لاۋىيلار
1
«كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» •••• كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر
ۋە پەرۋەردىگار مۇسانى چاقىرىپ جامائەت چېدىرىدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «ۋە» ــ «لاۋىيلار» ياكى «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» دېگەن كىتاب «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى»نى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى (40-باب، 38-ئايەت) بىلەن زىچ باغلايدۇ. مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ داۋامىدۇر. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «جامائەت چېدىرى» ــ ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدىكى «جامائەت» ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» ياكى «خۇدا بىلەن دىدارلىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىقنى سۇنماقچى بولساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى چارپايلاردىن، يەنى كالا ياكى ئۇششاق ماللاردىن سۇنۇشۇڭلار كېرەك.
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى كالىلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم ئەركەك ھايۋاننى كەلتۈرسۇن؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا سۇنسۇن. مىس. 29‏:10 ئۇ قولىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانلىق ئۇنىڭ ئورنىغا كافارەت بولۇشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. «كافارەت» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») تۈپ مەنىسى «يېپىش». گۇناھلارغا «كافارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق ياپاتتى ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ). ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇقىنى بوغۇزلىسۇن؛ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى كەلتۈرۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. ئاندىن قۇربانلىق قىلغۇچى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن ۋە ھارۇن كاھىننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانگاھتا ئوت قالاپ ئوتنىڭ ئۈستىگە ئوتۇنلارنى تىزسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى گۆش پارچىلىرىنى، بېشى ۋە مېيى بىلەن قوشۇپ، قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تەرتىپ بىلەن تىزىپ قويسۇن. «كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى» ــ ھارۇن باش كاھىن، ئوغۇللىرى كاھىنلار قىلىپ بېكىتىلگەنىدى («مىس.» 1:28). لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى قۇربانلىق سۇنغۇچى سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
 
قوي پادىسىدىن قىلىنغان قۇربانلىق
10 ئەگەر ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق ماللاردىن قوي يا ئۆچكە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقدا ئۇ بېجىرىم بولغان بىر ئەركىكىنى كەلتۈرسۇن. 11 ئۇ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ شىمال تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 12 قۇربانلىق قىلغۇچى بولسا گۆشنى پارچىلاپ، بېشى بىلەن مېيىنى كېسىپ ئايرىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇلارنى ئېلىپ قۇربانگاھتىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويسۇن. 13 لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى قۇربانلىق سۇنغۇچى سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
 
ئۇچار-قاناتلاردىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق
14 ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇچار-قاناتلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاي دېسە، ئۇنداقتا ئۇ پاختەكلەردىن ياكى كەپتەر باچكىلىرىدىن قۇربانلىق كەلتۈرسۇن. 15 كاھىن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى تولغاپ ئۈزۈپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ ئۇنىڭ قېنى سىقىلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا سۈرتۈلسۇن. 16 لېكىن تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ قۇربانگاھنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۈللۈككە تاشلىۋەتسۇن؛ «تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ...» ــ ياكى «قۇيرۇق پەيلىرى بىلەن ئۈچەيلىرىنى قوشۇپ...». 17 ئۇ قۇربانلىقنى ئىككى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يارسۇن، بىراق ئۇنى ئىككى پارچە قىلىۋەتمىسۇن. ئاندىن كاھىن بۇنى ئېلىپ قۇربانگاھدىكى ئوتنىڭ ئۈستىدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
 
 

1:1 «ۋە» ــ «لاۋىيلار» ياكى «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى» دېگەن كىتاب «ۋە» دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز «كاھىن-لاۋىيلارنىڭ دەستۇرى»نى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى (40-باب، 38-ئايەت) بىلەن زىچ باغلايدۇ. مەزكۇر كىتاب ئۇنىڭ داۋامىدۇر. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «جامائەت چېدىرى» ــ ياكى «كۆرۈشۈش چېدىرى». «جامائەت چېدىرى» دېگەن سۆزدىكى «جامائەت» ئىبرانىي تىلىدا «خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش» ياكى «خۇدا بىلەن دىدارلىشىش» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

1:3 مىس. 29‏:10

1:4 «كافارەت» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») تۈپ مەنىسى «يېپىش». گۇناھلارغا «كافارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق ياپاتتى ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ).

1:8 «كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى» ــ ھارۇن باش كاھىن، ئوغۇللىرى كاھىنلار قىلىپ بېكىتىلگەنىدى («مىس.» 1:28).

1:16 «تاشلىقىنى پەيلىرى بىلەن قوشۇپ...» ــ ياكى «قۇيرۇق پەيلىرى بىلەن ئۈچەيلىرىنى قوشۇپ...».