38
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئايۇپقا جاۋاب بېرىدۇ ــ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىنىڭ يەشمىسى
ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟» ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سوئالى كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ كېيىنكى 42-بابتا ئايۇپمۇ سوئالغا جاۋابەن: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟ شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەنمىگەنلىرىمنى دەپ سالدىم، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتىپ تاشلىدىم» دەپ جاۋابكارلىقنى ئۆزىگە ئالىدۇ. ئايۇپ ئۆزى شۇنداق دېگىنى بىلەن، خۇدا بۇ سۆزنى قىلغاندا ئاخىرقى قېتىمقى سۆزلىگۈچى ئېلىخۇ ئىدى. كۆرگىنىمىزدەك ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى دەل جايىدا ئېيتىلغان، ھەتتا بېشارەت بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭمۇ سۆزىدە خاتالىق ئاز ئەمەس. دوستلارنىڭ سۆزلىرىدىمۇ خاتالىق كۆپ ئىدى. شۇڭا بىز خۇدانىڭ بۇ سۆزى ئايۇپ، ئېلىخۇ ۋە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىدىن ئىبارەت بەشەيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايمىز.   ئايۇپ 42‏:3
ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛
شۇندا مەن سەندىن سوراي،
ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل! «ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا» ــ «ھەقىقىي ئەركەك» ياكى «ھەقىقىي ئوغۇل بالا» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى خۇدا ئالدىدا تۇرغاندىلا ئاندىن بىلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشتىن باش تارتقان كىشى ئەركەك ئەمەستۇر.
مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟
بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. پەند. 8‏:29
كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟
ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟
كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟
6‏-7 تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار بىللە كۈي ئېيتىشقان ۋاقتىدا،
خۇدانىڭ ئوغۇللىرى خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىشقان ۋاقتىدا،
يەر-زېمىننىڭ ئۇللىرى نەگە پاتۇرۇلغان؟
كىم ئۇنىڭ بۇرجەك تېشىنى سالغان؟ «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ 1-بابتىكى ئىزاھاتىمىزدەك، بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار» بولسا بىزنىڭچە ئوخشاشلا پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ يۇلتۇزلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى باردۇر.
بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا،
كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ يار. 1‏:9؛ ئايۇپ 26‏:10؛ زەب. 33‏:7؛ 104‏:6-9؛ پەند. 8‏:29؛ يەر. 5‏:22
مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا،
ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا،
10  مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا،
ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا،
11  يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە،
سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ «سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» ــ دېڭىز-ئوكيانلار ھەم يەر-زېمىننىڭ ئارىلىقىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نازۇك بىر ئىش. يەر يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى دېڭىز. گېئولوگىيە ئىلمى دۇنيايىمىزنىڭ ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېڭىز ئاستىدا ياتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمدا خۇدانىڭ يەر-زېمىننى دېڭىزدىن ئېگىزلىتىشى ھەم دېڭىزدىن ئايرىۋېتىشى خاتىرىلەنگەن. نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى كەلكۈندىن كېيىن خۇدا دۇنيانى ئاخىرەتكىچە ئىككىنچى قېتىم ئاشۇنداق دۇنياۋىي كەلكۈن بىلەن چۆمۈلدۈرمەيمەن، دەپ ئىنسانىيەتكە ۋەدە بەرگەن.
12  سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟
سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟
13  سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ،
شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟ «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ تۇتقۇزۇپ». «سەن ... سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟» ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... سەن شۇنداق قىلىپ، سەھەر نۇرىغا يەر يۈزىنىڭ بۇرجەكلىرىنى تۇتقۇزۇپ، رەزىللەرنى زېمىندىن سىلكىپ تاشلاتقۇزىۋەتكەنمۇسەن؟» (بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، يەر-زېمىن يوتقانغا ئوخشىتىلىدۇ؛ نۇرنىڭ كېلىشى خۇددى يوتقاننى سىلكىگەندەك، رەزىللەرنى قوغدايدىغان قاراڭغۇلۇقنى يوقىتىدۇ).
14  شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛
كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ «شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ» ــ كېچىدە ھەربىر نەرسىنىڭ شەكلى ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەر يەرنىڭ شەكلى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ.
15  ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛
كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. «ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ» ــ دېمەك، رەزىللەر ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق ئۇلارنىڭ «نۇر»ى، «كۈندۈز»ى، يەنى «خىزمەت قىلىش» ۋاقتى بولىدۇ. تاڭ سەھەر كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «نۇرى» ئېلىپ كېتىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار يامان ئىشلارنى قىلىۋەرمەيدۇ، بەلكى جازالاشقا ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز يەنە قىيامەت كۈنىنىڭ نۇرىنىڭ كېلىشى بىلەن، ھازىرقى گۇناھلىق دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن بىر بېشارەت بولسا كېرەك.
16  دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟
ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟
17  ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟
ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟
18  ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟
ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل!
19  نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟
قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟
20  سەن بۇنى بىلىپ ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟
ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟
21  ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن،
كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر!
22  قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ.
مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟
23  بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم،
جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. «بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم» ــ 22- ھەم 23-ئايەتتە خۇدانىڭ قار ۋە مۆلدۈرنى ئادەملەرنىڭ رەزىللىكىنى چەكلەشكە ۋە ياكى ئىنسانغا تەربىيە بېرىشكە قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.
24  چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟
شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟
25  يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟
گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ «يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟» ــ يامغۇرنىڭ يەر يۈزىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە چۈشىدىغانلىقىنى، باشقا بىر يېرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى خۇدا ئاۋۋال ئالاھىدە بېكىتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
26  شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە،
ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟
27  شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ،
ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ «يامغۇر ... ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلىدۇ... ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ (26-27-ئايەت)» ــ خۇدانىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ ھەم ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. ھازىرقى تەبىئىي پەنلەرگە ئاساسەن بىلىمىزكى، ئەسلىدە كېرەكسىز دەپ قارالغان ھايۋانلار ھەم ئۆسۈملۈكلەر تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاسراشقا تولىمۇ كېرەك. دۇنيادىكى بەزى كىچىككىنە ئىشلار تەبىئىي مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خۇدا ئايۇپقا: «مەن ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋاندا ئۆسكەن گۈل-گىياھلارنىڭ گۈزەللىكىدىن (مەيلى ساڭا ھېچ ئەھمىيەتسىز بولسىمۇ) ھۇزۇر ئالغۇم بولسا، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ۋە مەن ئەگەر سەن كۆرەلمەيدىغان ھەم مەقسىتىمنى چۈشەنمەيدىغان شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىدا قىلغانلىرىمنى چۈشەنمىگەن بولساڭمۇ، سېنىڭ باشقا ئىشلىرىڭدا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىمگە قاراپ ماڭا تايىنىپ ئىشەنسەڭ بولمامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشلار پەقەت ئۆزۈمنىڭلا رازىلىقىم ئۈچۈن بولسا سەنمۇ رازى بولامسەن؟» ــ دېگەندەك بولسا كېرەك.
بىز ئاخىردا بۇ تېمىدا يەنە توختىلىپ ئۆتىمىز.
   زەب. 107‏:35
28  يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟
شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟
29  مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟
ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟
30  شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ،
چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
31  «قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟
ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ «قەلب يۇلتۇزلار توپى» ــ بۇ تۈركۈمنىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ دەرۋەقە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرۇشىدا سىرلىق بىر كۈچ بار. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەزى يۇلتۇزلارنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان سىرلىق كۈچىمۇ بار.   ئايۇپ 9‏:9؛ ئام. 5‏:8
32  «ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟
«چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى» ــ بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى «يەتتە قاراقچى» ياكى «يەتتە قوزۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
 
