4
4-مۇناجات ــ خارابىلىك ئىچىدە تۇرغان يېرۇسالېم
|א| (ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى!
ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى!
مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى! «مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار...» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ تەركىبى بولغان يوغان ئويۇلغان تاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «تاشلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «گۆھەر، ياقۇتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بۇ گۆھەرلەرنى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلى بابىلغا ئېلىپ كەتكەنىدى.
|ב| (بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك،
ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى،
ھازىر ساپال كوزىلاردەك،
ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ قىممىتى يوق دەپ قارىلىۋاتىدۇ!
|ג| (گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛
لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى. «مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى» ــ تۆگىقۇشلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىنى باقمايدۇ؛ بالىلىرى ئۆز-ئۆزىنى باقىدۇ.
|ד| (دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛
كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە،
ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ.
|ה| (خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛
سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ.
|ו| (ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛
چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى. «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنىڭ ئۈستىگە ئوت-گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تارتقان جازاسى ئىنتايىن قىسقا بولغان، يېرۇسالېمنىڭكىدەك ئۇزۇنغىچە سوزۇلغان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇ «ئادەمنىڭ قولى»نىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەمەس.
|ז| (زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى،
تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى. «خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق،... تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى» ــ «نازارىي»لار بولسا مەلۇم مەزگىلدە ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزلىرىنى خۇداغا ئالاھىدە ئاتاپ تاپشۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇلار «نازارىي» بولغان ۋاقىتتا چاچلىرىنى چۈشۈرمەيتتى، ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەيتتى (تەۋرات، «چۆل.» 1:6-21نى كۆرۈڭ).
|ח| (خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛
كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛
بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛
ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. «بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تېرىسى ئۇستىخانلىرىغا چاپلىشىدۇ».
|ט| (تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛
چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە،
تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا.
10 |י| (يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛
خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى.
11 |כ| (كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى،
ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛
زىئوندا بىر ئوت يېقىپ،
ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى.
12 |ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا،
نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى.
13 |מ| (مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن،
كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن،
ئۇلارنىڭ زىئوندا ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن،
ــ بۇ ئىش بېشىغا چۈشتى! «پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھلىرى»نى ئەمەس، بەلكى «پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى» ــ ئىسرائىلدا تۇرغان بۇ «پەيغەمبەرلەر» خۇدانى ئەمەس، بەلكى خەلقنى رازى قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
14 |נ| (نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە،
ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى،
ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. «ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپىلانغان قانۇن بويىچە، «ئۆلۈك»كە تەگكەن ئادەم «بۇلغانغان»، «ناپاك» ھېسابلىناتتى. ئۆلگەن نەرسىلەرگە ياكى «ناپاك» ئادەملەرگىمۇ تەگكەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىر مەزگىلگىچە «ناپاك» بولىدۇ. مۇشۇ كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھەردائىم «بۇلغانغان» بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارغا تېگىشكە پېتىنالمايتتى.
15 |ס| (سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا.
ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛
لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ.
16 |פ| (پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛
ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛
كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى،
ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى. «پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» دېيىلىدۇ.
17 |ע| (ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛
دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق. «بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەل» ــ ئىسرائىل ھەردائىم ئاۋۋال مىسىر بىلەن، ئاندىن ئاسۇرىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەكچى بولۇپ، ئۇلاردىن ياردەم سورايتتى (مەسىلەن، 6:5نى، «يەر.» 18:2نى كۆرۈڭ).   ئ‍ەز. 29‏:16
18 |צ| (تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛
شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛
ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛
چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى!
19 |ק| (كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛
تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى،
باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى.
20 |ר| (رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛
بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق! «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» ــ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.
«مەسىھ قىلىش» كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق ياغ قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ «مەسىھ قىلىنغان» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» («پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») دەپ ئاتالغان. «مەسىھ قىلىش» مۇراسىمى خۇدانىڭ ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە ياردىمى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيسا «مەسىھ»نىڭ ئۈستىگە بولسا ياغ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلغان.
21 |ש| (شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن!
لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛
سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن! «ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن!» ــ ئېدوم ئىسرائىلغا ئۆچ بولۇپ، ھەردائىم ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەندە خۇش بولىدۇ. «لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!» ــ «قەدەھ» ــ خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان «قەدەھ»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «يەر.» 15:25-17، 28نى كۆرۈڭ). ئېدوم ئۇنى ئىچكەن كۈنىدە «يالىڭاچ» بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا مۇھاپىزەتسىز قالىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ.
22 |ת| (تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛
ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛
لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛
ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ!
 
