لۇقا
1
«لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• مۇقەددىمە
گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، «نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،...» ــ «ئارىمىزدا» ــ دېمەك ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدا. «ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلار» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئارىمىزدا (تولۇق) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشلار». ئىككىلا تەرجىمىسى ئوخشاشلا ئەيسا مەسىھگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. (خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)، «سۆز-كالام» ــ مۇشۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تاپشۇرغان بارلىق تەلىمىنى كۆرسىتىدۇ. «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» ــ ياكى «غوجىدار» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە ئالاھىدە مەنىسى بار. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئۆز گۇۋاھچىلىقىنى ئاغزاكى تارىخلارغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئۇنى باشقىلارغا يادلىتىپ تاپشۇردى. مۇشۇ «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ جامائىتىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ «كالام-سوز»نىڭ تارىخلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن مەسئۇل بولغان «ئامانەتچىلەر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى بۇ ئاغزاكى تارىخلارنى يېزىشقا كىرىشكەنىدى. لۇقا بولسا بۇ تارىخلارنى (1) تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان (2) ئاندىن ئۇلارنى مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ ئىسپاتلىغان ئەھۋالدا بۇلارنى تەرتىپ بويىچە خاتىرىلىگەنىدى. مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم. «مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن...» ــ «باشتىن» دېگەن بۇ سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى: لۇقا «بايان»ىدا خاتىرىلىگەن بارلىق ۋەقەلەرنى ئۇ پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ خاتىرىلىگەن؛ «باشتىن» يەنە قوشۇمچە: «يۇقىرىدىن»، «ئەرشتىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ دېمەك، لۇقا بۇ خاتىرىنى يېزىشقا ئەرشتىن بولغان تۈرتكە بار ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۇنى مۇقەددەس روھنىڭ يوليورۇقى ۋە ئىلھامى ئاستىدا يازغان. «تېئوفىلۇس» ــ مۇنۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق ئىنجىلدىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مەنىسى «خۇدانى سۆيگۈچى». بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
 
