18
بىلدادمۇ «يامانلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى» توغرۇلۇق سۆز قىلىدۇ
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟
سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز.
بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟
نېمىشقا ئالدىڭلاردا ئەخمەق تونۇلىمىز؟ «بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟» ــ «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بىلدادنىڭ بۇ سۆزىنىڭ پەقەت ئايۇپقىلا قىلىنغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا گەپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بەزىلەر ئايۇپنىڭ جاسارەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدىمۇ-يا؟
ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟!
تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! «ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا ... تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!» ــ ئايۇپ 16-باب، 9-ئايەتتە، «ئۇ (خۇدا)نىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلدى» دېگەن. بىلداد، شۈبھىسىزكى، بۇ گەپنى مازاق قىلىپ: «سېنىڭ يىرتىلىشىڭ خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ غەزىپى بىلەندۇر» دېمەكچى.
بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29).
   ئايۇپ 13‏:14؛ زەب. 113‏:6؛ يەش. 54‏:10؛ مات. 10‏:29-31؛ رىم. 8‏:32
قانداقلا بولمىسۇن، يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ،
ئۇنىڭ ئوت-ئۇچقۇنلىرى يالقۇنلىمايدۇ.
چېدىرىدىكى نۇر قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ،
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسقان چىرىغى ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەملىرى قىسىلىدۇ،
ئۆزىنىڭ نەسىھەتلىرى ئۆزىنى موللاق ئاتقۇزىدۇ.
چۈنكى ئۆز پۇتلىرى ئۆزىنى تورغا ئەۋەتىدۇ،
ئۇ دەل تورنىڭ ئۈستىگە دەسسەيدىغان بولىدۇ.
قىلتاق ئۇنى تاپىنىدىن ئىلىۋالىدۇ،
تۇزاق ئۇنى تۇتۇۋالىدۇ. ئايۇپ 5‏:5
10  يەردە ئۇنى كۈتىدىغان يوشۇرۇن ئارغامچا بار،
يولىدا ئۇنى تۇتماقچى بولغان بىر قاپقان بار.
11  ئۇنى ھەر تەرەپتىن ۋەھىمىلەر بېسىپ قورقىتىۋاتىدۇ،
ھەم ئۇلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قوغلاۋاتىدۇ. ئايۇپ 15‏:21؛ يەر. 6‏:25؛ 46‏:5؛ 49‏:29
12  ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى؛
پالاكەت ئۇنىڭ يېنىدا پايلاپ يۈرىدۇ. «ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «بالايىئاپەت ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈتىۋاتىدۇ...»   ئايۇپ 15‏:23
13  ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى يەۋاتىدۇ؛
ئۇنىڭ ئەزالىرىنى شورايدۇ. «ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى» ــ بەلكىم بىرخىل كېسەلنى (ئايۇپنىڭ كېسىلىنى؟) كۆرسىتىدۇ.
14  ئۇ ئۆز چېدىرىدىكى ئامانلىقتىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ،
ئۆلۈمنىڭ تۇنجىسى ئۇنى «ۋەھىمىلەرنىڭ پادىشاھى»نىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىدۇ. ئايۇپ 8‏:13، 14؛ 11‏:20؛ پەند. 10‏:28
15  ئۆيىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ؛
تۇرالغۇسىنىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇلىدۇ. «باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ» ــ ياكى « ئوت ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ».
16  ئۇنىڭ يىلتىزى تېگىدىن قۇرۇتۇلىدۇ؛
ئۈستىدىكى شاخلىرى كېسىلىدۇ.
17  ئۇنىڭ ئەسلىمىسىمۇ يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ،
سىرتلاردا ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى قالمايدۇ. «سىرتلاردا...» ــ ياكى: «يايلاقلاردا...» ياكى «دالادا...».   زەب. 109‏:13؛ پەند. 10‏:7
18  ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ،
بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ.
19  ئەل-يۇرتتا ھېچقانداق پەرزەنتلىرى ياكى ئەۋلادلىرى قالمايدۇ،
ئۇ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەرلەردىمۇ نەسلى قالمايدۇ. يەش. 14‏:22؛ يەر. 22‏:30
20  ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ،
خۇددى ئالدىنقىلارمۇ چۆچۈپ كەتكەندەك. «خۇددى ئالدىنقىلار چۆچۈپ كەتكەندەك» ــ بىلداد ئېيتقان «ئالدىنقىلار»نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».
21  مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق،
تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر. «مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر» ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدە: «قەبىھ ئادەم»، «تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشى» دېگىنى، «سەن ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس» دېمەكچى.
 
 

18:3 «بىز نېمىشقا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ھايۋانلار ھېسابلىنىمىز؟» ــ «سىلەر» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، بىلدادنىڭ بۇ سۆزىنىڭ پەقەت ئايۇپقىلا قىلىنغان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا گەپ ئاڭلىغۇچىلاردىن بەزىلەر ئايۇپنىڭ جاسارەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قول قويدىمۇ-يا؟

18:4 «ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا ... تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟!» ــ ئايۇپ 16-باب، 9-ئايەتتە، «ئۇ (خۇدا)نىڭ غەزىپى مېنى تىتما قىلدى» دېگەن. بىلداد، شۈبھىسىزكى، بۇ گەپنى مازاق قىلىپ: «سېنىڭ يىرتىلىشىڭ خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزۈڭنىڭ غەزىپى بىلەندۇر» دېمەكچى. بىلداد يەنە خۇدا ئىنساندىن ئۇلۇغ ھەم ئالىي بولغاچقا، ئايۇپ ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشاي، ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەي دەپ ئۆز ئەقلىدىن ئاداشقان، دەپ مازاق قىلىدۇ ــ دېمەك، بىلداد «ئىنساننىڭ خۇدا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشى، كۆرۈشۈشى زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن كۆزقاراشتا بولىدۇ. بىراق ئايۇپ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن خۇدا بىلەن كۆرۈشىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئايۇپنى خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھى دەپ بىلگەن كىشى، دەپ كۆرەلەيمىز (4:29).

18:4 ئايۇپ 13‏:14؛ زەب. 113‏:6؛ يەش. 54‏:10؛ مات. 10‏:29-31؛ رىم. 8‏:32

18:9 ئايۇپ 5‏:5

18:11 ئايۇپ 15‏:21؛ يەر. 6‏:25؛ 46‏:5؛ 49‏:29

18:12 «ماغدۇرىنى ئاچارچىلىق يەپ تۈگەتتى» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى «بالايىئاپەت ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە ئاچكۆزلۈك بىلەن كۈتىۋاتىدۇ...»

18:12 ئايۇپ 15‏:23

18:13 «ئۆلۈمنىڭ چوڭ بالىسى» ــ بەلكىم بىرخىل كېسەلنى (ئايۇپنىڭ كېسىلىنى؟) كۆرسىتىدۇ.

18:14 ئايۇپ 8‏:13، 14؛ 11‏:20؛ پەند. 10‏:28

18:15 «باشقىلار ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ» ــ ياكى « ئوت ئۇنىڭ چېدىرىدا تۇرىدۇ».

18:17 «سىرتلاردا...» ــ ياكى: «يايلاقلاردا...» ياكى «دالادا...».

18:17 زەب. 109‏:13؛ پەند. 10‏:7

18:19 يەش. 14‏:22؛ يەر. 22‏:30

18:20 «خۇددى ئالدىنقىلار چۆچۈپ كەتكەندەك» ــ بىلداد ئېيتقان «ئالدىنقىلار»نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەشرىقتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەغرىبتىكىلەر ئۇنىڭ كۈنىگە قاراپ ئالاقزادە بولىدۇ، مەشرىقتىكىلەرمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ».

18:21 «مانا، قەبىھ ئادەمنىڭ ماكانلىرى شۈبھىسىز شۇنداق، تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشىنىڭمۇ ئورنى چوقۇم شۇنداقتۇر» ــ بىلدادنىڭ بۇ سۆزلىرىدە: «قەبىھ ئادەم»، «تەڭرىنى تونۇمايدىغان كىشى» دېگىنى، «سەن ئايۇپتىن باشقا كىشى ئەمەس» دېمەكچى.