◼24:2 «مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ» ــ مۇشۇ باب 1-12-ئايەتتىكى «ئادەملەر» بەلكىم چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان مىسكىن جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ (بولۇپمۇ 5-12-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ). «...تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ» ــ ياكى «تاشلارنى يۆتكەپ كېتىدۇ».
◘24:2 قان. 19:14؛ 27:17؛ پەند. 22:28؛ 23:10
◼24:3 «ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ» ــ بۇ كالىسى بەلكىم ھەم سۈت ئۈچۈن ھەم يەر ھەيدەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
◘24:4 پەند. 28:28
◼24:5 «ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك،...» ــ بۇ يامان ئادەملەر شەھەر-يېزىلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولۇپ، دەشت-باياۋاندا جان بېقىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
◼24:6 «ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىدۇ» ــ روشەنكى، يەر ئىگىسى بولغان مۇشۇ رەزىل ئادەم بۇ «چۈپرەندىلەر»گە ئۆز ئاشلىق ھوسۇلىنى ئېلىشتا ياكى ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئۈزۈشتە ھېچ ئىشەنمەيدۇ.
◼24:9 «ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ» ــ ياكى «ئۇلار مىسكىنلەردىن كېپىللىك ئالىدۇ».
◘24:10 لاۋ. 19:13
◘24:11 قان. 25:4؛ ياق. 5:4
◼24:12 «... بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ» ــ كېيىن ئايۇپ بۇ سۆزىدىن ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا سۆزلىرىدىن توۋا قىلىپ: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقىسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟» دەپ سۆزىدىن يانىدۇ (42-باب). بىراق بۇ بابتىكى 1-12-ئايەتلەردىن روشەن چۈشىنىمىزكى، ئۇ مۇنداق كىشىلەرنىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرغان ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ كۆڭۈل بۆلەتتى.
◼24:14 «قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ» ــ بەلكىم تاڭ سەھەردىكى غۇۋالىقتىن ھەم كىشىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن زەربە قىلىپ بۇلاپ-تالايدۇ.
◘24:14 زەب. 10:8، 9
◘24:15 زەب. 10:10-11؛ پەند. 7:9، 8
◘24:16 ئايۇپ 38:15؛ يـۇھ. 3:20
◼24:17 «ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ» ــ ياكى «تاڭ سەھەر ئۇلار ئۈچۈن قاپ-قاراڭغۇلۇق بولىدۇ».
◼24:18 «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن!» ــ 18-20-ئايەتلەردىكى پېئىللارنى بۇيرۇق شەكلىدە ياكى كەلگۈسى زامان شەكلىدە تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا 18-20-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمايدۇ... قاتارلىق» بولىدۇ. بىراق بىز تەرجىمىمىزنى ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدۇق.
◼24:20 «قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن!» ــ ياكى: «قۇرت ئۇنىڭ جورىسى بولسۇن!».
◼24:22 «...ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. باشقا خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.
◼24:23 «ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟» ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ يامانلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقىنى بىلەن ئۇلارنى ئالاھىدە جازالىمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارنى ئادەتتىكىدەك ئۆلۈم كۈنىگە ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇشى مۇمكىن.
◼24:24 «ئۇلار ، يەنى يامانلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ» ــ ئايۇپ يەنىلا، يامانلارنىڭ ھېچ جازالانماي ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئاندىن پىشقان سەرخىل بۇغدايدەك ھېچ ئازابلانماي بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.