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن بېشارەت
يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى. ««ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى ــ «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتى» «1تار.» 10:24دە، كاھىنلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «دىجورنىلىق» تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كاھىنلارنىڭ (ھەممىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى) يىللىق خىزمىتى 24 نۆۋەتكە بۆلۈنەتتى. «كاھىنلىق جەمەتى»دىكىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ئون بەش كۈن نۆۋەت كېلەتتى. «ئابىيا» نۆۋىتى» بۇ يىگىرمە تۆت نۆۋەتتىن بىرى ئىدى. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، كاھىنلارنىڭ سانلىرىغا ئاساسەن، ھەربىر كاھىن ئۆمرىدە «مۇقەددەس جاي»دا خۇشبۇي سېلىشتىن ئىبارەت ئىمتىيازلىق خىزمەتكە بىرلا قېتىم مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ...» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسى «ھارۇن» بىرىنچى «باش كاھىن» ئىدى؛ كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەركەك ئەۋلادلىرى كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.   1تار. 24‏:10. ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى. «ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى» ــ ئۇلارنىڭ «ھەققانىي» ۋە «ئەيىبسىز» دېيىلگەنلىكى ئۇلارنى «گۇناھسىز» دېگەنلىك ئەمەس. تەۋرات قانۇنى بويىچە كىشىلەر ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىپ، شۇنداقلا تەۋرات بويىچە كېرەك بولغان گۇناھنى تىلەيدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغان بولسا، خۇدا ئالدىدا ئەيىبسىز دەپ ھېسابلىناتتى. ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى. «... ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى» ــ مۇشۇ يەردىن ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم ئايالى تۇغماس بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن شۇ سەۋەبتىن ئايالى بىلەن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ.
ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا، 1تار. 24 شۇ چاغدىكى كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى. مىس. 30‏:7؛ لاۋ. 16‏:17. 10 ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. «ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى» ــ ««مۇقەددەس جاي»غا كىرىپ خۇشبۇي سېلىش» ۋەزىپىسى ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت توققۇزدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، ئىككى قېتىملا ئادا قىلىناتتى («مىس.» 7:30-8). 11 تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. 12 ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. 13 بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:
ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. «ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن» ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى). «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكىلدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق.   لۇقا 1‏:60. 14 ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. لۇقا 1‏:58. 15 چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. چۆل. 6‏:1-8؛ ھاك. 13‏:4. 16 ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ. مال. 3‏:24؛ مات. 11‏:14. 17 ئۇ رەبنىڭ ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى. «ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ...» ــ «ئىتائەتسىزلەر» خۇداغا ئىتائەت قىلمايدىغانلار.
«ئاقىلانىلىكىگە» گرېك تىلىدا «ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرىغا». « ئۇ رەبنىڭ ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ.... رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ...» ــ مۇشۇ يەردە «رەبنىڭ ئالدىدا» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئالدىدا». بۇ سۆز تەۋراتتىكى «يەش.» 1:40-11، «مال.» 1:3 ۋە 5:4-6گە ئاساسلانغان؛ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلەر بويىچە رەب ئۆزى يەر يۈزىگە كەلمەكچى بولىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلگەن «ئالدىن يۈرگۈچى»سى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خەلقنى (توۋىغا كەلتۈرۈپ) تەييارلىشى بىلەن يول تەييارلايدۇ. بېشارەت قىلىنغان بۇ ئەلچى يەھيا ئۆزى ئىدى، ئەلۋەتتە.
   مال. 3‏:23-24؛ مات. 3‏:2؛ مار. 9‏:12.
18 زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى. يار. 17‏:17.
19 پەرىشتە جاۋابەن:
ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم. 20 ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى. 21 ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى. 22 ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
23 شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى. 24 دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي: 25 «ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى. يار. 30‏:23؛ يەش. 4‏:1.
 
ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت
26‏-27  ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى. مات. 1‏:18.
28 جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا:
ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى. «ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئەي، قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن!» دېگەن سۆزلەرمۇ قوشۇلىدۇ. 42-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.
29 ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. 30 پەرىشتە ئۇنىڭغا:
ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن. 31 مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. «سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن» ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. «مات.» 21:1نىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىزاھىتىنى كۆرۈڭ.   يەش. 7‏:14. 32 ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. «پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ» ــ تەۋراتتىكى كۆپ بېشارەتلەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ (1) داۋۇتنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس بولۇپ ئاۋۋال ئىسرائىلغا، ئاندىن پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەبۇر» 18-كۈي (بولۇپمۇ 43-ئايەت)، 26:89-37، 11:132، «يەش.» 6:9-7، 5:16، «يەر.» 5:23، «ئام.» 11:9-12 «دان.» 44:2، 13:7-14، 27، «مىك.» 2:5-4 قاتارلىقلار).   2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 9‏:6؛ 54‏:5. 33 ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. «ياقۇپنىڭ جەمەتى» ــ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.   1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6؛ 89‏:36؛ يەر. 23‏:5؛ دان. 7‏:14،27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8.
34 مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.
35 پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. «سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ» ــ ياكى «سەندىن تۇغۇلىدىغان پەرزەنت مۇقەددەس، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ». 36 ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37 چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى. ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ مات. 19‏:26؛ لۇقا 18‏:27.
38 مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.
 
مەريەمنىڭ ئېلىزابىتنى يوقلىشى
39 مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40 ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى. 41 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! «قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر!» ــ ئېلىزابىت مەريەمگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگەن، ئەلۋەتتە. بۇ ئايەتتىكى «بەختلىك» (گرېك تىلىدا «ماكارىئوس») دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇشى كېرەك. ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك»نىڭ مەنىسى: ــ (1) بەختلىك، (2) خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەن؛ (3) خەلق تەرىپىدىن بەخت تىلەنگەن ۋە ئۇلۇغلانغان. 43 ماڭا شۇنداق شەرەپ نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! 44 چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى. 45 ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ! «ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى «پەرۋەردىگاردىن ئەۋەتىلگەن سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ ئىشەنگۈچى نەقەدەر بەختلىكتۇر!».   لۇقا 11‏:28.
 
