ماتتا
1
«ماتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى
بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ «ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم بىرىنچىدىن تۆۋەندىكى «نەسەبنامە»نى (1-16-ئايەتنى) كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇلار ھەم «ماتتا» كىتابىنىڭ بېشىدا ۋە تولۇق ئىنجىلنىڭ بېشىدا كېلىپ «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھ دەۋرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   لۇقا 1‏:31-32
ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ يار. 21‏:2؛ 25‏:26،35. يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، «يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى» ــ تامار توغرۇلۇق «يار.» 38-بابنى كۆرۈڭ.   يار. 38‏:27، 29؛ رۇت 4‏:18، 19؛ 1تار. 2‏:5، 9. رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، «سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى» ــ راھاب توغرۇلۇق «يەشۇئا» 2-بابنى كۆرۈڭ. «بوئاز رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى» ــ رۇت توغرۇلۇق تەۋراتتىكى «رۇت»نى كۆرۈڭ. يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، رۇت 4‏:22؛ 1سام. 16‏:1؛ 17‏:12؛ 1تار. 2‏:15؛ 12‏:18. سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، 1پاد. 11‏:43؛ 1تار. 3‏:10. ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، «يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى» ــ «يەھورام» گرېك تىلىدا قىسقارتىلما شەكىلدە «يورام» بولىدۇ. ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، 10 ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ 11 بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. «بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا...» ــ سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە ئون نەچچە يىل جەريان بولغان. ئىسرائىللار تۈركۈم-تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ سۈرگۈن قىلىنغان.   1تار. 3‏:16. 12 بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، «يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى» ــ بۇ قىزىق خەۋەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «شېئالتىئەل» گرېك تىلىدا «سالاتىيەل».   1تار. 3‏:17؛ ئەزرا 3‏:2. 13 زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، 14 ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، 15 ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، 16 ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى. «ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى» ــ بىزنىڭ پىكرىمىزچە «ماتتا»دا يۈسۈپنىڭ نەسەبنامىسى خاتىرىلىنىدۇ. «لۇقا»دا مەريەمنىڭكى خاتىرىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
17 شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان.
 
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى
18 ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. «لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا،...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار تېخى بىللە بولمايلا».   لۇقا 1‏:27،34.
19 لېكىن ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى. «يۈسۈپ... ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى» ــ ئىبرانىيلار ئارىسىدا يىگىت-قىز بىر-بىرىگە ۋەدىلەشكەن بولسا قانۇن ئالدىدا ئاللىقاچان رەسمىي ئەر-ئايال دەپ ھېسابلىنىدۇ.
20 ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 21 ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى. «ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.   لۇقا 1‏:31؛ روس. 4‏:12.
22 مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ «مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان...» ــ ئىنجىلدا، تەۋراتتىكى بېشارەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدە، ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ (1) يۈز بەرگەن ئىش دەل شۇ بېشارەتنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 22:1، 14:4، 17:12، 4:21)؛ (2) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقە ياكى ئىش بولىدۇ (مەسىلەن، 23:2، 35:13)؛ (3) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشقا بىر مىسال بولىدۇ (مەسىلەن، 17:2). بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.
23 «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ». «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ» ــ «يەش.» 14:7 ۋە «يەش.» 8:8، 10نى كۆرۈڭ.
24 يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 25 لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. لۇقا 2‏:21.
 
 

1:1 «ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم بىرىنچىدىن تۆۋەندىكى «نەسەبنامە»نى (1-16-ئايەتنى) كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇلار ھەم «ماتتا» كىتابىنىڭ بېشىدا ۋە تولۇق ئىنجىلنىڭ بېشىدا كېلىپ «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھ دەۋرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:1 لۇقا 1‏:31-32

1:2 يار. 21‏:2؛ 25‏:26،35.

1:3 «يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى» ــ تامار توغرۇلۇق «يار.» 38-بابنى كۆرۈڭ.

1:3 يار. 38‏:27، 29؛ رۇت 4‏:18، 19؛ 1تار. 2‏:5، 9.

1:5 «سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى» ــ راھاب توغرۇلۇق «يەشۇئا» 2-بابنى كۆرۈڭ. «بوئاز رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى» ــ رۇت توغرۇلۇق تەۋراتتىكى «رۇت»نى كۆرۈڭ.

1:6 رۇت 4‏:22؛ 1سام. 16‏:1؛ 17‏:12؛ 1تار. 2‏:15؛ 12‏:18.

1:7 1پاد. 11‏:43؛ 1تار. 3‏:10.

1:8 «يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى» ــ «يەھورام» گرېك تىلىدا قىسقارتىلما شەكىلدە «يورام» بولىدۇ.

1:11 «بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا...» ــ سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە ئون نەچچە يىل جەريان بولغان. ئىسرائىللار تۈركۈم-تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ سۈرگۈن قىلىنغان.

1:11 1تار. 3‏:16.

1:12 «يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى» ــ بۇ قىزىق خەۋەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «شېئالتىئەل» گرېك تىلىدا «سالاتىيەل».

1:12 1تار. 3‏:17؛ ئەزرا 3‏:2.

1:16 «ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى» ــ بىزنىڭ پىكرىمىزچە «ماتتا»دا يۈسۈپنىڭ نەسەبنامىسى خاتىرىلىنىدۇ. «لۇقا»دا مەريەمنىڭكى خاتىرىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

1:18 «لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا،...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار تېخى بىللە بولمايلا».

1:18 لۇقا 1‏:27،34.

1:19 «يۈسۈپ... ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى» ــ ئىبرانىيلار ئارىسىدا يىگىت-قىز بىر-بىرىگە ۋەدىلەشكەن بولسا قانۇن ئالدىدا ئاللىقاچان رەسمىي ئەر-ئايال دەپ ھېسابلىنىدۇ.

1:21 «ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.

1:21 لۇقا 1‏:31؛ روس. 4‏:12.

1:22 «مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان...» ــ ئىنجىلدا، تەۋراتتىكى بېشارەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدە، ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ (1) يۈز بەرگەن ئىش دەل شۇ بېشارەتنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 22:1، 14:4، 17:12، 4:21)؛ (2) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقە ياكى ئىش بولىدۇ (مەسىلەن، 23:2، 35:13)؛ (3) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشقا بىر مىسال بولىدۇ (مەسىلەن، 17:2). بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.

1:23 «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ» ــ «يەش.» 14:7 ۋە «يەش.» 8:8، 10نى كۆرۈڭ.

1:25 لۇقا 2‏:21.