15
يەھۇدالارغا تەقدىم قىلىنغان زېمىننىڭ چېگراسى ۋە شەھەرلىرى
يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛ جەنۇبىي چېگرىسى «شور دېڭىزى»نىڭ ئايىغىدىن، يەنى جەنۇبىي تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قولتۇقتىن باشلىنىپ، «شور دېڭىزى» ــ يەنە «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  چۆل. 34‏:4 «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۆتۈپ، زىنغا تۇتاشتى؛ ئاندىن قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىنى ياقىلاپ ھەزرونغا ئۆتۈپ، ئاددارغا بېرىپ، كاركائاھقا بۇرۇلۇپ، «سېرىق ئېشەك داۋىنى» ــ ىبرانىي تىلىدا «ئاكراببىم داۋىنى»، بەزىدە شۇنداق ئاتىلىدۇ. ئازمونغا ئۆتۈپ مىسىر ئېقىنى بىلەن چىقىپ، ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى ئىدى.«ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى» ــ بۇ دېڭىز «ئوتتۇرا دېڭىز»دۇر. «ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەرنىڭ جەنۇبىي چېگراڭلار».
شەرقىي چېگرىسى بولسا شور دېڭىزىدىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە ئىدى؛ شىمالىي چېگرىسى بولسا دېڭىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن باشلىنىپ، ئاندىن بەيت-ھوگلاھغا بېرىپ، بەيت-ئاراباھنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىنىڭ قېشىغىچە ئىدى؛ ئاندىن چېگرا ئاقور جىلغىسىدىن دەبىرگە قاراپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن شىمال تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئادۇممىمغا چىقىدىغان داۋاننىڭ ئۇدۇلىدىكى گىلگالغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئەن-شەمەش سۇلىرىدىن ئۆتۈپ، ئەن-روگەل بۇلىقىغا تۇتىشاتتى؛ ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ «بەن-ھىننوم» ــ «ھىننومنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە. چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ، 10 ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛ 11 ئاندىن شىمالغا قاراپ ئەكروننىڭ داۋىنى بىلەن چىقىپ شىكرونغا ئۆتۈپ، بائالاھ تېغىنىڭ يېنىغا تۇتىشىپ، يابنەئەلگە يېتىپ، ئاندىن ئۇچى دېڭىزغا تاقاشقانىدى. 12 غەرب تەرىپىدىكى چېگرىسى بولسا دېڭىز بويلىرى ئىدى. يەھۇدالارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا توختىتىلغان تۆت تەرىپىدىكى چېگرا مانا شۇ ئىدى.چۆل. 34‏:6
13 يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى. يە. 14‏:15؛ ھاك. 1‏:20 14 كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ھاك. 1‏:10 15 ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى). 16 كالەب: ــ كىمكى كىرىئات-سەفەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالسا، ئۇنىڭغا قىزىم ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بېرىمەن، دېگەنىدى.
17 كالەبنىڭ ئۇكىسى كېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىيەل ئۇنى ئىشغال قىلدى، كالەب ئۇنىڭغا قىزى ئاكساھنى خوتۇنلۇققا بەردى. 18 شۇنداق بولدىكى، قىز ياتلىق بولۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بارار چاغدا، ئېرىنى ئاتىسىدىن بىر پارچە يەر سوراشقا ئۈندىدى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.«ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى» ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ 18-ئايەتكە قارىغاندا، پۇرسەت كەلكەندە، ئاكساھ ئۆزى دادىسىغا 19-ئايەتتىكى تەلەپنى قويىدۇ.
19 ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مېنى ئالاھىدە بىر بەرىكەتلىگەيسەن؛ سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن، ماڭا بىرنەچچە بۇلاقنىمۇ بەرگەيسەن، ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، كالەب ئۇنىڭغا ئۈستۈن بۇلاقلار بىلەن ئاستىن بۇلاقلارنى بەردى.«سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەرنى بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)، بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.
 
