يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى
1
«يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يىغا-زارلىرى» •••• 1-مۇناجات ــ يېرۇسالېمنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى
|א| (ئالەف) ئاھ!
ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر،
ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ!
ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى،
ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى!
ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە،
ھاشارغا تۇتۇلدى! «ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ!...» ــ ئىزاھات: بىرىنچى بابتا يەرەمىيا يېرۇسالېمنى مۇسىبەتتە بولغان ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭ دەردىدە قايغۇرىدۇ. قارىشىمىزچە، مۇشۇ بابتىكى «ئۇ» يېرۇسالېم (زىئون)نى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا «ئۇ» مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بىرىنچى بابتا «مەن» ــ پەيغەمبەر ئۆزىنى يېرۇسالېمنىڭ ئورنىغا قويۇپ، مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە يېرۇسالېمنىڭ ئورنىدا قايغۇرىدۇ («مەن» ياكى «ئۇ» ئايالچە رودتا ئىپادىلەنگەن.
|ב| (بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛
مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛
ئاشنىلىرى ئارىسىدىن،
ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛
بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى،
ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى. «ئاشنىلىرى» ... «دوستلىرى».... ــ يېرۇسالېمغا ئىتتىپاقداش بولايلى دېگەن يات ئەللەرنى ياكى يېرۇسالېمدىكىلەر تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.   زەب. 6‏:6-7
|ג| (گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا،
سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى،
ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛
ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى،
ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛ «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇقتىن كېيىن، ...».
|ד| (دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن،
زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا.
بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى،
كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە،
قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛
ئۆزى بولسا،
قاتتىق ئازابلانماقتا.
|ה| (خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى،
دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛
چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن،
پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى.
ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى،
كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. «دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دۈشمەنلىرى ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى».
|ו| (ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛
ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛
ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى. «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى» ــ ياكى «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».
|ז| (زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە،
خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن،
ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا،
يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى،
قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛
كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛
كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى. «ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغ» ــ يەھۇدا ھەردائىم باشقا ئەللەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولماقچى بولۇپ كەلگەن ــ لېكىن ھالقىلىق پەيتتە «ئىتتىپاقداشلىرى» ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم قىلمىغان.
|ח| (خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛
ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە،
ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛
ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇڭا ئۇ مازاقنىڭ ئوبيېكتى بولدى».   يەش. 47‏:3
|ט| (تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛
ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛
ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛
ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛
ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا!
چۈنكى دۈشمەن ھالىمدىن ماختىنىپ كەتتى!» قان. 32‏:29
10 |י| (يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛
ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛
سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ!
11 |כ| (كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ،
ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛
جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا،
ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى.
«ئاھ پەرۋەردىگار، قارا!
مەن ئەرزىمەس سانالدىم. يەر. 52‏:6
12 |ל| (لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار،
بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟
قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟
پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە،
ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى. ئايۇپ 19‏:21؛ زەب. 69‏:19-20؛ مات. 26‏:38-40
13 |מ| (مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.
ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى،
مېنى كەينىمگە ياندۇردى،
ئۇ مېنى نابۇت قىلدى،
كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى.
14 |נ| (نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛
قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛
ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛
ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛
رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى.
15 |ס| (سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛
ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە،
ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى.
رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك،
يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى. «رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى» ــ «ئوتتۇرۇمدىلا» بولسا يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا.
16 |ע| (ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛
مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛
ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛
بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر،
چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى. «ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمغا مەدەت بەرگۈچى» ــ خۇدا ئۆزىدۇر. «بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، سۆزلىگۈچى ھازىر يېرۇسالېم، شۇڭا «مېنىڭ بالىلىرىم» ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.   يەر. 13‏:17
17 |פ| (پې) زىئون قولىنى سوزماقتا،
لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛
پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ
قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن!
يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى. «قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى ئەتراپىغا ئولاشسۇن!».
 
يېرۇسالېم سۆزلەيدۇ
18 |צ| (تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛
چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم!
ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار!
دەردلىرىمگە قاراڭلار!
پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى!
19 |ק| (كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم،
لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛
جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ،
كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى. يەر. 30‏:14
20 |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن!
ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن،
ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ،
يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى.
سىرتتا قىلىچ ئانىسىنى بالىسىدىن جۇدا قىلدى،
ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە! «ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىچىدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە».   يەش. 16‏:11؛ يەر. 48‏:36
21 |ש| (شىين) خەقلەر ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛
لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛
دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ،
بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛
سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن،
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ. «سەن جاكارلىغان كۈن...» ــ خۇدا يەرەمىياغا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىسرائىلنى جازالايدىغان بىر كۈننى ھەم يات ئەللەرنى جازالايدىغان بىر كۈننى ۋەھىي قىلغانىدى.
22 |ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن،
بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ،
ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛
چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر،
قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى!
 
 

1:1 «ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ!...» ــ ئىزاھات: بىرىنچى بابتا يەرەمىيا يېرۇسالېمنى مۇسىبەتتە بولغان ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭ دەردىدە قايغۇرىدۇ. قارىشىمىزچە، مۇشۇ بابتىكى «ئۇ» يېرۇسالېم (زىئون)نى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا «ئۇ» مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بىرىنچى بابتا «مەن» ــ پەيغەمبەر ئۆزىنى يېرۇسالېمنىڭ ئورنىغا قويۇپ، مۇسىبەتلىك ئايال ياكى قىز سۈپىتىدە يېرۇسالېمنىڭ ئورنىدا قايغۇرىدۇ («مەن» ياكى «ئۇ» ئايالچە رودتا ئىپادىلەنگەن.

1:2 «ئاشنىلىرى» ... «دوستلىرى».... ــ يېرۇسالېمغا ئىتتىپاقداش بولايلى دېگەن يات ئەللەرنى ياكى يېرۇسالېمدىكىلەر تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.

1:2 زەب. 6‏:6-7

1:3 «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇقتىن كېيىن، ...».

1:5 «دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «دۈشمەنلىرى ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى».

1:6 «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى» ــ ياكى «بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن ئېلىپ كېتىلدى».

1:7 «ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغ» ــ يەھۇدا ھەردائىم باشقا ئەللەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولماقچى بولۇپ كەلگەن ــ لېكىن ھالقىلىق پەيتتە «ئىتتىپاقداشلىرى» ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم قىلمىغان.

1:8 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇڭا ئۇ مازاقنىڭ ئوبيېكتى بولدى».

1:8 يەش. 47‏:3

1:9 قان. 32‏:29

1:11 يەر. 52‏:6

1:12 ئايۇپ 19‏:21؛ زەب. 69‏:19-20؛ مات. 26‏:38-40

1:15 «رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى» ــ «ئوتتۇرۇمدىلا» بولسا يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدا.

1:16 «ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمغا مەدەت بەرگۈچى» ــ خۇدا ئۆزىدۇر. «بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، سۆزلىگۈچى ھازىر يېرۇسالېم، شۇڭا «مېنىڭ بالىلىرىم» ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

1:16 يەر. 13‏:17

1:17 «قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى ئەتراپىغا ئولاشسۇن!».

1:19 يەر. 30‏:14

1:20 «ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئىچىدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە».

1:20 يەش. 16‏:11؛ يەر. 48‏:36

1:21 «سەن جاكارلىغان كۈن...» ــ خۇدا يەرەمىياغا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىسرائىلنى جازالايدىغان بىر كۈننى ھەم يات ئەللەرنى جازالايدىغان بىر كۈننى ۋەھىي قىلغانىدى.