مەريەم بېشارەت قىلىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ
46 مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ
 
«جېنىم رەبنى ئۇلۇغلايدۇ، 47 روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى، «روھىم ... خۇدادىن شادلاندى» ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «روھىم ... خۇدادا شادلاندى» ــ (1) خۇدا تۈپەيلىدىن شادلانغانلىقىنى؛ (2) خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ شادلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوقۇرمەن 46- ۋە 47-ئايەتتىن ئىنساننىڭ «جان» ۋە «روھ» ئارىسىدا بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرەلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئىنساننىڭ روھىدا باشلىنىدۇ ۋە كېيىن «جېنى»دا (دېمەك، ئىنساننىڭ ئويلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىدا) تولۇقلىنىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «روھ» ۋە «جان» توغرۇلۇق كۆرۈڭ.
48 چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛
چۈنكى مانا، شۇندىن باشلاپ بارلىق دەۋرلەر مېنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ؛
49 چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛
مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى.
50 ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، مىس. 20‏:6.
51 ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى،
ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى. «ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ كۆڭلىدىكى ئوي-خىياللىرىدا تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلەرنى تارمار قىلدى».   زەب. 33‏:10؛ يەش. 51‏:9؛ 52‏:10؛ 1پېت. 5‏:5.
52 ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى،
پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى. 1سام. 2‏:8؛ زەب. 113‏:6.
53 ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى،
لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى. زەب. 34‏:9-10
54‏-55 ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك،
يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك،
ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ،
قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى». «ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، ...» ــ «(خۇدانىڭ) ئۆز رەھىم-شەپقىتى» مۇشۇ يەردە بەلكىم تەۋراتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ ئىبارە خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قىلغان بارلىق شاپائەتلىك ۋەدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يۇقىرىقى سۆزنى كۆرۈڭ). «... قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى» ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.   يەش. 30‏:18؛ 41‏:9؛ 54‏:5؛ يەر. 31‏:2،20؛ يار. 17‏:19؛ 22‏:18؛ زەب. 132‏:11.
 
56 مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.
 
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى
57 ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 58 ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. لۇقا 1‏:14. 59 ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. يار. 17‏:12؛ لاۋ. 12‏:3. 60 لېكىن ئانىسى جاۋابەن:
ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى. لۇقا 1‏:13
61 ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى. 62 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى.
63 ئۇ بىر پارچە موم تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىسمى يۇھاننادۇر». 64 شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى. 65 ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى. 66 بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى.
 
زەكەرىيانىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى بېشارىتى
67 شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ
68 «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن!
چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى. « خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...» ــ «يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىش» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇ خۇدا بەدەل تۆلۈپ ئۇلارنى ، يەنى ئۆز خەلقىنى ھۆر قىلدى» ــ بۇ سۆزلەر ئېيتىلغان ۋاقىت يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى ئۇلارغا بېقىندى ئىدى. «ھۆر بولۇش» مۇشۇ يەردە روھىي ئەركىنلىكنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە مۇھىم بولغىنى ئەل-يۇرتنىڭ «مۇستەقىللىق»ى ئەمەس، بەلكى ھەربىرىمىزنىڭ گۇناھىمىزدىن ئازاد بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.
69‏-71 ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك،
قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛
بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر. «ەدىمدىن بېرى» ــ گرېك تىلىدا «ئەزەلدىن بېرى». «قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى...» ــ «مۈڭگۈز» بولسا مەلۇم ئەلنىڭ ياكى ئادەمنىڭ شان-شەرىپىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ «مۈڭگۈز» ئىسرائىلنى (گۇناھلىرىدىن) قۇتقۇزۇپ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك بىر خەلق قىلىدۇ؛ سۆزنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسەتكەنلىكىدە گۇمان يوق. «بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر» ــ «بۇ زات» گرېك تىلىدا «ئۇ» دېيىلىپ، مۇشۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مۈڭگۈز»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.   زەب. 132‏:17؛ زەب. 72‏:1-14؛ يەش. 40‏:10؛ يەر. 23‏:6؛ 30‏:10؛ دان. 9‏:27.
72‏-75 ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ،
مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،
يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ،
بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ،
بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن،
خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى. «ئۇ... مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى» ــ قايتىلايمىزكى، بۇ بارلىق ئىشلاردا: (1) خۇدا ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرگە نىجات توغرۇلۇق كۆپ ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (2) ئۇ بۇ ۋەدىلەرگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسىھىنى ئەۋەتىدۇ. ھەممە ئىشلار 69-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «نىجات مۈڭگۈزى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئارقىلىقلا بولىدۇ.   يار. 22‏:16؛ زەب. 105‏:9؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 6‏:13،17؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:15.
76 ئەمدى سەن، ئى بالام،
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛
چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن. «...سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن» ــ گرېك تىلىدا «سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈزى ئالدىداماڭىسەن».   لۇقا 1‏:17؛ مال. 3‏:23.
77 ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛ لۇقا 3‏:3.
78‏-79 چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن،
قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن،
پۇتلىرىمىزنى ئامانلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن،
ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى. «خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن...» ــ «يەش.» 1:9-2، 7:42، 9:49-10نى كۆرۈڭ. «ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى» ــ «تاڭ شەپىقى» بولسا يەنە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.   يەش. 9‏:1؛ 42‏:7؛ 43‏:8؛ 49‏:9؛ 60‏:1.
 
80 بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى. «بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە يەھيانىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ.   لۇقا 2‏:40.
 
 

1:1 «نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،...» ــ «ئارىمىزدا» ــ دېمەك ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلەر ئارىسىدا. «ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلار» دېگەنلىكنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئارىمىزدا (تولۇق) ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشلار». ئىككىلا تەرجىمىسى ئوخشاشلا ئەيسا مەسىھگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

1:2 «سۆز-كالام» ــ مۇشۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تاپشۇرغان بارلىق تەلىمىنى كۆرسىتىدۇ. «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» ــ ياكى «غوجىدار» دېگەننىڭ مۇشۇ يەردە ئالاھىدە مەنىسى بار. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە بولغان ئۆز گۇۋاھچىلىقىنى ئاغزاكى تارىخلارغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئۇنى باشقىلارغا يادلىتىپ تاپشۇردى. مۇشۇ «ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەر» بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ جامائىتىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ «كالام-سوز»نىڭ تارىخلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن مەسئۇل بولغان «ئامانەتچىلەر» ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى بۇ ئاغزاكى تارىخلارنى يېزىشقا كىرىشكەنىدى. لۇقا بولسا بۇ تارىخلارنى (1) تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان (2) ئاندىن ئۇلارنى مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ ئىسپاتلىغان ئەھۋالدا بۇلارنى تەرتىپ بويىچە خاتىرىلىگەنىدى.

1:3 «مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن...» ــ «باشتىن» دېگەن بۇ سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى: لۇقا «بايان»ىدا خاتىرىلىگەن بارلىق ۋەقەلەرنى ئۇ پەقەت ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ خاتىرىلىگەن؛ «باشتىن» يەنە قوشۇمچە: «يۇقىرىدىن»، «ئەرشتىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ دېمەك، لۇقا بۇ خاتىرىنى يېزىشقا ئەرشتىن بولغان تۈرتكە بار ئىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۇنى مۇقەددەس روھنىڭ يوليورۇقى ۋە ئىلھامى ئاستىدا يازغان. «تېئوفىلۇس» ــ مۇنۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى توغرۇلۇق ئىنجىلدىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. مەنىسى «خۇدانى سۆيگۈچى».

