4
ئەيسا بىلەن سامارىيەلىك ئايال
ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىنيـۇھ. 3‏:26. (ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى) ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى. ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.«ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى» ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرگە ئۆچ بولغاچقا، ئۇلار يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە ماڭغاندا، سامارىيەدىن ئەمەس، دائىم ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ ماڭاتتى. شۇڭا «سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ بۇ يول بىلەن مېڭىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى.يار. 33‏:19؛ 48‏:22؛ يە. 24‏:32. شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى.«ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ بۇلىقى». ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇلاق بولغاچقا، «قۇدۇق» ئىدى. «بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى» ــ ياكى ئەتىگەندە سائەت ئالتىدە ياكى چۈشتىن كېيىن ئالتىنچى سائەتتە (4:5دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ). 7‏-8 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرگىن، ــ دېدى.
ئايال ئۇنىڭدىن:
ــ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرسىڭىز، مەندەك سامارىيەلىك بىر ئايالدىن قانداقلارچە ئىچكىلى سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ ــ دەپ سورىدى (چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى).«...چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى» ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيتتى. يەھۇدىي خەلقى ئەنئەنىلىرى بويىچىمۇ «شۇ كاپىرلارغا قەرزدار بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ سامارىيەلىكلەردىن ھېچنېمە سورىماتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىي ئەركەكلەر سىرتلاردا بولغاندا ھېچقاچان ناتونۇش بىر ئايال بىلەن (ھەتتا بەزىدە تونۇش ئاياللار بىلەنمۇ) سۆزلەشمەيتتى. 27-ئايەتنى كۆرۈڭ.  لۇقا 9‏:52، 53؛ يـۇھ. 8‏:48.
10 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ ئەگەر سەن خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سەندىن سۇ سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسەڭىدى، ئۇنداقتا سەن ئۇنىڭدىن تىلەيتتىڭ ۋە ئۇ ساڭا ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.
11 ئايال ئۇنىڭدىن:
ــ تەقسىر، سۇ تارتقۇدەك ھېچنەرسىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇدۇق چوڭقۇر تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن ئالىسىز؟ يەر. 2‏:13. 12 ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى.«ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن» ــ ئايالنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم «قۇدۇق كولاپ سۇ تېپىش ئاسان ئەمەس. پەقەت ناھايىتى بىلىملىك ئادەملەر شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۇلۇغ ياقۇپ ئۆزىمۇ مۇشۇ سۇدىن ئىچكەن، ئۇنىڭدىن ياخشى سۇ تاپالمىغان. سىز ئۇنىڭدىن ئۇلۇغسىز، ياقۇپ ئىچكەن سۇدىن ئەۋزەل سۈيۈڭ بارمۇ؟!» دېگەنلىك بولسا كېرەك.
13 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ بۇ سۇنى ئىچكەن ھەركىم يەنە ئۇسسايدۇ. 14 ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.يـۇھ. 3‏:16؛ 6‏:27، 35، 54؛ 7‏:38.
15 ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى.«تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي!» ــ ئايالنىڭ تەلەپپۇزى بەلكىم كىنايىلىكرەك ياكى گۇمانلىقراق بولسا كېرەك. بىزنىڭچە پەقەت ئەيسا ئايالنىڭ ئۆز ئەرلىرى توغرۇلۇق بېشارەتلىك سۆز قىلغاندا (18-ئايەت)، ئاندىن ئايال ئۇنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.
16 ئەيسا:
ــ بېرىپ ئېرىڭنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگىن، ــ دېدى.
17 ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
ــ ئېرىم يوق دەپ، راست ئېيتتىڭ. 18 چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا.
19 ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 6‏:14. 20 ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى.«ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن» ــ «بۇ تاغ» گەرىزىم تېغىدۇر. سامارىيەلىكلەر شۇ يەردە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى قۇرغانىدى. «لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟» ــ دېمىسەكمۇ، ئايالنىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىي بىر سوئالدۇر، يەنى: ــ نېمىشقا شۇنداق؟ بۇ توغرىمۇ؟ ــ دېگەندەك.  قان. 12‏:5،11؛ 1پاد. 9‏:3؛ 2تار. 7‏:12.
21 ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
ــ خانىم، ماڭا ئىشەنگىن، شۇنداق بىر ۋاقتى-سائىتى كېلىدۇكى، سىلەرنىڭ ئاتىغا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن نە بۇ تاغدا ياكى نە يېرۇسالېمدا بولۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 22 سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ» ــ چۈنكى (1) خۇدا ھەقىقىي سۆز-كالامىنى ئەسلىدە يەھۇدىي خەلقىگە ئالاھىدە تاپشۇرغان؛ (2) ھەممىدىن مۇھىمى، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئاساسەن مەسىھ يەھۇدىيلاردىن چىقىدۇ.  يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 2پاد. 17‏:29؛ ئىبر. 7‏:14. 23 لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. «روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ» ــ دېمەك، (1) خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق؛ (2) ھەربىر ئىبادەت قىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل روھى بىلەن؛ (3) خۇدا ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ھەقىقەت (ئۆز سۆز-كالامى) بويىچە؛ (4) ھەرقانداق يالغانچىلىقنى تاشلىغان ھالدا ئىبادەت قىلىشتۇر. 24 خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر.2كور. 3‏:17.
25 ئايال ئۇنىڭغا:
ــ مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەممە ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ــ دېدى.«مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەن...» ــ «خرىستوس» گرېك تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «مەسىھ»، يەنى «مەسىھ قىلىنغان (زات)» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
26 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى.يـۇھ. 9‏:37.
27 شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى.
28 شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە:
29 ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى.
30 بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.
31 شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، بىر نەرسە يەۋالساڭچۇ؟ ــ دەپ ئۆتۈنۈشتى.
32 لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، ــ دېدى.
33 مۇخلىسلار بىر-بىرىگە:
ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
34 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
35 ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! «سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟» ــ شۇ ۋاقىت بەلكىم ئونىنچى ياكى ئونبىرىنچى ئاي ئىدى. «مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!» ــ شۈبھىسىزكى، ئەيسا مۇشۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن «ھوسۇل» ھازىر شەھەردىن چىقىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلارنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ «خۇددى زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى» دېگەندەك.  مات. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:2. 36  ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. «ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ» ــ «ئورمىچى»لار خۇدانىڭ كىشىلەرنى ئۆز خۇش خەۋەرىگە ئىشەندۈرۈشتىكى ئاخىرقى ۋاسىتىسى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. مۇشۇلار بولسا دەل خۇدا ئۆز كالامى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىدىن كۈتكەن ھوسۇلدۇر (مەسىلەن، «رىم.» 29:8-30، «1كور.» 5:3-9، «ئىبر.» 10:2نى كۆرۈڭ). «شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ» ــ «تېرىغۇچى» خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى كىشىلەرگە بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگۈچى بولىدۇ. 37 چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 38 مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار.«باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار» ــ كىم «ئەمگەك قىلىپ» تېرىغان؟ بىزنىڭچە ئۇلار: (1) تەۋرات دەۋرىدىكى خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر؛ (2) پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئۇلارنى ئىسرائىللارغا (شۇنداقلا سامارىيەلىكلەرگە) ئۆگەتكەن، خۇداغا سادىق بولغان تەۋرات ئۇستازلىرى؛ (3) يەھيا پەيغەمبەر ۋە مۇخلىسلىرى. بۇ ئۈچ تۈركۈم كىشىلەر خەلققە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى مەسىھنىڭ كېلىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا تەييارلىغانىدى. (4) مەسىھنىڭ ئۆزى «تېرىغان». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.
39 شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 40 شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.
41 ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 42 ئۇلار ئايالغا:
ــ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى سېنىڭ سۆزلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنى ئاڭلىدۇق ۋە بىلدۇقكى، دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەل شۇ كىشىدۇر! ــ دېيىشتى.
 
بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ساقايتىلىشى
مات. 8‏:5-13؛ لۇقا 7‏:1-10
43 بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى 44 (چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ لۇقا 4‏:24. 45 شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). «گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە،...» ــ 23:2نى كۆرۈڭ. «گالىلىيەلىكلەر... ئۇنى قارشى ئېلىشتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر 44-ئايەت بىلەن كۆرۈنۈشتە سەل زىترەك بولغىنى بىلەن، 48-ئايەتتە گالىلىيەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاخىر بېرىپ (6-بابتا) ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى قىلمىدى. 46 ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. يـۇھ. 2‏:1،11. 47 ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:
ــ ئۆيۈمگە چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى.«...ئۆيۈمگە چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا!» ــ كەپەرناھۇمدىن كاناغا بارىدىغان يولنىڭ 33 كىلومېترى داۋانغا چىقىدىغان يول.
48 شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ سىلەر گالىلىيەلىكلەر مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ھېچ ئېتىقاد قىلمايسىلەر! ــ دېدى.1كور. 1‏:22.
49 ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا:
ــ تەقسىر، بالام ئۆلمەستە چۈشكەيلا! ــ دېدى.
50 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى.
ھېلىقى ئادەم ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 51 يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى.
52 ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار:
ــ تۈنۈگۈن يەتتىنچى سائەتتە قىزىتمىسى ياندى، ــ دېيىشتى.
53 بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى. 54 بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى.«بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنى كۆرەلەيدۇكى، بۇ ئەيسانىڭ « ياراتقان ئىككىنچى مۆجىزىسى» ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇنىڭ «يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى» ياراتقان ئالامىتى ئىدى. «ئالامەت» بولسا، مەسىھنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېنىق ۋە ئالاھىدە ھالدا كۆرسەتكەن بىر مۆجىزىدۇر.
 
