3
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىم بېرىشى
مات. 3‏:1-12؛ مار. 1‏:1-8؛ يـۇھ. 1‏:19-28
رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى، پونتىئۇس پىلاتۇس يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى، ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا، «رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى» ــ بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە تىبېرىئۇس قەيسەر مىلادىيە 13-يىلى 27-ئىيۇن ئىمپېراتور دەپ جاكارلانغان. شۇڭا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىلغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى، شۇنداقلا مەسىھنىڭ كەلگەنلىكىنى جار سېلىشقا باشلىغانلىقى مىلادىيە 28-يىلى بولسا كېرەك ئىدى. «ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا...» ــ مۇشۇ ئايەتتە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلگەن «ھاكىم» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن ئىدى.  


مەسىھنىڭ دەۋرىدە، قانائان (ئىسرائىلىيە) زېمىنى
ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى. «... ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى» ــ بۇ 1-2-ئايەتتە خۇدا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ــ دۇنيادا شۇنچە مۇھتەرەم ئەربابلار بولغىنى بىلەن، ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئامانەت قىلغان ئەمەس، بەلكى چۆلدە ياشاۋاتقان نامەلۇم بىر يەھۇدىيغا تاپشۇردى.   روس. 4‏:6. ئۇ ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق رايونلارنى كېزىپ، كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى. «يەھيا پەيغەمبەر... كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى» ــ «كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»: ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ!» ــ دېگەندەك.   مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:4. خۇددى تەۋراتتىكى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن قىسىمدا پۈتۈلگەندەك:
 
«باياۋاندا توۋلىغۇچى بىر كىشىنىڭ:
رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار،
ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. يەش. 40‏:3-5؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ يـۇھ. 1‏:23.
 
بارلىق جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ،
بارلىق تاغ-دۆڭلەر پەسلىتىلىدۇ؛
ئەگرى-توقاي جايلار تۈزلىنىدۇ،
ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەر تەكشى يوللار قىلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ! ــ دەپ توۋلايدۇ». «بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!» ــ «يەش.» 3:40-5.   زەب. 98‏:2-3؛ يەش. 40‏:3-5؛ 52‏:10.
 
يەھيا ئەمدى ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا چىققان توپ-توپ خالايىققا:
ــ ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟! «ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە؛ مەنىسى بەلكىم «توۋا قىلماي، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش بىزنى خۇدانىڭ كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزىدۇ، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!» دېگەندەك.   مات. 3‏:7؛ 23‏:33. ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار! ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال ئەيلىمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار!» ــ «توۋىغا لايىق مېۋىلەر» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى» بولۇپ، بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا پاك تۇرىۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.   مات. 3‏:9؛ يـۇھ. 8‏:39؛ روس. 13‏:26. پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقانداق دەرەخلەر كېسىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ!» ــ دېدى. «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   مات. 3‏:10؛ 7‏:19.
10  ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭدىن:
ــ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. روس. 2‏:37.
11 ئۇ جاۋابەن: ــ ئىككى قۇر چاپىنى بار كىشى بىرىنى يوق كىشىگە بەرسۇن، يەيدىغىنى بار كىشىمۇ شۇنداق قىلسۇن، ــ دېدى. ياق. 2‏:13،15؛ 1يۇھ. 3‏:17.
12 بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ ــ دەپ سورىدى.
13 ئۇ ئۇلارغا: ــ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، ــ دېدى.
14 ئاندىن بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:
ــ بىزچۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.
ئۇ ئۇلارغا:
ــ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زوراۋانلىق بىلەن ئېلىۋالماڭلار، ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار ۋە ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، ــ دېدى. «ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار» ــ بەلكىم پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان شىكايەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
15 ئەمدى خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ ھەممەيلەن كۆڭلىدە يەھيا توغرۇلۇق «مەسىھ مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. «خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ...» ــ دېمەك، تەققەزالىق بىلەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۈتكىنىدە. 16 يەھيا ھەممەيلەنگە جاۋابەن: ــ مەن سىلەرنى دەرۋەقە سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرسى كېلىدۇ؛ مەن ھەتتا كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27،28؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 2‏:4؛ 11‏:15؛ 19‏:4. 17 ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى. مات. 3‏:12.
18  ئەمدى شۇنداق كۆپ باشقا نەسىھەتلەر بىلەن يەھيا خۇش خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزدى. 19  كېيىن، ھاكىم ھېرود ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھېرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بارلىق باشقا رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەھيا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن، «ھاكىم ھېرود» ــ «ھاكىم» گېرك تىلىدا «تېترارك». بۇ سۆز «تۆتنىڭ بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ ھېرود رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، پالەستىننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا (گالىلىيەگە) «پادىشاھ» ياكى «خان» بولغان.   مات. 14‏:3؛ مار. 6‏:18. 20 ھېرود بۇ بارلىق رەزىللىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە شۇنى قىلدىكى، يەھيانى زىندانغا تاشلىدى.
 
ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىشى
مات. 3‏:13-17؛ مار. 1‏:9-11
21 شۇنداق بولدىكى، ھەممە خەلق يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمانلار يېرىلىپ، مات. 3‏:13؛ مار. 1‏:9؛ يـۇھ. 1‏:32. 22 مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. «مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى» ــ «كەپتەر سىياقىدا» ياكى «پاختەك سىياقىدا». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «...شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى» ــ ئەيسانىڭ يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۈمۈلدۈرۈلۈشى ئۇنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە.   يەش. 42‏:1؛ مات. 17‏:5؛ مار. 9‏:7؛ لۇقا 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.
 
ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى
مات. 1‏:1-17
23 ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇ (خەقنىڭ نەزىرىدە) يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى؛ يۈسۈپ خېلىينىڭ ئوغلى، «ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» ــ «ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» گرېك تىلىدا «ئوتتۇزچە ياشقا كىرگەنىدى» ــ گرېكشۇناس پروفېسسور رامساينىڭ دېيىشىچە بۇ ئىبارە (1) ئوتتۇز ياش (يىگىرمە توققۇز ياكى ئوتتۇز بىر ياش ئەمەس)؛ (2) دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەن كۈنى دېگەن مەنىدە. كاھىنلار ۋە لاۋىيلار دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە خىزمىتىنى باشلايتتى («چۆل.» 3:4، «يار.» 46:41نىمۇ كۆرۈڭ).   مات. 13‏:55؛ يـۇھ. 6‏:42. 24 خېلىي ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 25 يۈسۈپ ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناگگاينىڭ ئوغلى، 26 ناگگاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتتاتىيا سېمەينىڭ ئوغلى، سېمەي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يۇدانىڭ ئوغلى، «يۈسۈپ» ــ ياكى «يوسېخ». «يۇدا» ــ «يەھۇدا»نىڭ قىسقا شەكلى. 27 يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زەرۇببابەلنىڭ ئوغلى، زەرۇببابەل سالتىيەلنىڭ ئوغلى، سالاتىيەل نېرىينىڭ ئوغلى، «سالاتىيەل» ــ «مات.» 12:1نى كۆرۈڭ. تەۋراتتا، مەسىلەن «ئەزرا» 2:3دە «شېئالتىئەل» دېيىلىدۇ. 28 نېرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئاددىنىڭ ئوغلى، ئاددى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 29 ئېر يوسەنىڭ ئوغلى، يوسە ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى، ئەلىئېزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم ماتتاتنىڭ ئوغلى، ماتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 30 لاۋىي سىمېئوننىڭ ئوغلى، سىمېئون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يوناننىڭ ئوغلى، يونان ئەلىئاقىمنىڭ ئوغلى، «يەهۇدا» ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «يۇدا» دېيىلىدۇ. 31 ئەلىئاقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتتاتانىڭ ئوغلى، ماتتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 32 داۋۇت يەسسەنىڭ ئوغلى، يەسسە ئوبەدنىڭ ئوغلى، ئوبەد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 33 ئاممىناداب ئارامنىڭ ئوغلى، ئارام ھېزروننىڭ ئوغلى، ھېزرون پەرەزنىڭ ئوغلى، پەرەز يەھۇدانىڭ ئوغلى، «ئارام» ــ «رۇت» 20:4 ۋە «1تار.» 10:2دە «رام». «ھېزرون» ــ گرېك تىلىدا «ئەسروم». «پەرەز» ــ گرېك تىلىدا «پارەس». 34 يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، يار. 11‏:10. 35 ناھور سېرۇگنىڭ ئوغلى، سېرۇگ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئېبەرنىڭ ئوغلى، ئېبەر شېلاھنىڭ ئوغلى، «سېرۇگ» ــ گرېك تىلىدا «سېرۇخ». «راغۇ» ــ گرېك تىلىدا «راغاۋ». ئىبرانىيچە «رەئۇ». «پەلەگ» ــ گرېك تىلىدا «پالەگ». «شېلاھ» ــ گرېك تىلىدا «سالاھ». 36 شېلاھ قائىناننىڭ ئوغلى، قائىنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد شەمنىڭ ئوغلى، شەم نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لەمەخنىڭ ئوغلى، «قائىنان» ــ گرېك تىلىدا «قائىنام». «شەم» ــ گرېك تىلىدا «سېم». « لەمەخ» ــ گرېك تىلىدا «لامەخ». 37 لەمەخ مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانوخنىڭ ئوغلى، ھانوخ يارەدنىڭ ئوغلى، يارەد ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، 38 قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. «...قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى» ــ بۇ نەسەبنامە ۋە «ماتتا»دا خاتىرىلەنگەن نەسەبنامە ئۈستىدە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ھەمدە «يەرەمىيا»دىكى (30:22 توغرىسىدا) قوشۇمچە سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە لۇقا بەرگەن بۇ نەسەبنامە مەسىھنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ نەسەبنامىسىدۇر.   يار. 5‏:3.
 