1:5 ««ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى ــ «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتى» «1تار.» 10:24دە، كاھىنلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «دىجورنىلىق» تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. كاھىنلارنىڭ (ھەممىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى) يىللىق خىزمىتى 24 نۆۋەتكە بۆلۈنەتتى. «كاھىنلىق جەمەتى»دىكىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىبادەتخانىدا ئىشلەشكە ئون بەش كۈن نۆۋەت كېلەتتى. «ئابىيا» نۆۋىتى» بۇ يىگىرمە تۆت نۆۋەتتىن بىرى ئىدى. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، كاھىنلارنىڭ سانلىرىغا ئاساسەن، ھەربىر كاھىن ئۆمرىدە «مۇقەددەس جاي»دا خۇشبۇي سېلىشتىن ئىبارەت ئىمتىيازلىق خىزمەتكە بىرلا قېتىم مۇيەسسەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ...» ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئاكىسى «ھارۇن» بىرىنچى «باش كاھىن» ئىدى؛ كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئەركەك ئەۋلادلىرى كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشقا مۇيەسسەر ئىدى.

1:5 1تار. 24‏:10.

1:6 «ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى» ــ ئۇلارنىڭ «ھەققانىي» ۋە «ئەيىبسىز» دېيىلگەنلىكى ئۇلارنى «گۇناھسىز» دېگەنلىك ئەمەس. تەۋرات قانۇنى بويىچە كىشىلەر ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىپ، شۇنداقلا تەۋرات بويىچە كېرەك بولغان گۇناھنى تىلەيدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغان بولسا، خۇدا ئالدىدا ئەيىبسىز دەپ ھېسابلىناتتى.

1:7 «... ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى» ــ مۇشۇ يەردىن ئوقۇرمەنلەرگە ئېنىقكى، خۇدادىن قورقىدىغان ئادەم ئايالى تۇغماس بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن شۇ سەۋەبتىن ئايالى بىلەن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ.

1:8 1تار. 24

1:9 مىس. 30‏:7؛ لاۋ. 16‏:17.

1:10 «ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى» ــ ««مۇقەددەس جاي»غا كىرىپ خۇشبۇي سېلىش» ۋەزىپىسى ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت توققۇزدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، ئىككى قېتىملا ئادا قىلىناتتى («مىس.» 7:30-8).

1:13 «ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن» ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى). «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكىلدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق.

1:13 لۇقا 1‏:60.

1:14 لۇقا 1‏:58.

1:15 چۆل. 6‏:1-8؛ ھاك. 13‏:4.

1:16 مال. 3‏:24؛ مات. 11‏:14.

1:17 «ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ...» ــ «ئىتائەتسىزلەر» خۇداغا ئىتائەت قىلمايدىغانلار. «ئاقىلانىلىكىگە» گرېك تىلىدا «ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرىغا». « ئۇ رەبنىڭ ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ.... رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ...» ــ مۇشۇ يەردە «رەبنىڭ ئالدىدا» گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئالدىدا». بۇ سۆز تەۋراتتىكى «يەش.» 1:40-11، «مال.» 1:3 ۋە 5:4-6گە ئاساسلانغان؛ بۇ ئۇلۇغ بېشارەتلەر بويىچە رەب ئۆزى يەر يۈزىگە كەلمەكچى بولىدۇ؛ بىراق ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلگەن «ئالدىن يۈرگۈچى»سى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خەلقنى (توۋىغا كەلتۈرۈپ) تەييارلىشى بىلەن يول تەييارلايدۇ. بېشارەت قىلىنغان بۇ ئەلچى يەھيا ئۆزى ئىدى، ئەلۋەتتە.

