ئايۇپ
1
ئىخلاسمەنلىك ھەم ئاۋاتلىق
«ئۇز» دېگەن يۇرتتا، ئايۇپ ئىسىملىك بىر ئادەم ياشىغانىدى. بۇ ئادەم بولسا قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان، يامانلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. ئايۇپ 2‏:3
ئۇنىڭدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇلدى. ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بويىچە بېكىتكەن كۈندە ئۆز ئۆيىدە باشقىلار ئۈچۈن داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلىنىشقا چاقىرىتاتتى. ئۇلارنىڭ شۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشى بىلەن ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. چۈنكى ئايۇپ: «بالىلىرىم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، كۆڭلىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويامدىكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ ھەردائىم ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇراتتى. «ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئايۇپ ئۇلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلاندۇراتتى». «پاكلىنىش» ــ ئەينى چاغدىكى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ئادەمنى پاكلاندۇررۇش»نىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. بەلكىم يۇيۇندۇرۇلۇپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيدۈرۈش دېگەندەك ئىش بولۇشى مۇمكىن. «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ــ قەدىمكى زامانلاردا مەلۇم بىر ھايۋان (قوي، كالا، قاتارلىق)نى سويۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۈتۈن تېنىنى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل قۇربانلىق گۇناھنى تىلەش ياكى خۇداغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە قىلىنىدۇ. «خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىش» ــ مۇشۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بارۇق» دەپ ئېلىنىدۇ. «بارۇق» ئادەتتە «بەرىكەت، بەخت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ دەۋردە ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقاندا «بەرىكەتلىك بولسۇن» دەپ بەخت تىلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن «بەخت تىلەش» («بارۇق») «خوشلىشىش»نى بىلدۈرۈپمۇ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەك، مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «بالىلىرىم خۇدادىن خوشلىشىپ («خۇددى ۋىدالاشقاندەك») ئايرىلىپ كېتەمدىكىن» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
 
ئەرشتىكى بىرىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان سوقۇنۇپ كىرىدۇ
بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ مۇشۇ يەردە ئېھتىمال مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 7:38نى كۆرۈڭ. «شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى» ــ خۇدا نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۆزىنى ئەركىنلىك بىلەن ھاقارەتلىشىگە يول قويىدۇ؟ بۇ مۇھىم مەسىلە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، دېدى. 1پېت. 5‏:8
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق، ــ دېدى.
شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ئايۇپ خۇدادىن بىكاردىن بىكار قورقمىغاندۇ؟ 10  ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىغا قاشا قويغان ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنىڭ قولىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى تەرەپ-تەرەپتىن گۈللىنىپ ئاۋۇماقتا. «ئەتراپىغا قاشا قويغان» ــ ياكى «ئەتراپىغا توساق قويغان». 11  ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا شەيتان بولماي كېتەي! ــ دېدى.
12  پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزدۇم! بىراق ئۇنىڭ ئۆزىگە تەگكۈچى بولما! ــ دېدى.
شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.
 
بىرىنچى سىناق
13  بىر كۈنى، ئايۇپنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 14  بىر خەۋەرچى ئايۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ كالىلار بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى؛ 15  شېبالىقلار ھۇجۇم قىلىپ كالا-ئېشەكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى.
16  بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ قويلار ۋە ئىشلەۋاتقان ياشلارنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى.
17  بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ كالدىيلەر ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۆگىلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى.
18  بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، 19  تۇيۇقسىز، چۆلدىن قاتتىق بىر بوران چىقىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى قاتتىق سوقۇپ، ئۆي غۇلاپ چۈشۈپ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى.
20  ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ
21  مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار مەندىن ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ــ دېدى. توپ. 5‏:14؛ 1تىم. 6‏:7
22  بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئايۇپ گۇناھ قىلمىدى ۋە ياكى خۇدانى ھېچقانداق نالايىقلىق بىلەن ئەيىبلىمىدى.
ئەرشتىكى ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان يەنە سوقۇنۇپ كىرىدۇ؛ ئىككىنچى سىناق
 
 

1:1 ئايۇپ 2‏:3

1:5 «ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئايۇپ ئۇلارنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلاندۇراتتى». «پاكلىنىش» ــ ئەينى چاغدىكى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ئادەمنى پاكلاندۇررۇش»نىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىزگە نامەلۇم. بەلكىم يۇيۇندۇرۇلۇپ، پاكىز كىيىملەرنى كىيدۈرۈش دېگەندەك ئىش بولۇشى مۇمكىن. «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ــ قەدىمكى زامانلاردا مەلۇم بىر ھايۋان (قوي، كالا، قاتارلىق)نى سويۇپ، ئۇنىڭ قېنىنى يەرگە ئېقىتىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ پۈتۈن تېنىنى خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل قۇربانلىق گۇناھنى تىلەش ياكى خۇداغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە قىلىنىدۇ. «خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىش» ــ مۇشۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بارۇق» دەپ ئېلىنىدۇ. «بارۇق» ئادەتتە «بەرىكەت، بەخت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ دەۋردە ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقاندا «بەرىكەتلىك بولسۇن» دەپ بەخت تىلەيتتى. شۇ سەۋەبتىن «بەخت تىلەش» («بارۇق») «خوشلىشىش»نى بىلدۈرۈپمۇ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. دېمەك، مۇشۇ يەردە بۇ ئىبارە «بالىلىرىم خۇدادىن خوشلىشىپ («خۇددى ۋىدالاشقاندەك») ئايرىلىپ كېتەمدىكىن» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.

1:6 «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ مۇشۇ يەردە ئېھتىمال مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 7:38نى كۆرۈڭ. «شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى» ــ خۇدا نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۆزىنى ئەركىنلىك بىلەن ھاقارەتلىشىگە يول قويىدۇ؟ بۇ مۇھىم مەسىلە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:7 1پېت. 5‏:8

1:10 «ئەتراپىغا قاشا قويغان» ــ ياكى «ئەتراپىغا توساق قويغان».

1:21 توپ. 5‏:14؛ 1تىم. 6‏:7