18
خۇدا ئۆز بەندىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ دەردىگە يېتىدۇ
ۋە ئۇ ئۇلارغا، بوشاشماي، ھەردائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رىم. 12‏:12؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:17.
ــ «مەلۇم شەھەردە بىر سوتچى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايدىكەن. شۇ شەھەردە بىر تۇل ئايال بار ئىكەن ۋە ئۇ دائىم سوتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەيىبكاردىن ھەققىمنى ئېلىپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن.
ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنى رەت قىپتۇ؛ بىراق كېيىن كۆڭلىدە: خۇدادىنمۇ قورقمايمەن، ئادەملەرگىمۇ پەرۋا قىلمايمەن، لېكىن بۇ تۇل خوتۇن مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىپ مېنى ھالىمدىن كەتكۈزۈۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەرھالدا ئۇنىڭ دەۋايىنى سوراپ قوياي!» ــ دەپ ئويلاپتۇ».
رەب: قاراڭلار، ئادالەتسىز بۇ سوتچىنىڭ نېمە دېگەنلىرىگە! ئۇ شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز نىدا قىلىۋاتقان تاللىغان بەندىلىرىگە قانداق قىلار؟ گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟«گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ «دەردىگە يەتمەس» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە يەنە «ھەققىنى بەرمەس» ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزمەس»نىمۇ بىلدۈرىدۇ.
«گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ شەرھىمىزچە، بۇ جۈملىدىكى «رەزىللىك» مۇشۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە بارلىق تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ھەمدەرد بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ (ئۇلاردىن ئارتۇقراق، ئەلۋەتتە!) مۇشۇ دۇنيادىكى رەزىللىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ رەزىللىككە كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋر-تاقىتىنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ تېما ئۈستىدە «كول.» 24:1، «فىل.» 10:3، «ئەف.» 13:3نى ۋە بۇ يازمىلاردىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىدىن «ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى بەك كېچىكتۈرەرمۇ؟» دېگەنلەر بار.
  ۋەھ. 6‏:10. مەن سىلەرگە ئېيتايكى: ئۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ناھايىتى تېزلا ھەققىنى ئېلىپ بېرىدۇ! لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟ ــ دېدى.«لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟» ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.
 
پەرىسىي بىلەن باجگىر
ئۇ ئۆزلىرىنى ھەققانىي دەپ قاراپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان بەزىلەرگە قارىتىپ، مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتتى:
10 ــ ئىككى ئادەم دۇئا قىلغىلى ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 11 پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر! يەش. 1‏:15؛ 58‏:2؛ ۋەھ. 3‏:17،18. 12 ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم روزا تۇتىمەن ۋە تاپقانلىرىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى سەدىقە قىلىمەن».
13 بىراق ھېلىقى باجگىر يىراقتا تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي مەيدىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ دەپتۇ.«ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ «مۇشۇ گۇناھكار» گرېك تىلىدا «دۇنيادا بىردىنبىر گۇناھكار» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ.
14 مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇ ئىككىيلەندىن پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنار، لېكىن كىمكى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا ئۈستۈن كۆتۈرۈلەر.«...باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ» ــ «كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ» گرېك تىلىدا «ھەققانىي قىلىنىپ» دېيىلىدۇ.  ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5.
 
ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى
مات. 19‏:13-15؛ مار. 10‏:13-16
15 ئەمدى قولىنى تەگكۈزسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. مات. 19‏:13؛ مار. 10‏:13. 16 ئەمما ئەيسا بالىلارنى يېنىغا چاقىرىپ: كىچىك بالىلارنى ئالدىمغا كەلگىلى قويۇڭلار، ئۇلارنى توسۇشماڭلار. چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداقلاردىن تەركىب تاپقاندۇر. مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2. 17 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى: كىمكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىدەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، ــ دېدى.
 
بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس
مات. 19‏:16-30؛ مار. 10‏:17-31
18 مەلۇم بىر ھۆكۈمدار ئەيسادىن: ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك، ــ دەپ سورىدى.«مەلۇم بىر ھۆكۈمدار» ــ «ھۆكۈمدار» ــ رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەھۇدىي «ھاكىم». «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.  مات. 19‏:16؛ مار. 10‏:17.
19 لېكىن ئەيسا: مېنى نېمە ئۈچۈن ياخشى دەيسەن؟ ياخشى بولغۇچى پەقەت بىرلا، يەنى خۇدادۇر. 20 ئەمرلەرنى بىلىسەن: ــ «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ــ دېدى.مىس. 20‏:12-16؛ قان. 5‏:17-20؛ رىم. 13‏:9؛ ئ‍ەف. 6‏:2؛ كول. 3‏:20.
21 ــ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ.
22 ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ سەندە يەنە بىر ئىش كەم. پۈتكۈل مال-مۈلكىڭنى سېتىپ، پۇلىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگىن ۋە شۇنداق قىلساڭ، ئەرشتە خەزىنەڭ بولىدۇ؛ ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.مات. 6‏:19؛ 19‏:21؛ 1تىم. 6‏:19.
23 ئەمما ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 24 تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! پەند. 11‏:28؛ مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23. 25 تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشىدىن ئاساندۇر! ــ دېدى.
26 بۇنى ئاڭلىغانلار: ــ ئۇنداق بولسا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلىسۇن؟ ــ دېيىشتى.
27 ئەمما ئۇ جاۋابەن: ــ ئىنسانلارغا مۇمكىن بولمىغان ئىشلار خۇداغا مۇمكىندۇر ــ دېدى. ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ لۇقا 1‏:37.
28 ئەمدى پېترۇس: ــ مانا، بىز بار-يوقىمىزنى تاشلاپ ساڭا ئەگەشتۇق!؟ ــ دېدى.مات. 4‏:20؛ 19‏:27؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 5‏:11.
29 ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆي-ۋاق يا ئاتا-ئانىسى يا قېرىنداشلىرى يا ئايالى يا بالىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرى قان. 33‏:9. 30 بۇ زاماندا بۇلارغا كۆپ ھەسسىلەپ مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە كېلىدىغان زاماندىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ. ــ دېدى.ئايۇپ 42‏:12.
 
ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن ئېيتىشى
مات. 20‏:17-19؛ مار. 10‏:32-34
31 ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. زەب. 22؛ يەش. 53‏:7؛ مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:17؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:32؛ لۇقا 9‏:22؛ 24‏:7. 32 چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛ « ئىنسانئوغلى يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ» ــ «تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەننىڭ «ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ» دېگەن ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار.  مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28؛ روس. 3‏:13. 33 ئۇلار ئۇنى قامچىلىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ ۋە ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى.
34 بىراق ئۇلار بۇ سۆزلەردىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئېيتقىنىنى بىلەلمەي قالدى.«بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ...» ــ كىمنىڭ تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىق ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بۇ قېتىم سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى قېتىمدىكى سۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدى (45:9). بىزنىڭچە يوشۇرغۇچى شەيتان، لېكىن خۇدا شەيتاننىڭ ئالدىشىغا يول قويۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارقىلىق ئۆز شان-شەرىپىنى تېخىمۇ روشەن قىلماقچى بولدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
 
ئەيسانىڭ قارىغۇ تىلەمچىنى ساقايتىشى
مات. 20‏:29-34؛ مار. 10‏:46-52
35 ۋە شۇنداق ئىش بولدىكى، ئۇ يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا، بىر كور كىشى يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. «يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا» ــ ماتتا بۇ ۋەقەنى بايان قىلغاندا («مات.» 29:20) «يېرىخودىن چىققاندا» دەيدى. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىككى «يېرىخو شەھىرى» بار ئىدى، خۇددى قەشقەردىكى «يېڭى شەھەر» ۋە «كونا شەھەر»لەردەك.  مات. 20‏:29؛ مار. 10‏:46. 36 ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ــ نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 37 خەق ئۇنىڭغا:
ــ ناسارەتلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، ــ دەپ خەۋەر بەردى.
38 ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.«ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا،...» ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولاتتى).
39 ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.
40 ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇنى ئالدىغا باشلاپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ۋە قارىغۇ ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندە ئۇ ئۇنىڭدىن: 41 ــ سەن مېنى نېمە قىلىپ بەر، دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ئى رەببىم، قايتا كۆرىدىغان بولسامئىدى! ــ دېدى ئۇ.
42 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ كۆرىدىغان بولغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى، ــ دېدى.
43 ۋە ئۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى؛ ئۇ ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇدانى ئۇلۇغلاپ ماڭدى. ۋە بارلىق خالايىقمۇ بۇنى كۆرۈپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
 
 

18:1 رىم. 12‏:12؛ ئ‍ەف. 6‏:18؛ كول. 4‏:2؛ 1تېس. 5‏:17.

18:7 «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ «دەردىگە يەتمەس» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە يەنە «ھەققىنى بەرمەس» ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزمەس»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. «گەرچە خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە ھەمدەرد بولۇش بىلەن بىرگە رەزىللىككە ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلسىمۇ، ئاخىرىدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟» ــ شەرھىمىزچە، بۇ جۈملىدىكى «رەزىللىك» مۇشۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى رەزىللىكنى كۆرسىتىدۇ؛ خۇدا ئۆز بەندىلىرىگە بارلىق تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردە ھەمدەرد بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ (ئۇلاردىن ئارتۇقراق، ئەلۋەتتە!) مۇشۇ دۇنيادىكى رەزىللىككە سەۋر-تاقەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ رەزىللىككە كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان سەۋر-تاقىتىنىڭ پەقەت قىيامەت كۈنىگىچە بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ تېما ئۈستىدە «كول.» 24:1، «فىل.» 10:3، «ئەف.» 13:3نى ۋە بۇ يازمىلاردىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. بۇ ئىبارىنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىدىن «ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى بەك كېچىكتۈرەرمۇ؟» دېگەنلەر بار.