1:17 مال. 3‏:23-24؛ مات. 3‏:2؛ مار. 9‏:12.

1:18 يار. 17‏:17.

1:25 يار. 30‏:23؛ يەش. 4‏:1.

1:26‏-27 مات. 1‏:18.

1:28 «ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز!» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئەي، قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن!» دېگەن سۆزلەرمۇ قوشۇلىدۇ. 42-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ.

1:31 «سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن» ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. «مات.» 21:1نىمۇ ۋە ئۇنىڭ ئىزاھىتىنى كۆرۈڭ.

1:31 يەش. 7‏:14.

1:32 «پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ» ــ تەۋراتتىكى كۆپ بېشارەتلەردە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ (1) داۋۇتنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس بولۇپ ئاۋۋال ئىسرائىلغا، ئاندىن پۈتكۈل دۇنياغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ (مەسىلەن «زەبۇر» 18-كۈي (بولۇپمۇ 43-ئايەت)، 26:89-37، 11:132، «يەش.» 6:9-7، 5:16، «يەر.» 5:23، «ئام.» 11:9-12 «دان.» 44:2، 13:7-14، 27، «مىك.» 2:5-4 قاتارلىقلار).

1:32 2سام. 7‏:12؛ زەب. 132‏:11؛ يەش. 9‏:6؛ 54‏:5.

1:33 «ياقۇپنىڭ جەمەتى» ــ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.

1:33 1تار. 22‏:10؛ زەب. 45‏:6؛ 89‏:36؛ يەر. 23‏:5؛ دان. 7‏:14،27؛ مىك. 4‏:7؛ ئىبر. 1‏:8.

1:35 «سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ» ــ ياكى «سەندىن تۇغۇلىدىغان پەرزەنت مۇقەددەس، خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ».

1:37 ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ مات. 19‏:26؛ لۇقا 18‏:27.

1:41 «قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر!» ــ ئېلىزابىت مەريەمگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىگەن، ئەلۋەتتە. بۇ ئايەتتىكى «بەختلىك» (گرېك تىلىدا «ماكارىئوس») دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇشى كېرەك. ئىبرانىي تىلىدا «مۇبارەك»نىڭ مەنىسى: ــ (1) بەختلىك، (2) خۇدا تەرىپىدىن بەرىكەتلەنگەن؛ (3) خەلق تەرىپىدىن بەخت تىلەنگەن ۋە ئۇلۇغلانغان.

1:45 «ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمدى «پەرۋەردىگاردىن ئەۋەتىلگەن سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ ئىشەنگۈچى نەقەدەر بەختلىكتۇر!».

1:45 لۇقا 11‏:28.

1:47 «روھىم ... خۇدادىن شادلاندى» ــ ئەسلىدە گرېك تىلىدا «روھىم ... خۇدادا شادلاندى» ــ (1) خۇدا تۈپەيلىدىن شادلانغانلىقىنى؛ (2) خۇدا بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ شادلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇرمەن 46- ۋە 47-ئايەتتىن ئىنساننىڭ «جان» ۋە «روھ» ئارىسىدا بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرەلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئىنساننىڭ روھىدا باشلىنىدۇ ۋە كېيىن «جېنى»دا (دېمەك، ئىنساننىڭ ئويلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىدا) تولۇقلىنىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «روھ» ۋە «جان» توغرۇلۇق كۆرۈڭ.

1:50 مىس. 20‏:6.

1:51 «ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ كۆڭلىدىكى ئوي-خىياللىرىدا تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلەرنى تارمار قىلدى».

1:51 زەب. 33‏:10؛ يەش. 51‏:9؛ 52‏:10؛ 1پېت. 5‏:5.

1:52 1سام. 2‏:8؛ زەب. 113‏:6.

