائىم» ياكى «مېسوپوتامىيا»، يەنى «ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايون». ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزدى. ئۇ كىشى كالەبنىڭ ئىنىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئىدى.
10 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلغا ھاكىملىق قىلدى؛ ئۇ جەڭگە چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار ئارامنىڭ پادىشاھى قۇشان-رىشاتائىمنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇشان-رىشاتائىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. «ئارام» ــ «سۇرىيە»نىڭ قەدىمكى نامى. 11 شۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا قىرىق يىلغىچە ئامانلىق بولدى؛ كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئالەمدىن ئۆتتى.
 
ئىسرائىلنىڭ يەنە گۇناھ قىلىشى ۋە جازالىنىشى، «باتۇر ھاكىم ئەھۇد»
12 ئاندىن ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغاچقا، ئۇ موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننى ئىسرائىل بىلەن قارىشىلىشىشقا كۈچلەندۈردى. 13 ئۇ ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، جەڭگە چىقىپ ئىسرائىلنى ئۇرۇپ قىرىپ، «خورمىلىق شەھەر»نى ئىشغال قىلدى. «خورمىلىق شەھەر» ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى. 14 بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا بېقىندى بولدى.
15 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گەرانىڭ ئوغلى ئەھۇدنى تۇرغۇزدى؛ ئۇ سولخاي ئىدى. ئىسرائىل ئۇنىڭ قولى بىلەن موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلونغا سوۋغات ئەۋەتتى.
16 ئەمدى ئەھۇد ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر شەمشەر ياساتقانىدى؛ ئۇنى كىيىمىنىڭ ئىچىگە، ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋالدى؛ 17 ئۇ شۇ ھالەتتە سوۋغاتنى موئابنىڭ پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەگلون تولىمۇ سېمىز بىر ئادەم ئىدى. 18 ئەھۇد سوۋغاتنى تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سوۋغاتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى كەتكۈزۈۋەتتى؛ 19 ئاندىن ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جايدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي پادىشاھ، مەندە ئۆزلىرىگە دەيدىغان بىر مەخپىيەتلىك بار ئىدى، ــ دېۋىدى، پادىشاھ: ــ جىم تۇر! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى خىزمەتكارلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ كەتتى.«گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي...» ــ ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي ئويما بۇتلار...» ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاشلىقلار...». «جىم تۇر!» ــ بۇ بۇيرۇق مۇشۇ يەردە «بۇ مەخپىي خەۋەرنى خىزمەتكارلىرىم ئالدىدا دېمە، مەن خالىي بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. شۇڭا خىزمەتكارلىرى چېكىنىدۇ.
20 ئاندىن ئەھۇد پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى؛ پادىشاھ يالغۇز سالقىن بالىخانىدا ئولتۇراتتى. ئەھۇد: ــ مەندە سىلى ئۈچۈن خۇدادىن كەلگەن بىر سۆز بار، دېۋىدى، پادىشاھ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ ئۆرە تۇردى. 21 شۇنىڭ بىلەن ئەھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ ئوڭ يوتىسىدىن شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. 22 شۇنداق قىلىپ شەمشەرنىڭ دەستىسىمۇ تىغى بىلەن قوشۇلۇپ كىرىپ كەتتى، سېمىز ئېتى شەمشەرنى قىسىۋالغاچقا، ئەھۇد شەمشەرنى قورسىقىدىن تارتىپ چىقىرىۋالمىدى؛ ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى.«... ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى» ــ ئايەتنىڭ بۇ ئاخىرقى قىسمىنىڭ باشقا ئىككى-ئۈچ تەرجىمىلىرى بار: «ئۇ (شەمشەر) ئارقىدىن چىقتى»، «ئۇ (شەمشەر) ئىككى پۇتى ئوتتۇرىسىدىن چىقتى»، «ئۇ (ئەھۇد) (بالىخانىنىڭ) كەينىدىن چىقتى».
23 ئاندىن ئەھۇد دالانغا چىقىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئىچىدىن ئېتىپ قۇلۇپلاپ قويدى. 24 ئۇ چىقىپ كەتكەندە، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ قارىسا، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ئۇلار: ــ پادىشاھ سالقىن ئۆيدە چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى.«چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پۇتلىرىنى ياپقان بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
25 ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ كىرمىسەك سەت بولارمۇ دەپ ئويلاشتى؛ ئۇ يەنىلا بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچمىغاندىن كېيىن، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكلەرنى ئېچىۋىدى، مانا، خوجىسىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆردى. 26 ئەمدى ئۇلار ئىككىلىنىپ قاراپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئەھۇد قېچىپ چىققانىدى؛ ئۇ تاش ئويمىلار بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراھقا قېچىپ كەلگەنىدى. 27 شۇ يەرگە يەتكەندە، ئۇ ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا كاناي چېلىۋىدى، ئىسرائىللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلىق رايوندىن چۈشتى، ئۇ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. 28 ئۇ ئۇلارغا: ــ ماڭا ئەگىشىپ يۈرۈڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇپ، ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. 29 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەمبەل پالۋانلار ئىدى؛ ئۇلاردىن ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.«...ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى...» ــ بۇ ئون مىڭچە ئەسكەر بەلكىم موئابنىڭ ئىسرائىللارنى قۇللۇقتا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئىدارە قىلىشقا قالدۇرغان قوشۇنى بولسا كېرەك. ئەھۇدنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇشى ئۇلارنىڭ موئاب زېمىنىغا قېچىش يولىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىدى. «... تەمبەل پالۋانلار...» ــ ياكى «... سېمىز پالۋانلار..».
30 شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولىدا بېسىقتۇرۇلدى. زېمىن سەكسەن يىلغىچە ئامان-تىنچلىقتا تۇردى.
 
