□8:2 «ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى» ــ ماخاۋ كېسىلى بىر خىل قورقۇنچلۇق، يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، تەۋرات قانۇنى بويىچە يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى «ناپاك» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا تەگمەسلىكى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 13-14-بابلار). «تەقسىر» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «كۇرىئوس» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قاراپ ياكى «تەقسىر» ياكى «رەب»نى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار ئادەم ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخى ئانچە بىلمىگەچكە، «تەقسىر» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك.
■8:2 مار. 1:40؛ لۇقا 5:12.
□8:4 «ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن» ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى. («لاۋ.» 9:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان.
■8:4 لاۋ. 13:2؛ 14:2؛ لۇقا 5:14.
■8:5 لۇقا 7:1.
■8:8 زەب. 107:20.
□8:9 «مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن...» ــ «مەنمۇ» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.
■8:11 لۇقا 13:29.
□8:12 «كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كەلگەنلەر...» ــ (11-ئايەت) يەھۇدىي ئەمەسلەرنى، يەنى يات ئەلىلكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى» بولسا، ئەسلى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇش كېرەك بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
■8:12 مات. 13:42؛ 21:43؛ 22:13؛ 24:51؛ لۇقا 13:28.
■8:14 مار. 1:29؛ لۇقا 4:38.
■8:17 يەش. 53:4؛ 1پېت. 2:24.
■8:19 لۇقا 9:57.
□8:20 «ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق» ــ تەۋراتتا «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن خۇدانىڭ ئوغلى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
□8:21 «رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن» ــ بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى بەلكىم تېخى دۇنيادىن كەتمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر: «ئاۋۋال بېرىپ ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈشۈمگە يول قويغايسەن» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
□8:22 «ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن» ــ «ئۆلۈكلەر» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «روھى ئۆلگەنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.
■8:22 1تىم. 5:6.
■8:23 مار. 4:35؛ لۇقا 8:22.
■8:26 ئايۇپ 26:12؛ زەب. 107:29؛ يەش. 51:10.
□8:28 «گادارالىقلار» ــ ياكى «گېراسالىقلار» («لۇقا» 36:8نى كۆرۈڭ). «جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى» ــ «گۆرلەردىن» قانائاندا (پەلەستىندە) كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.
■8:28 مار. 5:1؛ لۇقا 8:26.