 

3:1 «رىم ئىمپېراتورى تىبېرىئۇس قەيسەرنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بەشىنچى يىلى» ــ بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە تىبېرىئۇس قەيسەر مىلادىيە 13-يىلى 27-ئىيۇن ئىمپېراتور دەپ جاكارلانغان. شۇڭا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسرائىلغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى، شۇنداقلا مەسىھنىڭ كەلگەنلىكىنى جار سېلىشقا باشلىغانلىقى مىلادىيە 28-يىلى بولسا كېرەك ئىدى. «ھېرود خان گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، ھېرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا...» ــ مۇشۇ ئايەتتە ئۈچ قېتىم ئىشلىتىلگەن «ھاكىم» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «تېترارق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «تېترارق» دېگەننىڭ تولۇق مەنىسى «(زېمىننىڭ) تۆتتىن بىر قىسمى ئۈستىدىكى ھاكىم». «تېترارق» دېگەن مەرتىۋە «ۋالىي»دىن تۆۋەن ئىدى.

3:2 «... ھانناس ھەم قايافا باش كاھىنلىق قىلىۋاتقاندا، خۇدانىڭ سۆز-كالامى چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا كەلدى» ــ بۇ 1-2-ئايەتتە خۇدا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ــ دۇنيادا شۇنچە مۇھتەرەم ئەربابلار بولغىنى بىلەن، ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئامانەت قىلغان ئەمەس، بەلكى چۆلدە ياشاۋاتقان نامەلۇم بىر يەھۇدىيغا تاپشۇردى.

3:2 روس. 4‏:6.

3:3 «يەھيا پەيغەمبەر... كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشنى باشلىدى» ــ «كىشىلەرگە گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»: ــ باشقىچە ئېيتقاندا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ!» ــ دېگەندەك.

3:3 مات. 3‏:1؛ مار. 1‏:4.

3:4 يەش. 40‏:3-5؛ مات. 3‏:3؛ مار. 1‏:3؛ يـۇھ. 1‏:23.

3:6 «بارلىق ئەت ئىگىلىرى خۇدانىڭ نىجاتىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!» ــ «يەش.» 3:40-5.

3:6 زەب. 98‏:2-3؛ يەش. 40‏:3-5؛ 52‏:10.

3:7 «ئەي زەھەرلىك يىلان بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە؛ مەنىسى بەلكىم «توۋا قىلماي، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش بىزنى خۇدانىڭ كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزىدۇ، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!» دېگەندەك.

3:7 مات. 3‏:7؛ 23‏:33.

3:8 «ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىلەرنى كەلتۈرۈڭلار!» ــ «توۋىغا لايىق مېۋىلەر» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى» بولۇپ، بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا پاك تۇرىۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.

3:8 مات. 3‏:9؛ يـۇھ. 8‏:39؛ روس. 13‏:26.

3:9 «پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز توغرۇلۇق ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:9 مات. 3‏:10؛ 7‏:19.

3:10 روس. 2‏:37.

3:11 ياق. 2‏:13،15؛ 1يۇھ. 3‏:17.

3:14 «ھېچكىمگە يالغاندىن شىكايەت قىلماڭلار» ــ بەلكىم پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان شىكايەتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

3:15 «خەلق تەقەززالىقتا بولۇپ...» ــ دېمەك، تەققەزالىق بىلەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۈتكىنىدە.

3:16 يەش. 44‏:3؛ يو. 2‏:27،28؛ مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:8؛ يـۇھ. 1‏:26؛ روس. 1‏:5؛ 11‏:16؛ 2‏:4؛ 11‏:15؛ 19‏:4.

3:17 مات. 3‏:12.

3:19 «ھاكىم ھېرود» ــ «ھاكىم» گېرك تىلىدا «تېترارك». بۇ سۆز «تۆتنىڭ بىرىنى ئىدارە قىلغۇچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ ھېرود رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولۇپ، پالەستىننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا (گالىلىيەگە) «پادىشاھ» ياكى «خان» بولغان.

3:19 مات. 14‏:3؛ مار. 6‏:18.

3:21 مات. 3‏:13؛ مار. 1‏:9؛ يـۇھ. 1‏:32.

3:22 «مۇقەددەس روھ كەپتەر سىياقىدا چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى» ــ «كەپتەر سىياقىدا» ياكى «پاختەك سىياقىدا». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «...شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى» ــ ئەيسانىڭ يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۈمۈلدۈرۈلۈشى ئۇنىڭ زىندانغا تاشلىنىشىدىن بۇرۇن، ئەلۋەتتە.

3:22 يەش. 42‏:1؛ مات. 17‏:5؛ مار. 9‏:7؛ لۇقا 9‏:35؛ كول. 1‏:13؛ 2پېت. 1‏:17.

3:23 «ئەيسا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغاندا، ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» ــ «ئوتتۇزغا كىرىپ قالغانىدى» گرېك تىلىدا «ئوتتۇزچە ياشقا كىرگەنىدى» ــ گرېكشۇناس پروفېسسور رامساينىڭ دېيىشىچە بۇ ئىبارە (1) ئوتتۇز ياش (يىگىرمە توققۇز ياكى ئوتتۇز بىر ياش ئەمەس)؛ (2) دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەن كۈنى دېگەن مەنىدە. كاھىنلار ۋە لاۋىيلار دەل ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە خىزمىتىنى باشلايتتى («چۆل.» 3:4، «يار.» 46:41نىمۇ كۆرۈڭ).

3:23 مات. 13‏:55؛ يـۇھ. 6‏:42.

3:26 «يۈسۈپ» ــ ياكى «يوسېخ». «يۇدا» ــ «يەھۇدا»نىڭ قىسقا شەكلى.

3:27 «سالاتىيەل» ــ «مات.» 12:1نى كۆرۈڭ. تەۋراتتا، مەسىلەن «ئەزرا» 2:3دە «شېئالتىئەل» دېيىلىدۇ.

3:30 «يەهۇدا» ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «يۇدا» دېيىلىدۇ.

3:33 «ئارام» ــ «رۇت» 20:4 ۋە «1تار.» 10:2دە «رام». «ھېزرون» ــ گرېك تىلىدا «ئەسروم». «پەرەز» ــ گرېك تىلىدا «پارەس».

3:34 يار. 11‏:10.

3:35 «سېرۇگ» ــ گرېك تىلىدا «سېرۇخ». «راغۇ» ــ گرېك تىلىدا «راغاۋ». ئىبرانىيچە «رەئۇ». «پەلەگ» ــ گرېك تىلىدا «پالەگ». «شېلاھ» ــ گرېك تىلىدا «سالاھ».

3:36 «قائىنان» ــ گرېك تىلىدا «قائىنام». «شەم» ــ گرېك تىلىدا «سېم». « لەمەخ» ــ گرېك تىلىدا «لامەخ».

3:38 «...قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش سېتنىڭ ئوغلى، سېت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى» ــ بۇ نەسەبنامە ۋە «ماتتا»دا خاتىرىلەنگەن نەسەبنامە ئۈستىدە «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىز ھەمدە «يەرەمىيا»دىكى (30:22 توغرىسىدا) قوشۇمچە سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە لۇقا بەرگەن بۇ نەسەبنامە مەسىھنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ نەسەبنامىسىدۇر.

3:38 يار. 5‏:3.