20 تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن مىراس ئۈلۈشلەردۇر: ــ
21 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئېدوم چېگرىسى تەرەپتىكى شەھەرلەر: ــ كابزەئەل، ئېدەر، ياگۇر، 22 كىناھ، دىموناھ، ئاداداھ، 23  كەدەش، ھازور، يىتنان، 24 زىف، تەلەم، بېئالوت، 25 ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)، 26 ئامام، سېما، مولاداھ، 27 ھازار-گادداھ، ھەشمون، بەيت-پەلەت، 28 ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا، بىزىئوتىيا، 29 بائالاھ، ئىجىم، ئېزەم، 30 ئەلتولاد، كېسىل، خورماھ، 31 زىكلاگ، مادمانناھ، سانسانناھ، 32 لىبائوت، شىلھىم، ئايىن ۋە رىممون قاتارلىقلار جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.«... جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى» ــ تىزىملانغان شەھەرلەر 29 ئەمەس، بەلكى 36 شەھەر؛ تىزىملانغان شەھەرلەرنىڭ ناملىرى بەلكىم «قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار»دىن بىرنەچچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك (مەسىلەن، 23- ۋە 25-ئايەتتىكى «ھازور»).
33 شەفەلاھ ئويمانلىقىدىكى شەھەرلەر بولسا ئەشتائول، زورېئاھ، ئاشناھ، 34 زانوئاھ، ئەن-گاننىم، تاپپۇئاھ، ئەنام،
35 يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازىكاھ، 36 شائارايىم، ئادىتائىم، گەدەراھ ۋە گەدەروتائىم بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى. 37 بۇلاردىن باشقا يەنە زىنان، ھاداشاھ، مىگدال-گاد، 38 دىلېئان، مىزپاھ، يوقتەئەل، «مىزپاھ» ــ ياكى «مىزپەھ». 39 لاقىش، بوزكات، ئەگلون، 40 كاببون، لاھماس، قىتلىش، «لاھماس» ــ ياكى «لاھمام». 41 گەدەروت، بەيت-داگون، نائاماھ ۋە ماككەداھ بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
42 بۇنىڭدىن باشقا يەنە لىبناھ، ئېتەر، ئاشان، 43 يەفتاھ، ئاشناھ، نەزىب، 44 كېئىلاھ، ئاقزىب ۋە مارەشاھ بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە يەنە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلارمۇ بار ئىدى؛ 45 يەنە ئەكرون بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر، 46 شۇنداقلا ئەكروننىڭ غەرب تەرىپىدىن تارتىپ ئاشدودنىڭ يېنىدىكى ھەممە شەھەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەنت-قىشلاقلىرى قوشۇلۇپ، 47 ئاشدود ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار، گازا شەھىرى ۋە شۇنداقلا مىسىر ئېقىنىغىچە ۋە ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ قىرغىقىغىچە، ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار ۋە كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
48 تاغلىق رايوندىكى شەھەرلەر: ــ شامىر، ياتتىر، سوكوھ، 49 دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)، «كىرىئات-سانناھ» ــ ياكى «كىرىئات-سەفەر». 50 ئاناب، ئەشتەموھ، ئانىم، «ئەشتەموھ» ــ ياكى «ئەشتەموئا». 51 گوشەن، ھولون ۋە گىلوھ بولۇپ، جەمئىي ئون بىر شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.
52 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراب، دۇماھ، ئېشان، 53 يانىم، بەيت-تاپپۇئاھ، ئافىكاھ، 54 ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
55 بۇنىڭدىن باشقا يەنە مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، 56 يىزرەئەل، يوكدېئام، زانوئاھ، 57 كايىن، گىبېئاھ ۋە تىمناھ بولۇپ، جەمئىي ئون شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
58 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھالھۇل، بەيت-زۇر، گەدور، 59 مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتەكون بولۇپ، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
60 بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
61 چۆلدىكى شەھەرلەر بولسا: ــ بەيت-ئاراباھ، مىددىن، سەكاكاھ، 62 نىبشان، «شور شەھىرى» ۋە ئەن-گەدى، جەمئىي ئالتە شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى.«شور شەھىرى» ــ ياكى «ئىر-ھاممەلاھ».
63 لېكىن يېرۇسالېمدا ئولتۇرۇقلۇق يەبۇسىيلارنى بولسا يەھۇدالار قوغلىۋېتەلمىگەن؛ شۇڭا تا بۈگۈنگىچە يەبۇسىيلار يەھۇدالار بىلەن يېرۇسالېمدا بىللە تۇرماقتا.
 
 

15:2 «شور دېڭىزى» ــ يەنە «ئۆلۈك دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

15:2 چۆل. 34‏:4

15:3 «سېرىق ئېشەك داۋىنى» ــ ىبرانىي تىلىدا «ئاكراببىم داۋىنى»، بەزىدە شۇنداق ئاتىلىدۇ.

15:4 «ئۇچى دېڭىزغا تاقىشاتتى» ــ بۇ دېڭىز «ئوتتۇرا دېڭىز»دۇر. «ئۇلارنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەرنىڭ جەنۇبىي چېگراڭلار».

15:8 «بەن-ھىننوم» ــ «ھىننومنىڭ ئوغلى» دېگەن مەنىدە.

15:12 چۆل. 34‏:6

15:13 يە. 14‏:15؛ ھاك. 1‏:20

15:14 ھاك. 1‏:10

15:18 «ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشىگە كالەب ئۇنىڭدىن ... سورىدى» ــ بۇ ئىش سەل سىرلىق تۇيۇلىدۇ. نېمىشقا ئوتنىيەلنىڭ ئۆزى بۇ تەلەپنى قويمايدۇ؟ 18-ئايەتكە قارىغاندا، پۇرسەت كەلكەندە، ئاكساھ ئۆزى دادىسىغا 19-ئايەتتىكى تەلەپنى قويىدۇ.

15:19 «سەن ماڭا نەگەۋدىن قاغجىراق يەر بەرگەنىكەنسەن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «سەن ماڭا نەگەۋدىن يەرنى بەرگەنىكەنسەن...» دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەبىر دېگەن شەھەر نەگەۋدە ئەمەس (نەگەۋ يەھۇدانىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى چۆللۈك ئىدى)، بەلكى تاغلىق رايوندا ئىدى. لېكىن ئەتراپىدا سۇ ئاز بولغاچقا، ئاكساھ شۇ يەرنى «نەگەۋدەك (دېمەك، قاغجىراق) بىر يەر» دەپ پۇرىتىدۇ.

15:32 «... جەمئىي يىگىرمە توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار ئىدى» ــ تىزىملانغان شەھەرلەر 29 ئەمەس، بەلكى 36 شەھەر؛ تىزىملانغان شەھەرلەرنىڭ ناملىرى بەلكىم «قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار»دىن بىرنەچچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك (مەسىلەن، 23- ۋە 25-ئايەتتىكى «ھازور»).

15:38 «مىزپاھ» ــ ياكى «مىزپەھ».

15:40 «لاھماس» ــ ياكى «لاھمام».

15:49 «كىرىئات-سانناھ» ــ ياكى «كىرىئات-سەفەر».

15:50 «ئەشتەموھ» ــ ياكى «ئەشتەموئا».

15:62 «شور شەھىرى» ــ ياكى «ئىر-ھاممەلاھ».