مىكاھ
1
بېشارەتلەر 1-قاتار •••• بارلىق ئەللەر، ئاڭلاڭلار! سامارىيە ۋە يەھۇدانىڭ ھالىغا ۋاي!
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ
ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن.
ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار!
قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ
رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن،
رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن! قان. 32‏:1؛ يەش. 1‏:2
چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛
ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ «... ئۇ (پەرۋەردىگار) چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ» ــ «كىرىش سۆز»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «ئىسرائىل (ۋە باشقا ئەللەر) ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار» بۇتلارغا، جىن-شەيتانلارغا ئاتالغان جايلار ئىدى.   قان. 32‏:13؛ 33‏:29؛ زەب. 115‏:3؛ يەش. 26‏:21؛ ئام. 4‏:13
ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ،
جىلغىلار يېرىلىدۇ،
خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك،
سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ. «چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ... (3-ئايەت) ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ...» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ.   ھاك. 5‏:4؛ زەب. 18‏:7-9؛ زەب. 68‏:2، 8؛ زەب. 97‏:5؛ ئام. 9‏:5
بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى،
ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛
ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟
يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»نى ياساش نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ «ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»نى ياساش نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟» ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدادا «يۇقىرى جايلار» بۇتپەرەسلىككە ئائىت، يىرگىنچلىك جايلارغا ئايلاندۇرۇلغانىدى. «يۇقىرى جايلار» ياساش «يېرۇسالېمدىن باشلانغان» ــ سۇلايمان پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلاردا ئەيىبى بار ئىدى («2پاد.» 7:11نى كۆرۈڭ).
شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك،
ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛
مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن،
ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛ «شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا مەن سامارىيەنىئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، يېڭىلا تىكىلگەن ئۇزۇمزارلىقتەك قىلىۋېتىمەن». «مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن» ــ سامارىيەدىكى ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر ئاجايىب ھەيۋەتلىك چوڭ تاشلاردىن ياسالغانىدى (ئومرى دېگەن پادىشاھنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ). «... دومىلىتىپ تاشلايمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۆكۈپ تاشلايمەن».
ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛
ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛
بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛
چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛
ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. «چۈنكى ئۇ (سامارىيە) پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ» ــ «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى» توغرۇلۇق: ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتىلغاندەك، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانىڭ بۇتپەرەسلىكى ھەرخىل شەھۋانىيلىك بىلەن ئارىلاشقان. بۇتخانىلارغا مەخسۇس «ئاتاپ بېغىشلىغان» پاھىشە ئاياللار بىلەن بىللە يېتىش بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ بىر پائالىيىتى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇتخانىلار ۋە ئۇلارنى باشقۇرغۇچىلار بۇ ئارقىلىق بېيىپ كەتكەنىدى. «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغۇچى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ۋە كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسى بەلكىم مۇشۇ بۇتپەرەسلىكتىن ئېرىشكەن مال-دۇنيالىرىنى ئوخشاش يولدا (ئۆزلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى سېلىپ، بۇتپرەرەسلىك-پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق بېيىشقا) ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن!
باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: ــ پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق ئېرىشەلگەن شۇ كۈمۈش بۇتلارغا ھەل بېرىشكە ئىشلەتكەن؛ تاجاۋۇزچىلار كۈمۈشنى قايتىدىن ئېرىتىپ، ئۇنى تەڭگىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ قايتىدىن «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى»گە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن،
مەن ھۇۋلايمەن؛
يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛
مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛
ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن. «بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن ... مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن» ــ مىكاھ پەيغەمبەر سامارىيەدىكىلەرگە ئىنتايىن كۆيۈنگىنى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا كەلگۈسى ئاپەتنى كۆرسىتىدغان «رەسىم بولۇش» ئۈچۈن، خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تېزلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئالدىدا يالىڭاچ (بەلكىم «يېرىم يالىڭاچ») يۈرىدۇ.   ئايۇپ 30‏:29
چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر،
ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ،
خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى. «ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ،...» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» ئاپەت ياكى «سامارىيەنىڭ يارىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ (ئاپەت) ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، ... يېرۇسالېمغىچە يامرىدى» ــ 10-16-ئايەتلەردە مىكاھ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يەھۇدانى ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردىكى 11 شەھەرنىڭ ھەربىرى پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى «مورەشەت»تىن كۆپ دېگەندە 9 كىلومېتر يىراقلىقتا بولۇپ، «مورەشەت»تە تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى. مىكاھ ھەربىر شەھەرنىڭ ناملىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇنىڭغا ماسلاشقان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلىگەن. دەرۋەقە ھەربىر شەھەر ئاخىرىدا ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
10 بۇ ئاپەتنى گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار،
قەتئىي يىغلىماڭلار؛
بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار! «بۇ ئاپەتنى گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار» ــ «گات» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «يىغا»غا يېقىن. «بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار!» ــ «بەيت-لە-ئافراھ» «توپا-چاڭلىق يۇرت» دېگەن مەنىدە.   2سام. 1‏:20؛ يەر. 6‏:26
11 ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە ئەسىرلىككە ئۆت؛
زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛
بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛
«خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» «ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە ئەسىرلىككە ئۆت» ــ «سافىر»نىڭ مەنىسى «گۈزەللىك»، «يېقىملىق». «خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!». «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس» ــ «زائانان»نىڭ تەلەپپۇزى «چىقىش» دېگەن سۆزگە يېقىن. «بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» ــ «بەيت-ئېزەل» دېگەن «ئېلىپ كېتىش»كە يىقىن ئاھاڭدا.
ئايەتتىكى ئىككىنچى قىسىمنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار بەيت-ئېزەلنىڭ ئاھ-زارلىرىغا چىققان ئەمەس؛ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ».
   يەش. 47‏:3
12 ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛
بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى. «ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ» ــ «ماروت» دېگەننىڭ مەنىسى «ئاچچىق» ــ ئۇلار «يامانلىق»نىڭ ئاچچىقلىقىنى تېتىيدۇ. «...يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى» ــ سەنناخېرىب يەھۇدادىكى نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلالماي دەرۋازىسى ئالدىغا توختاپ قالدى. ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى.   ئام. 3‏:6
13 تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛
(لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!)
چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ. «تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «لاقىش»نىڭ تەلەپپۇزى «ئات»قا يېقىن. لاقىش شۇ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر؛ ئاتقا تايىنىشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ. خۇدا ئىسرائىلغا «ئاتقا تايىنىش»نى قەتئىي مەنئى قىلغانىدى («قان.» 17-باب). ئۇلارنىڭ ئاتلارغا تايىنىشى بەلكىم يەھۇداغا سەلبىي ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!» ــ لاقىش شەھىرى يەھۇدادا بولغىنى بىلەن بىرىنچى بولۇپ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى بۇتپەرەس پادىشاھى يەروبوئام (I)نىڭ رەزىللىكىنىڭ تەسىرنى قوبۇل قىلغان بولسا كېرەك. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.
14 شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛
ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ «سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن» ــ «مورەشەت-گات» دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزى «مىراسنى ئېلىش» ياكى «مىراستىن مەھرۇم بولۇش» (ئىبرانىي تىلىدا «مورەش»، ئەرەب تىلىدا «مىراس»). ئۇلار ئۆز «مىراس»ىدىن ئايرىلىدى، مىراسىغا «ئەلۋىدا» دېيىشى كېرەك. «ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ» ــ «ئاقزىب»نىڭ مەنىسى «ئالدامچىلىق»، يەھۇدا پادىشاھلىقىغا جايلاشقان. يەھۇدا پادىشاھلىرى (شۇنداقلا ئىسرائىل پادىشاھلىرى) ئاقزىب شەھىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن كۆپ پايدا كۆرگەنىدى («1تار.» 21:4-23). دۈشمەن قوشۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، سامارىيە پادىشاھلىرى جىددىي ھاجەتكە چۈشكەندە، ئاقزىبتىكىلەر ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك سودا-سېتىق قىلىپ كېرەكلىك تەمىناتلارنى ئەۋەتەلمەي، ئۇلارغا «يالغانچى» بولۇپ قالىدۇ.
15 مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛
ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ. «مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مارەشاھ» ۋە «مىراسخور» يېقىن سۆز. «مىراسخور» ئەلۋەتتە كىنايىلىك گەپ، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. «ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ» ــ «ئادۇللام» ئەسلىدە داۋۇت پەيغەمبەر (يىگىت ۋاقتىدا) سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، كىرىۋالغان غار ئىدى. دېمەك، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە «شان-شەرىپى» بولغان بۇتلار يەنە قېچىشى كېرەك. بىراق بۇ سۆزنىڭ ئىچىدىكى مەنىسىدە يەنە ئۈمىد بار. داۋۇت پەيغەمبەر «ئادۇللام»دا يوشۇرۇنغاندىن كېيىن، جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئاخىردا ئىسرائىلنىڭ شەرەپلىك پادىشاھى بولۇپ چىققان. ئىسرائىل بەلكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شەرەپلىك كۈنلەرنى يەنە كۆرىدۇ. مەزكۇر بېشارەت يەنە مەسىھ («ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى»)نىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا چۈشۈشىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.
16 ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل،
زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛
قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت،
چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. «ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت،...» ــ چاچلارنى چۈشۈرۈش ماتەمنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.
 
 

1:2 قان. 32‏:1؛ يەش. 1‏:2

1:3 «... ئۇ (پەرۋەردىگار) چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ» ــ «كىرىش سۆز»دە ئېيتقىنىمىزدەك، «ئىسرائىل (ۋە باشقا ئەللەر) ئۈچۈن «يۇقىرى جايلار» بۇتلارغا، جىن-شەيتانلارغا ئاتالغان جايلار ئىدى.

1:3 قان. 32‏:13؛ 33‏:29؛ زەب. 115‏:3؛ يەش. 26‏:21؛ ئام. 4‏:13

1:4 «چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ... (3-ئايەت) ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ...» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ.

1:4 ھاك. 5‏:4؛ زەب. 18‏:7-9؛ زەب. 68‏:2، 8؛ زەب. 97‏:5؛ ئام. 9‏:5

1:5 «ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»نى ياساش نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟» ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدادا «يۇقىرى جايلار» بۇتپەرەسلىككە ئائىت، يىرگىنچلىك جايلارغا ئايلاندۇرۇلغانىدى. «يۇقىرى جايلار» ياساش «يېرۇسالېمدىن باشلانغان» ــ سۇلايمان پادىشاھنىڭ بۇ ئىشلاردا ئەيىبى بار ئىدى («2پاد.» 7:11نى كۆرۈڭ).

1:6 «شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا مەن سامارىيەنىئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، يېڭىلا تىكىلگەن ئۇزۇمزارلىقتەك قىلىۋېتىمەن». «مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن» ــ سامارىيەدىكى ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر ئاجايىب ھەيۋەتلىك چوڭ تاشلاردىن ياسالغانىدى (ئومرى دېگەن پادىشاھنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ). «... دومىلىتىپ تاشلايمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۆكۈپ تاشلايمەن».

1:7 «چۈنكى ئۇ (سامارىيە) پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ» ــ «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى» توغرۇلۇق: ــ «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتىلغاندەك، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانىڭ بۇتپەرەسلىكى ھەرخىل شەھۋانىيلىك بىلەن ئارىلاشقان. بۇتخانىلارغا مەخسۇس «ئاتاپ بېغىشلىغان» پاھىشە ئاياللار بىلەن بىللە يېتىش بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ بىر پائالىيىتى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇتخانىلار ۋە ئۇلارنى باشقۇرغۇچىلار بۇ ئارقىلىق بېيىپ كەتكەنىدى. «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىسرائىلنى ئىشغال قىلغۇچى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ۋە كېيىن بابىل ئىمپېرىيەسى بەلكىم مۇشۇ بۇتپەرەسلىكتىن ئېرىشكەن مال-دۇنيالىرىنى ئوخشاش يولدا (ئۆزلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى سېلىپ، بۇتپرەرەسلىك-پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق بېيىشقا) ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن! باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: ــ پاھىشىۋازلىق ئارقىلىق ئېرىشەلگەن شۇ كۈمۈش بۇتلارغا ھەل بېرىشكە ئىشلەتكەن؛ تاجاۋۇزچىلار كۈمۈشنى قايتىدىن ئېرىتىپ، ئۇنى تەڭگىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ قايتىدىن «پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى»گە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

1:8 «بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن ... مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن» ــ مىكاھ پەيغەمبەر سامارىيەدىكىلەرگە ئىنتايىن كۆيۈنگىنى ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا كەلگۈسى ئاپەتنى كۆرسىتىدغان «رەسىم بولۇش» ئۈچۈن، خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تېزلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئالدىدا يالىڭاچ (بەلكىم «يېرىم يالىڭاچ») يۈرىدۇ.

1:8 ئايۇپ 30‏:29

1:9 «ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ،...» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇ» ئاپەت ياكى «سامارىيەنىڭ يارىلىرى»نى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ (ئاپەت) ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، ... يېرۇسالېمغىچە يامرىدى» ــ 10-16-ئايەتلەردە مىكاھ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يەھۇدانى ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ. مۇشۇ ئايەتلەردىكى 11 شەھەرنىڭ ھەربىرى پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى «مورەشەت»تىن كۆپ دېگەندە 9 كىلومېتر يىراقلىقتا بولۇپ، «مورەشەت»تە تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى. مىكاھ ھەربىر شەھەرنىڭ ناملىرىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇنىڭغا ماسلاشقان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلىگەن. دەرۋەقە ھەربىر شەھەر ئاخىرىدا ئاسۇرىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.