شامگار
31 ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى؛ ئۇ ئالتە يۈز فىلىستىيەلىكنى بىراقلا كالا سانجىغۇچ بىلەن ئۆلتۈردى؛ ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى.«ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى... ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى» ــ شامگارنىڭ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ مەغرىب تەرىپىدە، دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىكتە ھاكىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 1:4گە قارىغاندا، «دەبوراھ ۋە باراق» شامگار بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ لېكىن ئۇلار زېمىننىڭ شىمال ۋە شەرق تەرىپىدە ھاكىملىق قىلاتتى.
 
 

3:3 «خامات ئېغىزىغىچە...» ــ ياكى «لىبو-خاماتقىچە...».

3:8 «خامات ئېغىزىغىچە...» ــ «ئارام-ناھارائىم» ياكى «مېسوپوتامىيا»، يەنى «ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايون».

3:10 «ئارام» ــ «سۇرىيە»نىڭ قەدىمكى نامى.

3:13 «خورمىلىق شەھەر» ــ يېرىخونىڭ باشقا بىر نامى.

3:19 «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي...» ــ ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاش ئويمىلار بار جاي ئويما بۇتلار...» ياكى «گىلگالنىڭ يېنىدىكى تاشلىقلار...». «جىم تۇر!» ــ بۇ بۇيرۇق مۇشۇ يەردە «بۇ مەخپىي خەۋەرنى خىزمەتكارلىرىم ئالدىدا دېمە، مەن خالىي بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. شۇڭا خىزمەتكارلىرى چېكىنىدۇ.

3:22 «... ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى» ــ ئايەتنىڭ بۇ ئاخىرقى قىسمىنىڭ باشقا ئىككى-ئۈچ تەرجىمىلىرى بار: «ئۇ (شەمشەر) ئارقىدىن چىقتى»، «ئۇ (شەمشەر) ئىككى پۇتى ئوتتۇرىسىدىن چىقتى»، «ئۇ (ئەھۇد) (بالىخانىنىڭ) كەينىدىن چىقتى».

3:24 «چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغان بولسا كېرەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «پۇتلىرىنى ياپقان بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

3:29 «...ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە ئەسكەرنى ئۆلتۈردى...» ــ بۇ ئون مىڭچە ئەسكەر بەلكىم موئابنىڭ ئىسرائىللارنى قۇللۇقتا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىنى ئىدارە قىلىشقا قالدۇرغان قوشۇنى بولسا كېرەك. ئەھۇدنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى توسۇشى ئۇلارنىڭ موئاب زېمىنىغا قېچىش يولىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئىدى. «... تەمبەل پالۋانلار...» ــ ياكى «... سېمىز پالۋانلار..».

3:31 «ئەھۇددىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ھاكىم بولدى... ئۇمۇ ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى» ــ شامگارنىڭ فىلىستىيلەر بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئىسرائىلنىڭ مەغرىب تەرىپىدە، دېڭىز بويىدىكى تۈزلەڭلىكتە ھاكىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 1:4گە قارىغاندا، «دەبوراھ ۋە باراق» شامگار بىلەن زامانداش بولسا كېرەك؛ لېكىن ئۇلار زېمىننىڭ شىمال ۋە شەرق تەرىپىدە ھاكىملىق قىلاتتى.