18
ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى
مات. 26‏:47-56؛ مار. 14‏:43-50؛ لۇقا 22‏:47-53
ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى.«ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ...» ــ مۇشۇ يەردىكى «تاشقىرىغا چىقىپ...» زىياپەت بولغان ئۆيدىن ياكى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. كىدرون ۋادىسى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىدا (شەرق تەرەپتە) ئىدى.  2سام. 15‏:23؛ مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ لۇقا 22‏:39. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى.مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ لۇقا 22‏:47. ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
ئەيسا ئۇلارغا:
ــ مانا مەن بولىمەن، ــ دېدى.
(ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى). ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى.«ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى» ــ «يۇھاننا»دىكى باشقا بەزى يەرلەردىكى «مەن بولىمەن» دېگەن سۆز خۇدانىڭ «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن نامىنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە «مانا مەن بولىمەن» دېگەنمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ئاڭلاپلا «ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى». شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم:
ــ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
ئەيسا: ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى.
بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.«بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» ــ ياكى «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى». بۇ سۆزلەر ئاساسەن ھەم 39:6 ھەم 12:17دە تېپىلىدۇ.  يـۇھ. 6‏:39؛ 10‏:28؛ 17‏:12.
10 سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى. مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47؛ لۇقا 22‏:50. 11 ئەيسا پېترۇسقا:
ــ قىلىچنى غىلاپقا سال! ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟ ــ دېدى.«ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟» ــ بۇ «قەدەھ» ئۆزى تارتىش كېرەك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 39:26، «مار.» 36:14 ۋە لۇقا» 42:22نى كۆرۈڭ.  مات. 20‏:22؛ 26‏:39.
 
ئەيسانىڭ ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوراق قىلىنىشى
مات. 26‏:57-58؛ مار. 14‏:53-54؛ لۇقا 22‏:54
12 شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. 13 ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى. مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 3‏:2؛ 22‏:54. 14 بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى.««پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى» ــ 49:11-50نى كۆرۈڭ.  يـۇھ. 11‏:50.
 
پېترۇسنىڭ ئەيسادىن تېنىشى
مات. 26‏:69-70؛ مار. 14‏:66-68؛ لۇقا 22‏:55-57
15 ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى. «يەنە بىر مۇخلىس...» ــ «يەنە بىر مۇخلىس» گرېك تىلىدا «ھېلىقى مۇخلىس». يۇھاننا بايانىدا پات-پات ئۆزىنى نامسىز كۆرسىتىپ «ھېلىقى مۇخلىس» دەيدۇ (16:18، 2:20، 3، 4 ۋە 8نى كۆرۈڭ). «ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا...» ــ ئالىملار نامسىز «ئۇ مۇخلىس»نى يۇھاننا دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ باياندا بولغاندەك ئۇ دائىم دېگۈدەك پەقەت «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم»نىلا ئاساس قىلىدۇ. 24:21نى كۆرۈڭ.  مات. 26‏:58؛ مار. 14‏:54؛ لۇقا 22‏:54. 16 لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. 17 دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن:
ــ سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ياق، ئەمەس، ــ دېدى پېترۇس.«سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟» ــ «سەنمۇ» دېگەن سۆز بەلكىم بىرىنچى مۇخلىس ئۆزىنىڭ ئەيسانىڭ مۇخلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ قىزغا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
18 ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى.مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:67؛ لۇقا 22‏:55.
 
باش كاھىن ئانناسنىڭ ئەيسانى سوراق قىلىشى
مات. 26‏:59-66؛ مار. 14‏:55-64؛ لۇقا 22‏:66-71
19 باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى. 20 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى:
ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم. يـۇھ. 7‏:26. 21 بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ.
22 ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ:
ــ باش كاھىنغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ ــ دېدى.يەر. 20‏:2؛ روس. 23‏:2.
23 ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
24 بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى.«بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا ئىككى باش كاھىن بار ئىدى. 22-ئايەتتە ئانناسمۇ «باش كاھىن» دېيىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار نۆۋەت بويىچە باش كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان. 21:19نىمۇ كۆرۈڭ.  مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 22‏:54.
 
پېترۇسنىڭ ئەيسادىن يەنە ئىككى قېتىم تېنىشى
مات. 26‏:71-75؛ مار. 14‏:69-72؛ لۇقا 22‏:58-62
25 سىمون پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. يېنىدىكىلەر:
ــ سەنمۇ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمىدىڭ؟ ــ دېيىشتى.
ــ ياق، ئەمەسمەن، ــ دەپ تاندى پېترۇس.«يېنىدىكىلەر» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار».  مات. 26‏:71؛ مار. 14‏:69؛ لۇقا 22‏:58.
26 ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا:
ــ باغچىدە سېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرگەنىدىمغۇ؟! ــ دېدى.
27 پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى.يـۇھ. 13‏:38.
 
ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇس ئالدىدا سوراق قىلىنىشى
مات. 27‏:1-2، 11-31؛ مار. 15‏:1-20؛ لۇقا 23‏:1-25
28 ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى.«...بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. 14:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
«ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى». ئۇلارنىڭ كۆزقارىشى: «يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرسەك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بەلكىم «ناپاك بىر نەرسە» (مەسىلەن بىر جەسەت ياكى ئۆلۈك نەرسە)گە تەگكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئۇلارغا تەگسەك ئۇلاردىكى «ناپاكلىق» بىزگىمۇ يۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىدى. دېمىسەكمۇ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن بۇ «تاھارەتلەر» تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇندىكى «ناپاكلىق» توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار «بۇلغىنىش»تىن قورقۇپ ئۆز «پاكلىقىنى» بۇلغىماسلىققا قىزغىنلىق بىلەن تىرىشقىنى بىلەن، يەنە خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى.
  مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:1.
29 شۇڭا ۋالىي پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا:
ــ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئەرز قىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
30 ئۇلار:
ــ بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.«بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا...» ــ ياكى «بۇ ئادەم رەزىل قىلغۇچى بولمىسا...».
31 ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا.
يەھۇدىيلار:
ــ بىزنىڭ ھېچكىمنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، ــ دېيىشتى.
32 بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى.«بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مەسىھ بىرنەچچە قېتىم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقادسىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ رىملىقلار ئىجاد قىلغان كرېستتە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەسىلەن، «مات.» 19:20، 2:26، «لۇقا» 32:18-33، «يۇھ.» 14:3، 32:12-33).  مات. 20‏:19؛ يـۇھ. 12‏:32.
33 ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:
ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.مات. 27‏:11؛ مار. 15‏:2؛ لۇقا 23‏:3.
34 ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ بۇ سوئالنى ئۆزۈڭ سوراۋاتامەسەن، ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق ساڭا شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ ــ دېدى.
35 ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس.«مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟» ــ پىلاتۇسنىڭ بۇ سۆزى: «مەن يەھۇدىي ئەمەس، خەلقىڭ سەن توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەن بولسا، مەنمۇ ھېچنېمە دېمەيمەنغۇ» دېگەن پۇرىقى بار سوئالدۇر.
36 ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى.«مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر» ــ ياكى «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر».  يـۇھ. 6‏:15؛ 1تىم. 6‏:13.
37 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا:
ــ ئۇنداقتا، سەن پادىشاھمۇ؟
ئەيسا جاۋابەن: ــ شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك، پادىشاھمەن. مەن شۇنىڭغا تۇغۇلغانمەن، ۋە شۇنىڭغا دۇنياغا كەلدىم: ــ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىشىم ئۈچۈندىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقەتكە تەۋە بولغان ھەربىر كىشى بولسا مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالىدۇ، ــ دېدى.«شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك» ــ ئەيسانىڭ بۇ جاۋابنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.
38 پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:
ــ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ ــ دەپ سورىدى.
پىلاتۇس مۇشۇلارنى دەپ، يەنە تاشقىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا:
ــ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. مات. 27‏:24؛ لۇقا 23‏:4. 39 لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى.«...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار» ــ ياكى: «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش بىر ئادىتىم بار».  مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ لۇقا 23‏:17.
40 ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرىپ:
ــ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دەپ قىيقاس-سۈرەن سېلىشتى (بارابباس بولسا بىر قاراقچى ئىدى).مات. 27‏:16؛ مار. 15‏:7؛ لۇقا 23‏:19؛ روس. 3‏:1.
 
 

18:1 «ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ...» ــ مۇشۇ يەردىكى «تاشقىرىغا چىقىپ...» زىياپەت بولغان ئۆيدىن ياكى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. كىدرون ۋادىسى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىدا (شەرق تەرەپتە) ئىدى.

18:1 2سام. 15‏:23؛ مات. 26‏:36؛ مار. 14‏:32؛ لۇقا 22‏:39.

18:3 مات. 26‏:47؛ مار. 14‏:43؛ لۇقا 22‏:47.

18:6 «ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى» ــ «يۇھاننا»دىكى باشقا بەزى يەرلەردىكى «مەن بولىمەن» دېگەن سۆز خۇدانىڭ «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن نامىنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە «مانا مەن بولىمەن» دېگەنمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ئاڭلاپلا «ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى».

18:9 «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» ــ ياكى «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى». بۇ سۆزلەر ئاساسەن ھەم 39:6 ھەم 12:17دە تېپىلىدۇ.

18:9 يـۇھ. 6‏:39؛ 10‏:28؛ 17‏:12.