 

4:1 يـۇھ. 3‏:26.

4:4 «ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى» ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرگە ئۆچ بولغاچقا، ئۇلار يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە ماڭغاندا، سامارىيەدىن ئەمەس، دائىم ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ ماڭاتتى. شۇڭا «سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ بۇ يول بىلەن مېڭىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.

4:5 يار. 33‏:19؛ 48‏:22؛ يە. 24‏:32.

4:6 «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ بۇلىقى». ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇلاق بولغاچقا، «قۇدۇق» ئىدى. «بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى» ــ ياكى ئەتىگەندە سائەت ئالتىدە ياكى چۈشتىن كېيىن ئالتىنچى سائەتتە (4:5دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ).

4:9 «...چۈنكى يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلمايتتى» ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيتتى. يەھۇدىي خەلقى ئەنئەنىلىرى بويىچىمۇ «شۇ كاپىرلارغا قەرزدار بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ سامارىيەلىكلەردىن ھېچنېمە سورىماتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدىي ئەركەكلەر سىرتلاردا بولغاندا ھېچقاچان ناتونۇش بىر ئايال بىلەن (ھەتتا بەزىدە تونۇش ئاياللار بىلەنمۇ) سۆزلەشمەيتتى. 27-ئايەتنى كۆرۈڭ.

4:9 لۇقا 9‏:52، 53؛ يـۇھ. 8‏:48.

4:11 يەر. 2‏:13.

4:12 «ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن» ــ ئايالنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم «قۇدۇق كولاپ سۇ تېپىش ئاسان ئەمەس. پەقەت ناھايىتى بىلىملىك ئادەملەر شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۇلۇغ ياقۇپ ئۆزىمۇ مۇشۇ سۇدىن ئىچكەن، ئۇنىڭدىن ياخشى سۇ تاپالمىغان. سىز ئۇنىڭدىن ئۇلۇغسىز، ياقۇپ ئىچكەن سۇدىن ئەۋزەل سۈيۈڭ بارمۇ؟!» دېگەنلىك بولسا كېرەك.

4:14 يـۇھ. 3‏:16؛ 6‏:27، 35، 54؛ 7‏:38.

4:15 «تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي!» ــ ئايالنىڭ تەلەپپۇزى بەلكىم كىنايىلىكرەك ياكى گۇمانلىقراق بولسا كېرەك. بىزنىڭچە پەقەت ئەيسا ئايالنىڭ ئۆز ئەرلىرى توغرۇلۇق بېشارەتلىك سۆز قىلغاندا (18-ئايەت)، ئاندىن ئايال ئۇنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.

4:19 لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 6‏:14.

4:20 «ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن» ــ «بۇ تاغ» گەرىزىم تېغىدۇر. سامارىيەلىكلەر شۇ يەردە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى قۇرغانىدى. «لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟» ــ دېمىسەكمۇ، ئايالنىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىي بىر سوئالدۇر، يەنى: ــ نېمىشقا شۇنداق؟ بۇ توغرىمۇ؟ ــ دېگەندەك.

4:20 قان. 12‏:5،11؛ 1پاد. 9‏:3؛ 2تار. 7‏:12.

4:22 «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ» ــ چۈنكى (1) خۇدا ھەقىقىي سۆز-كالامىنى ئەسلىدە يەھۇدىي خەلقىگە ئالاھىدە تاپشۇرغان؛ (2) ھەممىدىن مۇھىمى، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئاساسەن مەسىھ يەھۇدىيلاردىن چىقىدۇ.

4:22 يار. 12‏:3؛ 18‏:18؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 2پاد. 17‏:29؛ ئىبر. 7‏:14.

4:23 «روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ» ــ دېمەك، (1) خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق؛ (2) ھەربىر ئىبادەت قىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل روھى بىلەن؛ (3) خۇدا ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ھەقىقەت (ئۆز سۆز-كالامى) بويىچە؛ (4) ھەرقانداق يالغانچىلىقنى تاشلىغان ھالدا ئىبادەت قىلىشتۇر.

4:24 2كور. 3‏:17.

4:25 «مەسىھنىڭ، يەنى «خرىستوس» دېگەن...» ــ «خرىستوس» گرېك تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «مەسىھ»، يەنى «مەسىھ قىلىنغان (زات)» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

4:26 يـۇھ. 9‏:37.

4:35 «سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟» ــ شۇ ۋاقىت بەلكىم ئونىنچى ياكى ئونبىرىنچى ئاي ئىدى. «مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!» ــ شۈبھىسىزكى، ئەيسا مۇشۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن «ھوسۇل» ھازىر شەھەردىن چىقىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلارنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ «خۇددى زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى» دېگەندەك.

4:35 مات. 9‏:37؛ لۇقا 10‏:2.

4:36 «ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ» ــ «ئورمىچى»لار خۇدانىڭ كىشىلەرنى ئۆز خۇش خەۋەرىگە ئىشەندۈرۈشتىكى ئاخىرقى ۋاسىتىسى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. مۇشۇلار بولسا دەل خۇدا ئۆز كالامى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىدىن كۈتكەن ھوسۇلدۇر (مەسىلەن، «رىم.» 29:8-30، «1كور.» 5:3-9، «ئىبر.» 10:2نى كۆرۈڭ). «شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ» ــ «تېرىغۇچى» خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى كىشىلەرگە بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگۈچى بولىدۇ.

4:38 «باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار» ــ كىم «ئەمگەك قىلىپ» تېرىغان؟ بىزنىڭچە ئۇلار: (1) تەۋرات دەۋرىدىكى خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر؛ (2) پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئۇلارنى ئىسرائىللارغا (شۇنداقلا سامارىيەلىكلەرگە) ئۆگەتكەن، خۇداغا سادىق بولغان تەۋرات ئۇستازلىرى؛ (3) يەھيا پەيغەمبەر ۋە مۇخلىسلىرى. بۇ ئۈچ تۈركۈم كىشىلەر خەلققە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى مەسىھنىڭ كېلىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا تەييارلىغانىدى. (4) مەسىھنىڭ ئۆزى «تېرىغان». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.

4:44 مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ لۇقا 4‏:24.

4:45 «گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە،...» ــ 23:2نى كۆرۈڭ. «گالىلىيەلىكلەر... ئۇنى قارشى ئېلىشتى» ــ مۇشۇ سۆزلەر 44-ئايەت بىلەن كۆرۈنۈشتە سەل زىترەك بولغىنى بىلەن، 48-ئايەتتە گالىلىيەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاخىر بېرىپ (6-بابتا) ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى قىلمىدى.

4:46 يـۇھ. 2‏:1،11.

4:47 «...ئۆيۈمگە چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا!» ــ كەپەرناھۇمدىن كاناغا بارىدىغان يولنىڭ 33 كىلومېترى داۋانغا چىقىدىغان يول.

4:48 1كور. 1‏:22.

4:54 «بۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامىتى ئىدى» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنى كۆرەلەيدۇكى، بۇ ئەيسانىڭ « ياراتقان ئىككىنچى مۆجىزىسى» ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇنىڭ «يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى» ياراتقان ئالامىتى ئىدى. «ئالامەت» بولسا، مەسىھنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېنىق ۋە ئالاھىدە ھالدا كۆرسەتكەن بىر مۆجىزىدۇر.