1:10 «بۇ ئاپەتنى گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار» ــ «گات» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «يىغا»غا يېقىن. «بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار!» ــ «بەيت-لە-ئافراھ» «توپا-چاڭلىق يۇرت» دېگەن مەنىدە.

1:10 2سام. 1‏:20؛ يەر. 6‏:26

1:11 «ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە ئەسىرلىككە ئۆت» ــ «سافىر»نىڭ مەنىسى «گۈزەللىك»، «يېقىملىق». «خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!». «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس» ــ «زائانان»نىڭ تەلەپپۇزى «چىقىش» دېگەن سۆزگە يېقىن. «بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ خۇدا سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» ــ «بەيت-ئېزەل» دېگەن «ئېلىپ كېتىش»كە يىقىن ئاھاڭدا. ئايەتتىكى ئىككىنچى قىسىمنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار بەيت-ئېزەلنىڭ ئاھ-زارلىرىغا چىققان ئەمەس؛ سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ».

1:11 يەش. 47‏:3

1:12 «ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ» ــ «ماروت» دېگەننىڭ مەنىسى «ئاچچىق» ــ ئۇلار «يامانلىق»نىڭ ئاچچىقلىقىنى تېتىيدۇ. «...يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى» ــ سەنناخېرىب يەھۇدادىكى نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندىن كېيىن يېرۇسالېمنى ئىشغال قىلالماي دەرۋازىسى ئالدىغا توختاپ قالدى. ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى.

1:12 ئام. 3‏:6

1:13 «تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «لاقىش»نىڭ تەلەپپۇزى «ئات»قا يېقىن. لاقىش شۇ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر؛ ئاتقا تايىنىشنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ. خۇدا ئىسرائىلغا «ئاتقا تايىنىش»نى قەتئىي مەنئى قىلغانىدى («قان.» 17-باب). ئۇلارنىڭ ئاتلارغا تايىنىشى بەلكىم يەھۇداغا سەلبىي ئۈلگە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. «لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!» ــ لاقىش شەھىرى يەھۇدادا بولغىنى بىلەن بىرىنچى بولۇپ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ تۇنجى بۇتپەرەس پادىشاھى يەروبوئام (I)نىڭ رەزىللىكىنىڭ تەسىرنى قوبۇل قىلغان بولسا كېرەك. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.

1:14 «سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن» ــ «مورەشەت-گات» دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزى «مىراسنى ئېلىش» ياكى «مىراستىن مەھرۇم بولۇش» (ئىبرانىي تىلىدا «مورەش»، ئەرەب تىلىدا «مىراس»). ئۇلار ئۆز «مىراس»ىدىن ئايرىلىدى، مىراسىغا «ئەلۋىدا» دېيىشى كېرەك. «ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ» ــ «ئاقزىب»نىڭ مەنىسى «ئالدامچىلىق»، يەھۇدا پادىشاھلىقىغا جايلاشقان. يەھۇدا پادىشاھلىرى (شۇنداقلا ئىسرائىل پادىشاھلىرى) ئاقزىب شەھىرىنىڭ دۇكانلىرىدىن كۆپ پايدا كۆرگەنىدى («1تار.» 21:4-23). دۈشمەن قوشۇنى ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، سامارىيە پادىشاھلىرى جىددىي ھاجەتكە چۈشكەندە، ئاقزىبتىكىلەر ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك سودا-سېتىق قىلىپ كېرەكلىك تەمىناتلارنى ئەۋەتەلمەي، ئۇلارغا «يالغانچى» بولۇپ قالىدۇ.

1:15 «مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مارەشاھ» ۋە «مىراسخور» يېقىن سۆز. «مىراسخور» ئەلۋەتتە كىنايىلىك گەپ، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنى كۆرسىتىدۇ. «ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ» ــ «ئادۇللام» ئەسلىدە داۋۇت پەيغەمبەر (يىگىت ۋاقتىدا) سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، كىرىۋالغان غار ئىدى. دېمەك، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە «شان-شەرىپى» بولغان بۇتلار يەنە قېچىشى كېرەك. بىراق بۇ سۆزنىڭ ئىچىدىكى مەنىسىدە يەنە ئۈمىد بار. داۋۇت پەيغەمبەر «ئادۇللام»دا يوشۇرۇنغاندىن كېيىن، جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئاخىردا ئىسرائىلنىڭ شەرەپلىك پادىشاھى بولۇپ چىققان. ئىسرائىل بەلكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش جاپالىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن شەرەپلىك كۈنلەرنى يەنە كۆرىدۇ. مەزكۇر بېشارەت يەنە مەسىھ («ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى»)نىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا چۈشۈشىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن.

1:16 «ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت،...» ــ چاچلارنى چۈشۈرۈش ماتەمنىڭ بىرخىل ئىپادىسى.