18:10 مات. 26‏:51؛ مار. 14‏:47؛ لۇقا 22‏:50.

18:11 «ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟» ــ بۇ «قەدەھ» ئۆزى تارتىش كېرەك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 39:26، «مار.» 36:14 ۋە لۇقا» 42:22نى كۆرۈڭ.

18:11 مات. 20‏:22؛ 26‏:39.

18:13 مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 3‏:2؛ 22‏:54.

18:14 ««پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى» ــ 49:11-50نى كۆرۈڭ.

18:14 يـۇھ. 11‏:50.

18:15 «يەنە بىر مۇخلىس...» ــ «يەنە بىر مۇخلىس» گرېك تىلىدا «ھېلىقى مۇخلىس». يۇھاننا بايانىدا پات-پات ئۆزىنى نامسىز كۆرسىتىپ «ھېلىقى مۇخلىس» دەيدۇ (16:18، 2:20، 3، 4 ۋە 8نى كۆرۈڭ). «ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا...» ــ ئالىملار نامسىز «ئۇ مۇخلىس»نى يۇھاننا دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ باياندا بولغاندەك ئۇ دائىم دېگۈدەك پەقەت «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم»نىلا ئاساس قىلىدۇ. 24:21نى كۆرۈڭ.

18:15 مات. 26‏:58؛ مار. 14‏:54؛ لۇقا 22‏:54.

18:17 «سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟» ــ «سەنمۇ» دېگەن سۆز بەلكىم بىرىنچى مۇخلىس ئۆزىنىڭ ئەيسانىڭ مۇخلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ قىزغا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

18:18 مات. 26‏:69؛ مار. 14‏:67؛ لۇقا 22‏:55.

18:20 يـۇھ. 7‏:26.

18:22 يەر. 20‏:2؛ روس. 23‏:2.

18:24 «بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا ئىككى باش كاھىن بار ئىدى. 22-ئايەتتە ئانناسمۇ «باش كاھىن» دېيىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار نۆۋەت بويىچە باش كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان. 21:19نىمۇ كۆرۈڭ.

18:24 مات. 26‏:57؛ مار. 14‏:53؛ لۇقا 22‏:54.

18:25 «يېنىدىكىلەر» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار».

18:25 مات. 26‏:71؛ مار. 14‏:69؛ لۇقا 22‏:58.

18:27 يـۇھ. 13‏:38.

18:28 «...بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. 14:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى». ئۇلارنىڭ كۆزقارىشى: «يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرسەك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بەلكىم «ناپاك بىر نەرسە» (مەسىلەن بىر جەسەت ياكى ئۆلۈك نەرسە)گە تەگكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئۇلارغا تەگسەك ئۇلاردىكى «ناپاكلىق» بىزگىمۇ يۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىدى. دېمىسەكمۇ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن بۇ «تاھارەتلەر» تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇندىكى «ناپاكلىق» توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار «بۇلغىنىش»تىن قورقۇپ ئۆز «پاكلىقىنى» بۇلغىماسلىققا قىزغىنلىق بىلەن تىرىشقىنى بىلەن، يەنە خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى.

18:28 مات. 27‏:1؛ مار. 15‏:1؛ لۇقا 22‏:66؛ 23‏:1.

18:30 «بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا...» ــ ياكى «بۇ ئادەم رەزىل قىلغۇچى بولمىسا...».

18:32 «بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مەسىھ بىرنەچچە قېتىم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقادسىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ رىملىقلار ئىجاد قىلغان كرېستتە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەسىلەن، «مات.» 19:20، 2:26، «لۇقا» 32:18-33، «يۇھ.» 14:3، 32:12-33).

18:32 مات. 20‏:19؛ يـۇھ. 12‏:32.

18:33 مات. 27‏:11؛ مار. 15‏:2؛ لۇقا 23‏:3.

18:35 «مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟» ــ پىلاتۇسنىڭ بۇ سۆزى: «مەن يەھۇدىي ئەمەس، خەلقىڭ سەن توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەن بولسا، مەنمۇ ھېچنېمە دېمەيمەنغۇ» دېگەن پۇرىقى بار سوئالدۇر.

18:36 «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر» ــ ياكى «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر».

18:36 يـۇھ. 6‏:15؛ 1تىم. 6‏:13.

18:37 «شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك» ــ ئەيسانىڭ بۇ جاۋابنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.

18:38 مات. 27‏:24؛ لۇقا 23‏:4.

18:39 «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار» ــ ياكى: «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش بىر ئادىتىم بار».

18:39 مات. 27‏:15؛ مار. 15‏:6؛ لۇقا 23‏:17.

18:40 مات. 27‏:16؛ مار. 15‏:7؛ لۇقا 23‏:19؛ روس. 3‏:1.