18:7 ۋەھ. 6‏:10.

18:8 «لېكىن ئىنسانئوغلى كەلگەندە يەر يۈزىدە ئىمان-ئىشەنچ تاپالامدۇ؟» ــ دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنى دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇئالارغا ئىجابەت قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇنچە كۆپ ۋەدە قىلغان يەردە، نېمىشقا ئىمان-ئىشەنچ ئاز بولىدۇ؟ لېكىن دەرۋەقە ئاز بولۇشى مۇمكىن.

18:11 يەش. 1‏:15؛ 58‏:2؛ ۋەھ. 3‏:17،18.

18:13 «ئەي خۇدا، مەن مۇشۇ گۇناھكارغا رەھىم قىلغايسەن!» ــ «مۇشۇ گۇناھكار» گرېك تىلىدا «دۇنيادا بىردىنبىر گۇناھكار» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ.

18:14 «...باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ» ــ «كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ» گرېك تىلىدا «ھەققانىي قىلىنىپ» دېيىلىدۇ.

18:14 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 29‏:23؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5.

18:15 مات. 19‏:13؛ مار. 10‏:13.

18:16 مات. 18‏:3؛ 19‏:14؛ 1كور. 14‏:20؛ 1پېت. 2‏:2.

18:18 «مەلۇم بىر ھۆكۈمدار» ــ «ھۆكۈمدار» ــ رىم ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەھۇدىي «ھاكىم». «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» ــ گرېك تىلىدا «نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟» دېگەن سۆز مەلۇم بىر ئىشنى بىرلا قېتىم قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

18:18 مات. 19‏:16؛ مار. 10‏:17.

18:20 مىس. 20‏:12-16؛ قان. 5‏:17-20؛ رىم. 13‏:9؛ ئ‍ەف. 6‏:2؛ كول. 3‏:20.

18:22 مات. 6‏:19؛ 19‏:21؛ 1تىم. 6‏:19.

18:24 پەند. 11‏:28؛ مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23.

18:27 ئايۇپ 42‏:2؛ يەر. 32‏:17؛ زەك. 8‏:6؛ لۇقا 1‏:37.

18:28 مات. 4‏:20؛ 19‏:27؛ مار. 10‏:28؛ لۇقا 5‏:11.

18:29 قان. 33‏:9.

18:30 ئايۇپ 42‏:12.

18:31 زەب. 22؛ يەش. 53‏:7؛ مات. 16‏:21؛ 17‏:22؛ 20‏:17؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:32؛ لۇقا 9‏:22؛ 24‏:7.

18:32 « ئىنسانئوغلى يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ» ــ «تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەننىڭ «ساتقۇنلۇق قىلىنىدۇ» دېگەن ئىككىنچى مەنىسىمۇ بار.

18:32 مات. 27‏:2؛ لۇقا 23‏:1؛ يـۇھ. 18‏:28؛ روس. 3‏:13.

18:34 «بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلاردىن يوشۇرۇلغان بولۇپ...» ــ كىمنىڭ تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىق ئېيتىلمايدۇ. شەيتان تەرىپىدىنمۇ، ياكى خۇدا تەرىپىدىنمۇ؟ ياكى پەقەت ئۆز گاللىقى تەرىپىدىنمۇ؟ بۇ قېتىم سۆزنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكى قېتىمدىكى سۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدى (45:9). بىزنىڭچە يوشۇرغۇچى شەيتان، لېكىن خۇدا شەيتاننىڭ ئالدىشىغا يول قويۇشى بىلەن، ئۇلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارقىلىق ئۆز شان-شەرىپىنى تېخىمۇ روشەن قىلماقچى بولدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.

18:35 «يېرىخو شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا» ــ ماتتا بۇ ۋەقەنى بايان قىلغاندا («مات.» 29:20) «يېرىخودىن چىققاندا» دەيدى. ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتتا ئىككى «يېرىخو شەھىرى» بار ئىدى، خۇددى قەشقەردىكى «يېڭى شەھەر» ۋە «كونا شەھەر»لەردەك.

18:35 مات. 20‏:29؛ مار. 10‏:46.

18:38 «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا،...» ــ «داۋۇتنىڭ ئوغلى» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ (پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولاتتى).