19
چېقىلغان كوزىدىن ئالغان ساۋاق 
  1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ،   
2 «ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. 
◼   3 مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. 
◘   4 چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. 
◘   5 ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان.   
6 شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 
◘   7 مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. 
◘   8 مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ.   
9 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 
◘     10 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛   
11 شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. 
◘   12 مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. 
◼   13 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا شاراب ھەدىيەلىرىنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ. 
◘       
  14 ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى:   
15 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان. 
◘