33  ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟
ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ يەر. 31‏:35
34  سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ،
يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟
35  سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟
ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟
36  ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟
ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ ئايۇپ 32‏:8؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17
37  بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟
ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟
38  بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان،
چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟
 
ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتلىق سىرلىرى
39  «چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن،
شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ زەب. 104‏:21
40  ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا،
چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن؟
41  يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا،
بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە،
تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟ زەب. 147‏:9؛ مات. 6‏:26
 
 

38:2 «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟» ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سوئالى كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ كېيىنكى 42-بابتا ئايۇپمۇ سوئالغا جاۋابەن: «نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن كىم؟ شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەنمىگەنلىرىمنى دەپ سالدىم، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تىلسىمات ئىشلارنى ئېيتىپ تاشلىدىم» دەپ جاۋابكارلىقنى ئۆزىگە ئالىدۇ. ئايۇپ ئۆزى شۇنداق دېگىنى بىلەن، خۇدا بۇ سۆزنى قىلغاندا ئاخىرقى قېتىمقى سۆزلىگۈچى ئېلىخۇ ئىدى. كۆرگىنىمىزدەك ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى دەل جايىدا ئېيتىلغان، ھەتتا بېشارەت بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭمۇ سۆزىدە خاتالىق ئاز ئەمەس. دوستلارنىڭ سۆزلىرىدىمۇ خاتالىق كۆپ ئىدى. شۇڭا بىز خۇدانىڭ بۇ سۆزى ئايۇپ، ئېلىخۇ ۋە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىدىن ئىبارەت بەشەيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايمىز.

38:2 ئايۇپ 42‏:3

38:3 «ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا» ــ «ھەقىقىي ئەركەك» ياكى «ھەقىقىي ئوغۇل بالا» دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكى خۇدا ئالدىدا تۇرغاندىلا ئاندىن بىلىنىدۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشتىن باش تارتقان كىشى ئەركەك ئەمەستۇر.

38:4 پەند. 8‏:29

38:6‏-7 «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ 1-بابتىكى ئىزاھاتىمىزدەك، بەلكىم مۇقەددەس پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «تاڭ سەھەردىكى يۇلتۇزلار» بولسا بىزنىڭچە ئوخشاشلا پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ يۇلتۇزلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى باردۇر.

38:8 يار. 1‏:9؛ ئايۇپ 26‏:10؛ زەب. 33‏:7؛ 104‏:6-9؛ پەند. 8‏:29؛ يەر. 5‏:22

38:11 «سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» ــ دېڭىز-ئوكيانلار ھەم يەر-زېمىننىڭ ئارىلىقىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نازۇك بىر ئىش. يەر يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى دېڭىز. گېئولوگىيە ئىلمى دۇنيايىمىزنىڭ ئىلگىرى پۈتۈنلەي دېڭىز ئاستىدا ياتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمدا خۇدانىڭ يەر-زېمىننى دېڭىزدىن ئېگىزلىتىشى ھەم دېڭىزدىن ئايرىۋېتىشى خاتىرىلەنگەن. نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى كەلكۈندىن كېيىن خۇدا دۇنيانى ئاخىرەتكىچە ئىككىنچى قېتىم ئاشۇنداق دۇنياۋىي كەلكۈن بىلەن چۆمۈلدۈرمەيمەن، دەپ ئىنسانىيەتكە ۋەدە بەرگەن.

38:13 «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ تۇتقۇزۇپ». «سەن ... سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟» ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... سەن شۇنداق قىلىپ، سەھەر نۇرىغا يەر يۈزىنىڭ بۇرجەكلىرىنى تۇتقۇزۇپ، رەزىللەرنى زېمىندىن سىلكىپ تاشلاتقۇزىۋەتكەنمۇسەن؟» (بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، يەر-زېمىن يوتقانغا ئوخشىتىلىدۇ؛ نۇرنىڭ كېلىشى خۇددى يوتقاننى سىلكىگەندەك، رەزىللەرنى قوغدايدىغان قاراڭغۇلۇقنى يوقىتىدۇ).

38:14 «شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ» ــ كېچىدە ھەربىر نەرسىنىڭ شەكلى ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. قۇياش نۇرى ئاستىدا ھەر يەرنىڭ شەكلى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ.

38:15 «ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ» ــ دېمەك، رەزىللەر ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق ئۇلارنىڭ «نۇر»ى، «كۈندۈز»ى، يەنى «خىزمەت قىلىش» ۋاقتى بولىدۇ. تاڭ سەھەر كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «نۇرى» ئېلىپ كېتىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار يامان ئىشلارنى قىلىۋەرمەيدۇ، بەلكى جازالاشقا ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز يەنە قىيامەت كۈنىنىڭ نۇرىنىڭ كېلىشى بىلەن، ھازىرقى گۇناھلىق دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن بىر بېشارەت بولسا كېرەك.

38:23 «بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم» ــ 22- ھەم 23-ئايەتتە خۇدانىڭ قار ۋە مۆلدۈرنى ئادەملەرنىڭ رەزىللىكىنى چەكلەشكە ۋە ياكى ئىنسانغا تەربىيە بېرىشكە قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

38:25 «يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟» ــ يامغۇرنىڭ يەر يۈزىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە چۈشىدىغانلىقىنى، باشقا بىر يېرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى خۇدا ئاۋۋال ئالاھىدە بېكىتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

38:27 «يامغۇر ... ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلىدۇ... ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ (26-27-ئايەت)» ــ خۇدانىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدۇ ھەم ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. ھازىرقى تەبىئىي پەنلەرگە ئاساسەن بىلىمىزكى، ئەسلىدە كېرەكسىز دەپ قارالغان ھايۋانلار ھەم ئۆسۈملۈكلەر تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئاسراشقا تولىمۇ كېرەك. دۇنيادىكى بەزى كىچىككىنە ئىشلار تەبىئىي مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، خۇدا ئايۇپقا: «مەن ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋاندا ئۆسكەن گۈل-گىياھلارنىڭ گۈزەللىكىدىن (مەيلى ساڭا ھېچ ئەھمىيەتسىز بولسىمۇ) ھۇزۇر ئالغۇم بولسا، سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ ۋە مەن ئەگەر سەن كۆرەلمەيدىغان ھەم مەقسىتىمنى چۈشەنمەيدىغان شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلسام، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرىدا قىلغانلىرىمنى چۈشەنمىگەن بولساڭمۇ، سېنىڭ باشقا ئىشلىرىڭدا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىمگە قاراپ ماڭا تايىنىپ ئىشەنسەڭ بولمامدۇ؟ ئەگەر بۇ ئىشلار پەقەت ئۆزۈمنىڭلا رازىلىقىم ئۈچۈن بولسا سەنمۇ رازى بولامسەن؟» ــ دېگەندەك بولسا كېرەك. بىز ئاخىردا بۇ تېمىدا يەنە توختىلىپ ئۆتىمىز.

38:27 زەب. 107‏:35

38:31 «قەلب يۇلتۇزلار توپى» ــ بۇ تۈركۈمنىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ دەرۋەقە بىر-بىرىگە باغلىنىپ تۇرۇشىدا سىرلىق بىر كۈچ بار. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بەزى يۇلتۇزلارنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان سىرلىق كۈچىمۇ بار.

38:31 ئايۇپ 9‏:9؛ ئام. 5‏:8

38:32 «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى» ــ بۇ يۇلتۇز تۈركۈمى «يەتتە قاراقچى» ياكى «يەتتە قوزۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

38:33 يەر. 31‏:35

38:36 ئايۇپ 32‏:8؛ توپ. 2‏:26؛ دان. 1‏:17

38:39 زەب. 104‏:21

38:41 زەب. 147‏:9؛ مات. 6‏:26