3
قولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى
مات. 12‏:9-14؛ لۇقا 6‏:6-11
ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.مات. 12‏:9؛ لۇقا 6‏:6. پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى.«پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى» ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ. ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە:
ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېدى.
ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن:
ــ تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.
ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە:
ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.«قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» ــ كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟  1پاد. 13‏:6.
ئەمدى پەرىسىيلەر دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى.«ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. لېكىن بىزگە ئەڭ ھەيران قالارلىقى بەلكىم شۇكى، رەببىمىز تەلىم بېرىشكە باشلىغاندا، بىر-بىرىگە كۈشەندە بولغان ««ھېرود تەرەپدارلىرى» ۋە پەرىسىيلەر ھەمكارلىشىپ، ئەيسانى يوقىتىشقا مەسلىھەتلىشىدۇ («مات.» 16:22نىمۇ كۆرۈڭ). مانا قاراڭغۇلۇققا تەۋە بولغان كىشىلەر ھامان بىرىنچى بولۇپ نۇر بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ («يۇھ.» 5:1، 19:3).  مات. 12‏:14؛ يـۇھ. 10‏:39؛ 11‏:53.
 
دېڭىز بويىدىكى توپ-توپ ئادەملەر
7‏-8 ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.«ئىدۇمىيا ئۆلكىسى» ــ «ئىدۇمىيا» تەۋراتتا «ئېدوم» دېيىلىدۇ.  مات. 4‏:25؛ لۇقا 6‏:17. ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى. 10 چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قولۇمنى بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. 11 ناپاك روھلار چاپلىشىۋالغانلار قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 12 لېكىن ئۇ ناپاك روھلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى.
 
ئەيسانىڭ ئون ئىككى روسۇلنى تاللىشى
مات. 10‏:1-4؛ لۇقا 6‏:12-16
13 ئۇ تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى؛ ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. مات. 10‏:1؛ مار. 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13؛ 9‏:1. 14 ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، 15 كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى. «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا... جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» ــ (14-15-ئايەت) بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە 14-15-ئايەتتە «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى «روسۇللار» دەپ ئاتاپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» دېيىلىدۇ. 16 ئۇ بېكىتكەن ئون ئىككى كىشى: سىمون (ئۇ ئۇنىڭغا پېترۇس دەپ ئىسىم قويغان)، 17 زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى...» ــ ياكى «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى...». «ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان» ــ مۇشۇ يەردە بىز بۇ ئىسىمنى ئىبرانىي تىلىدىكى ئاھاڭى بويىچە ئالدۇق. «رەگاز» ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «غەزەپ، قەھر»نى بىلدۈرىدۇ. قارىغاندا ئۇلار ئىككىلىسى ئەسلىدە ئىنتايىن تېرىككەك ئىدى! گرېك تىلىدا تەلەپپۇز «بوئانەرگەس» دەپ ئوقۇلىدۇ. 18 ئاندرىياس، فىلىپ، بارتولوماي، ماتتا، توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون» ــ ياكى «قانائانلىق سىمون». يەھۇدىي «مىللەتپەرۋەرلىرى» ياكى «مىللەتچىلىرى» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى. 19 ۋە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت.
 
ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر
مات. 12‏:22-32؛ لۇقا 11‏:14-23؛ 12‏:10
20 ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندىكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا غىزالانغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقمىدى. مار. 6‏:31. 21 ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىنى يوقىتىپتۇ» دېگەنىدى.
22 يېرۇسالېمدىن چۈشكەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار»، ۋە «ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن»، دېيىشەتتى.«ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار» ــ «بەئەلزىبۇب» ياكى «بەئەلزىبۇل» بولسا جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان شەيتاننىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.  مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ لۇقا 11‏:15؛ يـۇھ. 8‏:48.
23 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى:
ــ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ مات. 12‏:25. 24 ئەگەر پادىشاھلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان بولسا شۇ پادىشاھلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ؛ 25 شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. 26 ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ بۆلۈنسە، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي، يوقالماي قالمايدۇ.
27 ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.«ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ» ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.  مات. 12‏:29؛ كول. 2‏:15.
28 شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسان بالىلىرى ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. «ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار كۇپۇرلۇق بىلەن قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقلىرى بەلكىم ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىن دېگەننى بىلدۈرىدۇ.  1سام. 2‏:25؛ مات. 12‏:31؛ لۇقا 12‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:16. 29 بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.«مۇقەددەس روھقا قارشى كۇپۇرلۇق قىلىش» ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.  1يۇھ. 5‏:16.
30 ئەيسانىڭ بۇ سۆزى ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن ئېيتىلغانىدى.
 
ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى
مات. 12‏:46-50؛ لۇقا 8‏:19-21
31 شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. مات. 12‏:46؛ لۇقا 8‏:19. 32 بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار:
ــ مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى.«مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ۋە سىڭىللىرىڭىز» دەپ قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. ھېچبولمىغاندا گرېك تىلىدا «ئاكا-ئىنىلەر» دېگەن سۆز بىر قېرىنداش «ئاچا-سىڭىللار»نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
33 ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ ــ دېدى. 34 ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! 35 چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر.يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16،17.
 
 

3:1 مات. 12‏:9؛ لۇقا 6‏:6.

3:2 «پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى» ــ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئەرزى بولسا «ئۇ شابات كۈنىدە كېسەلنى ساقايتسا، «ئىشلىگەن» ياكى «خىزمەت قىلغان»غا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا (ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىچە) «تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان»» بولىدۇ.

3:5 «قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى» ــ كەلتۈرۈلدى» دېگەن پېئىلنىڭ «مەجھۇل شەكلى» بىزگە بۇ ئىشنى خۇدا ئۆزى قىلغان، دېگەننى ئۇقتۇرىدۇ. ئەمدى ئۇلار بۇ مۆجىزىنى «شابات كۈنىدە ياراتقانلىقى» ئۈچۈن زادى كىمنى ئەيىبلىمەكچى؟

3:5 1پاد. 13‏:6.

3:6 «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. لېكىن بىزگە ئەڭ ھەيران قالارلىقى بەلكىم شۇكى، رەببىمىز تەلىم بېرىشكە باشلىغاندا، بىر-بىرىگە كۈشەندە بولغان ««ھېرود تەرەپدارلىرى» ۋە پەرىسىيلەر ھەمكارلىشىپ، ئەيسانى يوقىتىشقا مەسلىھەتلىشىدۇ («مات.» 16:22نىمۇ كۆرۈڭ). مانا قاراڭغۇلۇققا تەۋە بولغان كىشىلەر ھامان بىرىنچى بولۇپ نۇر بىلەن دۈشمەنلىشىدۇ («يۇھ.» 5:1، 19:3).

3:6 مات. 12‏:14؛ يـۇھ. 10‏:39؛ 11‏:53.

3:7‏-8 «ئىدۇمىيا ئۆلكىسى» ــ «ئىدۇمىيا» تەۋراتتا «ئېدوم» دېيىلىدۇ.

3:7‏-8 مات. 4‏:25؛ لۇقا 6‏:17.

3:13 مات. 10‏:1؛ مار. 6‏:7؛ لۇقا 6‏:13؛ 9‏:1.

3:15 «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا... جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» ــ (14-15-ئايەت) بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە 14-15-ئايەتتە «ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى «روسۇللار» دەپ ئاتاپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى» دېيىلىدۇ.

3:17 «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى...» ــ ياكى «زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى...». «ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان» ــ مۇشۇ يەردە بىز بۇ ئىسىمنى ئىبرانىي تىلىدىكى ئاھاڭى بويىچە ئالدۇق. «رەگاز» ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «غەزەپ، قەھر»نى بىلدۈرىدۇ. قارىغاندا ئۇلار ئىككىلىسى ئەسلىدە ئىنتايىن تېرىككەك ئىدى! گرېك تىلىدا تەلەپپۇز «بوئانەرگەس» دەپ ئوقۇلىدۇ.

3:18 «مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون» ــ ياكى «قانائانلىق سىمون». يەھۇدىي «مىللەتپەرۋەرلىرى» ياكى «مىللەتچىلىرى» ۋەتىنىنى رىم ئىمپېرىيەسىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن زوراۋانلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار ئىدى.

3:20 مار. 6‏:31.

3:22 «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار» ــ «بەئەلزىبۇب» ياكى «بەئەلزىبۇل» بولسا جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان شەيتاننىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر.

3:22 مات. 9‏:34؛ 12‏:24؛ لۇقا 11‏:15؛ يـۇھ. 8‏:48.

3:23 مات. 12‏:25.

3:27 «ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ» ــ بۇ تەمسىلدىكى «كۈچتۈڭگۈر ئادەم» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم بولمايدۇ.

3:27 مات. 12‏:29؛ كول. 2‏:15.

3:28 «ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار كۇپۇرلۇق بىلەن قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقلىرى بەلكىم ئىنتايىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىن دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

3:28 1سام. 2‏:25؛ مات. 12‏:31؛ لۇقا 12‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:16.

3:29 «مۇقەددەس روھقا قارشى كۇپۇرلۇق قىلىش» ــ ياكى «مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلىش» دېگەن گۇناھ توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

3:29 1يۇھ. 5‏:16.

3:31 مات. 12‏:46؛ لۇقا 8‏:19.

3:32 «مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ۋە سىڭىللىرىڭىز» دەپ قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. ھېچبولمىغاندا گرېك تىلىدا «ئاكا-ئىنىلەر» دېگەن سۆز بىر قېرىنداش «ئاچا-سىڭىللار»نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

3:35 يـۇھ. 15‏:14؛ 2كور. 5‏:16،17.