 

4:1 «مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار...» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ تەركىبى بولغان يوغان ئويۇلغان تاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار «تاشلار» مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «گۆھەر، ياقۇتلار»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بۇ گۆھەرلەرنى نېبوقادنەسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 605-يىلى بابىلغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

4:3 «مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى» ــ تۆگىقۇشلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىنى باقمايدۇ؛ بالىلىرى ئۆز-ئۆزىنى باقىدۇ.

4:6 «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا سودوم شەھىرىنىڭ ئۈستىگە ئوت-گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ جازالىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تارتقان جازاسى ئىنتايىن قىسقا بولغان، يېرۇسالېمنىڭكىدەك ئۇزۇنغىچە سوزۇلغان ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۇ «ئادەمنىڭ قولى»نىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئەمەس.

4:7 «خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق،... تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى» ــ «نازارىي»لار بولسا مەلۇم مەزگىلدە ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزلىرىنى خۇداغا ئالاھىدە ئاتاپ تاپشۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇلار «نازارىي» بولغان ۋاقىتتا چاچلىرىنى چۈشۈرمەيتتى، ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەيتتى (تەۋرات، «چۆل.» 1:6-21نى كۆرۈڭ).

4:8 «بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «تېرىسى ئۇستىخانلىرىغا چاپلىشىدۇ».

4:13 «پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھلىرى»نى ئەمەس، بەلكى «پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى» ــ ئىسرائىلدا تۇرغان بۇ «پەيغەمبەرلەر» خۇدانى ئەمەس، بەلكى خەلقنى رازى قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

4:14 «ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپىلانغان قانۇن بويىچە، «ئۆلۈك»كە تەگكەن ئادەم «بۇلغانغان»، «ناپاك» ھېسابلىناتتى. ئۆلگەن نەرسىلەرگە ياكى «ناپاك» ئادەملەرگىمۇ تەگكەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىر مەزگىلگىچە «ناپاك» بولىدۇ. مۇشۇ كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھەردائىم «بۇلغانغان» بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارغا تېگىشكە پېتىنالمايتتى.

4:16 «پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى» دېيىلىدۇ.

4:17 «بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەل» ــ ئىسرائىل ھەردائىم ئاۋۋال مىسىر بىلەن، ئاندىن ئاسۇرىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەكچى بولۇپ، ئۇلاردىن ياردەم سورايتتى (مەسىلەن، 6:5نى، «يەر.» 18:2نى كۆرۈڭ).

4:17 ئ‍ەز. 29‏:16

4:20 «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» ــ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. «مەسىھ قىلىش» كونا بىر ئۆرپ-ئادەتكە قارىتىلغان. تەۋراتتىكى بەلگىلىمىدە، يېڭى پادىشاھ تىكلىنىش مۇراسىمىدا بېشىغا پۇراقلىق ياغ قۇيۇلاتتى. بۇ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») دەپ ئاتالغان. كېيىن پادىشاھ «مەسىھ قىلىنغان» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» («پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») دەپ ئاتالغان. «مەسىھ قىلىش» مۇراسىمى خۇدانىڭ ھوقۇقى ۋە ئالاھىدە ياردىمى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا «مەسىھ»نىڭ ئۈستىگە بولسا ياغ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ قۇيۇلغان.

4:21 «ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن!» ــ ئېدوم ئىسرائىلغا ئۆچ بولۇپ، ھەردائىم ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەندە خۇش بولىدۇ. «لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن!» ــ «قەدەھ» ــ خۇدانىڭ غەزىپىگە تولغان «قەدەھ»نى كۆرسىتىدۇ (مەسىلەن، «يەر.» 15:25-17، 28نى كۆرۈڭ). ئېدوم ئۇنى ئىچكەن كۈنىدە «يالىڭاچ» بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا مۇھاپىزەتسىز قالىدۇ، شۇنىڭدەك بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ.