6
بەش مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى
مات. 14‏:13-21؛ مار. 6‏:30-44؛ لۇقا 9‏:10-17
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.«گالىلىيە دېڭىزى» ــ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چوڭ بىر كۆل. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ. زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى.مىس. 12‏:18؛ لاۋ. 23‏:5، 7؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1. ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن:
ــ بۇلارغا يەيدىغانغا ناننى نەدىن ئالىمىز؟ ــ دەپ سورىدىمات. 14‏:14؛ مار. 6‏:34؛ لۇقا 9‏:13. (لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى).
فىلىپ جاۋابەن:
ــ ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ، ھەربىرىگە كىچىككىنە بىر چىشلەمدىن يېيىشكىمۇ يەتمەيدۇ!«ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ...» ــ بىر دىنار ياكى «دىنارىئۇس» بولسا ئادەتتە بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققىگە توغرا كېلەتتى. 200 دىنار بولسا، ئاددىي ئىشچىنىڭ يېرىم يىللىق كىرىمىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ.
مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا: ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى.
10 ئەيسا: ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى. 11 ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. 1سام. 9‏:13. 12 ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ئاشقان پارچىلارنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، ــ دېدى.
13 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. «سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت»، بەلكىم ئىككى قوللاپ كۆتۈرىدىغان سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ. 14 ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «چۆل.» 15:18دە تېپىلىدۇ.  لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19. 15 شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى.
 
ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى
مات. 14‏:22-27؛ مار. 6‏:45-52
16 كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى. مات. 14‏:23؛ مار. 6‏:47. 17 ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى). 18 قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. 19 مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. «ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «يىگىرمە بەش ياكى ئوتتۇز «ستادىيون»چە ماڭغاندا...». بىر ستادىيون 185 مېتر، شۇڭا ئۇلار قىرغاقتىن 6-5 كىلومېتر ماڭغانىدى (بىر چاقىرىم 500 مېتر ئەتراپىدۇ). دېڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتر، كەڭلىكى 12 كىلومېتر بولۇپ، ئۇلار دېڭىز ئوتتۇرىسىغا يەتكەن بولسا كېرەك. 20 لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى.
21 شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى.«ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى» ــ «زەب.» 23:107-31نى كۆرۈڭ.  زەب. 107‏:29-30
 
ئەيسا ــ ھەقىقىي روھىي ئوزۇقتۇر
22 ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق ئالدىنقى كۈنى ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى. 23 ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. 24 شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى. 25 ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ ــ دەپ سوراشتى.«ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».
26 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر. 27 بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 3‏:16؛ 4‏:14؛ 5‏:37؛ 6‏:40، 54؛ 8‏:18؛ 2پېت. 1‏:17.
28 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن:
ــ نېمىگە ئىنتىلىپ ئىشلىسەك ئاندىن خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىگەن بولىمىز؟ ــ دەپ سوراشتى.
29 ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى.1يۇھ. 3‏:23.
30 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە:
ــ ئۇنداق بولسا سەن بىزنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگۈدەك قانداق مۆجىزىلىك ئالامەت يارىتىسەن؟ زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىسەن؟ مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22. 31 ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى.«ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» ــ «زەب.» 24:78. «ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى» ــ ئۇلارنىڭ بۇنى ئەيساغا دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى: «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان» شۇ پەيغەمبەر ياكى مەسىھ بولساڭ، ئەمدى مۇساغا ئوخشاش ئاسماندىن نان («ماننا») چۈشۈرۈشۈڭگە توغرا كەلمەمدۇ؟» دېگەندەك مەنە ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا «بۇ نان بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، خۇدادۇر» دەپ خاتالىقنى تۈزەتكەندىن كېيىن (32-ئايەت) ئۆزىنىڭ «ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي نان» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.  مىس. 16‏:4، 14؛ چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24، 25؛ 1كور. 10‏:3.
32 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ناننى بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، بەلكى مېنىڭ ئاتامدۇر؛ ئۇ ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى بېرىۋاتىدۇ. 33 چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.
34 ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار.
35 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەركىم ھېچقاچان ئاچ قالمايدۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلغان ھەركىم ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 4‏:14؛ 7‏:37. 36 لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.
37 ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 38 چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:36؛ لۇقا 22‏:42؛ يـۇھ. 5‏:30. 39 مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى... ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت» ــ «ئاخىرقى كۈنى» قىيامەت كۈنى.  يـۇھ. 10‏:28؛ 17‏:12؛ 18‏:9. 40 چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن.يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،54.
41 ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى: 42 ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار.مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3.
43 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ توغرامدا ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار. 44 مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. كۈي. 1‏:4؛ يـۇھ. 6‏:65. 45 پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ سۆزىنى تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. يەش. 54‏:13؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 8‏:10؛ 10‏:16. 46 بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر.«بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر» ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئەيسا ئەمەس، بەلكى روسۇل يۇھاننا چۈشەندۈرۈش يولىدا قوشۇپ يازغان، دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە ئىسپات كۆرمىگەچكە، يەنىلا ئەيسانىڭ ئۆز سۆزى، دەپ ئويلايمىز.  مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 7‏:29؛ 8‏:19.
47 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. يـۇھ. 3‏:16،36. 48 ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن. 49 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى. مىس. 16‏:4؛ چۆل. 11‏:7؛ زەب. 78‏:24 50 لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ. «لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ» ــ ياكى «لېكىن مانا، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدىغان، ئەرشتىن چۈشكەن نان مۇشۇ يەردىدۇر». 51 ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن.يـۇھ. 11‏:26؛ ئىبر. 10‏:5، 10.
52 بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ:
ــ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆزىنىڭ ئەت-تېنىنى قانداق بېرەلىسۇن؟! ــ دېيىشەتتى.يـۇھ. 3‏:9.
53 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئەت-تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە ھاياتلىق بولمايدۇ. 54 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى» ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».  يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،40. 55 چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. 56 ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى» ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى». 57 ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ. 58 مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!يـۇھ. 3‏:13.
59  بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. 60 شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا:
ــ بۇ تەلىم بەك ئېغىر ئىكەن! بۇنى كىم ئاڭلاپ كۆتۈرەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
61 بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟ 62 ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟! مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:50؛ يـۇھ. 3‏:13؛ روس. 1‏:9؛ ئ‍ەف. 4‏:8. 63 ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر. «ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر» ــ مۇشۇ يەردە «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ» ــ «ئىنساننىڭ ئەتلىرى» ــ خۇداغا تايانمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «ئەتئەتلەر» توغرۇلۇق بولغان ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. «مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر» ــ دېمەك، روھىي مەنىدە، ئادەمنىڭ روھىغا ھايات كىرگۈزىدىغان، مەڭگۈلۈك ھايات يەتكۈزىدىغان.  2كور. 3‏:6. 64 لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى).يـۇھ. 2‏:25؛ 13‏:11.
65 شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ!يـۇھ. 6‏:44.
66 شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى. 67 شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن:
ــ سىلەرمۇ، ھەم مەندىن كېتىشنى خالامسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
68 سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ:
ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر! روس. 5‏:20. 69 ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى.مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 11‏:27.
70 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر!» ــ ياكى «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى دۈشمەندۇر!». «ئىبلىس» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز مەنىسى «دۈشمەن، ياۋ».  لۇقا 6‏:13. 71 (ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدانى كۆرسەتكەنىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى بولغىنى بىلەن، كېيىن ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدۇ).«ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا...» ــ ياكى «سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى...».
 
 

6:1 «گالىلىيە دېڭىزى» ــ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چوڭ بىر كۆل. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.

6:4 مىس. 12‏:18؛ لاۋ. 23‏:5، 7؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1.

6:5 مات. 14‏:14؛ مار. 6‏:34؛ لۇقا 9‏:13.

6:7 «ئىككى يۈز دىنارغا نان ئالساقمۇ...» ــ بىر دىنار ياكى «دىنارىئۇس» بولسا ئادەتتە بىر ئىشچىنىڭ بىر كۈنلۈك ھەققىگە توغرا كېلەتتى. 200 دىنار بولسا، ئاددىي ئىشچىنىڭ يېرىم يىللىق كىرىمىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ.

6:11 1سام. 9‏:13.

6:13 «سېۋەت» ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت»، بەلكىم ئىككى قوللاپ كۆتۈرىدىغان سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ.

6:14 «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «چۆل.» 15:18دە تېپىلىدۇ.

6:14 لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19.

6:16 مات. 14‏:23؛ مار. 6‏:47.