1:53 زەب. 34‏:9-10

1:54‏-55 «ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، ...» ــ «(خۇدانىڭ) ئۆز رەھىم-شەپقىتى» مۇشۇ يەردە بەلكىم تەۋراتتىكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ ئىبارە خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قىلغان بارلىق شاپائەتلىك ۋەدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يۇقىرىقى سۆزنى كۆرۈڭ). «... قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى» ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.

1:54‏-55 يەش. 30‏:18؛ 41‏:9؛ 54‏:5؛ يەر. 31‏:2،20؛ يار. 17‏:19؛ 22‏:18؛ زەب. 132‏:11.

1:58 لۇقا 1‏:14.

1:59 يار. 17‏:12؛ لاۋ. 12‏:3.

1:60 لۇقا 1‏:13

1:63 «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئىسمى يۇھاننادۇر».

1:68 « خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...» ــ «يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىش» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «يوقلاش» دېگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەۋرات ۋە ئىنجىلدا «خۇدانىڭ يوقلىشى» ئۇنىڭ ئىنسانلارغا يېقىن كېلىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇ خۇدا بەدەل تۆلۈپ ئۇلارنى ، يەنى ئۆز خەلقىنى ھۆر قىلدى» ــ بۇ سۆزلەر ئېيتىلغان ۋاقىت يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسى ياكى ئۇلارغا بېقىندى ئىدى. «ھۆر بولۇش» مۇشۇ يەردە روھىي ئەركىنلىكنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە مۇھىم بولغىنى ئەل-يۇرتنىڭ «مۇستەقىللىق»ى ئەمەس، بەلكى ھەربىرىمىزنىڭ گۇناھىمىزدىن ئازاد بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر.

1:69‏-71 «ەدىمدىن بېرى» ــ گرېك تىلىدا «ئەزەلدىن بېرى». «قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى...» ــ «مۈڭگۈز» بولسا مەلۇم ئەلنىڭ ياكى ئادەمنىڭ شان-شەرىپىنى، كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە بۇ «مۈڭگۈز» ئىسرائىلنى (گۇناھلىرىدىن) قۇتقۇزۇپ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك بىر خەلق قىلىدۇ؛ سۆزنىڭ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسەتكەنلىكىدە گۇمان يوق. «بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر» ــ «بۇ زات» گرېك تىلىدا «ئۇ» دېيىلىپ، مۇشۇ يەردە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «مۈڭگۈز»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.

1:69‏-71 زەب. 132‏:17؛ زەب. 72‏:1-14؛ يەش. 40‏:10؛ يەر. 23‏:6؛ 30‏:10؛ دان. 9‏:27.

1:72‏-75 «ئۇ... مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى» ــ قايتىلايمىزكى، بۇ بارلىق ئىشلاردا: (1) خۇدا ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرگە نىجات توغرۇلۇق كۆپ ۋەدىلەرنى قىلغان؛ (2) ئۇ بۇ ۋەدىلەرگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسىھىنى ئەۋەتىدۇ. ھەممە ئىشلار 69-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «نىجات مۈڭگۈزى»، يەنى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئارقىلىقلا بولىدۇ.

1:72‏-75 يار. 22‏:16؛ زەب. 105‏:9؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 6‏:13،17؛ ئىبر. 9‏:14؛ 1پېت. 1‏:15.

1:76 «...سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن» ــ گرېك تىلىدا «سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈزى ئالدىداماڭىسەن».

1:76 لۇقا 1‏:17؛ مال. 3‏:23.

1:77 لۇقا 3‏:3.

1:78‏-79 «خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن...» ــ «يەش.» 1:9-2، 7:42، 9:49-10نى كۆرۈڭ. «ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى» ــ «تاڭ شەپىقى» بولسا يەنە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

1:78‏-79 يەش. 9‏:1؛ 42‏:7؛ 43‏:8؛ 49‏:9؛ 60‏:1.

1:80 «بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە يەھيانىڭ ئۆز روھىنى كۆرسىتىدۇ.

1:80 لۇقا 2‏:40.