پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە. ■مات. 15:6؛ 1تىم. 4:3؛ 2تىم. 3:2.
■7:1 مات. 15:1.
□7:2-5 «ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بېغىشىغىچە يۇمىسا...» ياكى «مۇشت بىلەن يۇمىسا...».
■7:6 يەش. 29:13؛ ئەز. 33:31.
□7:7 «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛ ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس» ــ «يەش.» 13:29.
■7:7 مات. 15:9؛ كول. 2:18،20؛ تىت. 1:14.
□7:8 «چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر» دېگەن سۆزلەر تېپىلمايدۇ.
■7:10 مىس. 20:12؛ 21:17؛ لاۋ. 20:9؛ قان. 5:16؛ 27:16؛ پەند. 20:20؛ ئەف. 6:2.
□7:11 «مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم» ــ «قۇربان» مۇشۇ يەردە بىۋاسىتە ئىبارىنىي تىلىدىن ئېلىنغان بولۇپ، «سەدىقە قىلىنغان» ياكى «خۇداغا ئاتاپ قىلىنغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
□7:13 «شۇنداق قىلىپ، سىلەر ئەۋلادلىرىڭلارغا تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار» ــ مەسىھنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «خۇداغا ئاتىغان تەئەللۇقاتلار» تېخى ئاتىغۇچى كىشىنىڭ قولىدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋەرسە بولاتتى. شۇ كىشى بەلكىم تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىن...» ياكى «مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن...» «ئىبادەتخانىغا تاپشۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان بولسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىساللار تېپىلىدۇ. پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە.
■7:13 مات. 15:6؛ 1تىم. 4:3؛ 2تىم. 3:2.
■7:14 مات. 15:10.
■7:15 روس. 10:15؛ رىم. 14:17،20؛ تىت. 1:15.
■7:17 مات. 15:15.
□7:21-22 «ھەسەتخورلۇق» ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «يامان كۆز».
■7:21-22 يار. 6:5؛ 8:21؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9.
□7:24 «ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى» ــ ئۇ يەر «چەتئەللىكلەر» تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، مەسىھنىڭ شۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىدىن بىر ۋاقىت ئايرىلىپ ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
■7:24 مات. 15:21.
□7:26 «ئايال... فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى» ــ ياكى «ئايال... فەنىكىلىك ئىدى» ياكى «ئايال... فەنىكە رايونىلىق ئىدى». ئۇ يەھۇدىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇ ئەسلىدە بۇتپەرەس بولۇشى مۇمكىن.
□7:27 «ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس» ــ مەسىھ ئەيسا بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسىنى يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەيدۇ. «كىچىك ئىتلار» بەلكىم ھاقارەتلىك سۆز بولماي، ئۆيدىكى ئارزۇلۇق پىستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئايالنىڭ ئېتىقادى توغرىسىدا «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■7:31 مات. 15:29.
■7:32 مات. 9:32؛ لۇقا 11:14.
□7:33 «ئۇ... بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، بارمىقىنى ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى» ــ تەرجىمىمىز بويىچە مەسىھ بەلكىم ئۆز بارمىقى ئۈستىگە تۆكۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا ئۇ يەرگە تۆكۈرگەن بولسا كېرەك.
□7:35 «...تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى» ــ گرېك تىلىدا «...تىلىنىڭ تانىسى يېشىلىپ، راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى»
■7:37 يار. 1:31.