6:19 «ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «يىگىرمە بەش ياكى ئوتتۇز «ستادىيون»چە ماڭغاندا...». بىر ستادىيون 185 مېتر، شۇڭا ئۇلار قىرغاقتىن 6-5 كىلومېتر ماڭغانىدى (بىر چاقىرىم 500 مېتر ئەتراپىدۇ). دېڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتر، كەڭلىكى 12 كىلومېتر بولۇپ، ئۇلار دېڭىز ئوتتۇرىسىغا يەتكەن بولسا كېرەك.

6:21 «ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى» ــ «زەب.» 23:107-31نى كۆرۈڭ.

6:21 زەب. 107‏:29-30

6:25 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى».

6:27 مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 3‏:16؛ 4‏:14؛ 5‏:37؛ 6‏:40، 54؛ 8‏:18؛ 2پېت. 1‏:17.

6:29 1يۇھ. 3‏:23.

6:30 مات. 12‏:38؛ 16‏:1؛ مار. 8‏:11؛ لۇقا 11‏:29؛ 1كور. 1‏:22.

6:31 «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» ــ «زەب.» 24:78. «ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى» ــ ئۇلارنىڭ بۇنى ئەيساغا دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى: «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان» شۇ پەيغەمبەر ياكى مەسىھ بولساڭ، ئەمدى مۇساغا ئوخشاش ئاسماندىن نان («ماننا») چۈشۈرۈشۈڭگە توغرا كەلمەمدۇ؟» دېگەندەك مەنە ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا «بۇ نان بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، خۇدادۇر» دەپ خاتالىقنى تۈزەتكەندىن كېيىن (32-ئايەت) ئۆزىنىڭ «ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي نان» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

6:31 مىس. 16‏:4، 14؛ چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24، 25؛ 1كور. 10‏:3.

6:35 يەش. 55‏:1؛ يـۇھ. 4‏:14؛ 7‏:37.

6:38 مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:36؛ لۇقا 22‏:42؛ يـۇھ. 5‏:30.

6:39 «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى... ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت» ــ «ئاخىرقى كۈنى» قىيامەت كۈنى.

6:39 يـۇھ. 10‏:28؛ 17‏:12؛ 18‏:9.

6:40 يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،54.

6:42 مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3.

6:44 كۈي. 1‏:4؛ يـۇھ. 6‏:65.

6:45 يەش. 54‏:13؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 8‏:10؛ 10‏:16.

6:46 «بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر» ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئەيسا ئەمەس، بەلكى روسۇل يۇھاننا چۈشەندۈرۈش يولىدا قوشۇپ يازغان، دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە ئىسپات كۆرمىگەچكە، يەنىلا ئەيسانىڭ ئۆز سۆزى، دەپ ئويلايمىز.

6:46 مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 7‏:29؛ 8‏:19.

6:47 يـۇھ. 3‏:16،36.

6:49 مىس. 16‏:4؛ چۆل. 11‏:7؛ زەب. 78‏:24

6:50 «لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ» ــ ياكى «لېكىن مانا، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدىغان، ئەرشتىن چۈشكەن نان مۇشۇ يەردىدۇر».

6:51 يـۇھ. 11‏:26؛ ئىبر. 10‏:5، 10.

6:52 يـۇھ. 3‏:9.

6:54 «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى» ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».

6:54 يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،40.

6:56 «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى» ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».

6:58 يـۇھ. 3‏:13.

6:62 مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:50؛ يـۇھ. 3‏:13؛ روس. 1‏:9؛ ئ‍ەف. 4‏:8.

6:63 «ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر» ــ مۇشۇ يەردە «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ» ــ «ئىنساننىڭ ئەتلىرى» ــ خۇداغا تايانمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «ئەتئەتلەر» توغرۇلۇق بولغان ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. «مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر» ــ دېمەك، روھىي مەنىدە، ئادەمنىڭ روھىغا ھايات كىرگۈزىدىغان، مەڭگۈلۈك ھايات يەتكۈزىدىغان.

6:63 2كور. 3‏:6.

6:64 يـۇھ. 2‏:25؛ 13‏:11.

6:65 يـۇھ. 6‏:44.

6:68 روس. 5‏:20.

6:69 مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 11‏:27.

6:70 «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر!» ــ ياكى «بىراق ئاراڭلاردا بىرسى دۈشمەندۇر!». «ئىبلىس» دېگەن سۆزنىڭ ئۆز مەنىسى «دۈشمەن، ياۋ».

6:70 لۇقا 6‏:13.

6:71 «ئىشقارىيوتلۇق سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا...» ــ ياكى «سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى...».