11
مەنسەپدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ جايلىشىشى
ئۇ چاغدا خەلق ئىچىدىكى ئەمىرلەر يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ قالغان پۇقرالار چەك تاشلىنىش بىلەن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىپ، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا ئوتتۇرىغا چىققانلارغا بولسا، جامائەت ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 3‏-4 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېمغا ماكانلىشىپ قالغان بەگ-ئەمىرلەر تۆۋەندىكىدەك (ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز تەۋەلىكىدە ماكانلاشقان بولسىمۇ، يەھۇدالاردىن ۋە بىنيامىنلاردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدا ماكانلاشتى): ــ بۇلارنىڭ ئىچىدە، يەھۇدالاردىن: ــ پەرەزنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇززىيانىڭ ئوغلى ئاتايا؛ ئۇززىيا زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا شەفاتىيانىڭ ئوغلى، شەفاتىيا ماھالالېلنىڭ ئوغلى ئىدى. يەنە بارۇقنىڭ ئوغلى مائاسېياھ؛ بارۇق كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى، كول-ھوزەھ ھازايانىڭ ئوغلى، ھازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يوئارىبنىڭ ئوغلى، يوئارىب زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى. «زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «زەكەرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ (يار.» 12:46، «چۆل.» 20:26نى كۆرۈڭ). يېرۇسالېمغا ماكانلاشقان بارلىق پەرەز جەمەتىدىكىلەر جەمئىي تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى.
بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ؛ مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا كولايانىڭ ئوغلى، كولايا مائاسېياھنىڭ ئوغلى، مائاسېياھ ئىتىيەلنىڭ ئوغلى، ئىتىيەل يەشايانىڭ ئوغلى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، گابباي ۋە ساللاي ئىدى؛ شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى. «شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى» ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى؛ سىنۇئاھنىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى.«سىنۇئاھ» ــ ياكى «ھاسىنوئاھ».
10 كاھىنلاردىن: ــ يوئارىبنىڭ ئوغلى يەدايا بىلەن ياقىن، 11 شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باش غوجىدارى سېرايا؛ سېرايا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 12 يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە بولغانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى بار ئىدى؛ يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا بار ئىدى؛ يەروھام پېلالىيانىڭ ئوغلى، پېلالىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ 13 ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقى بولۇپ، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى ئىدى؛ يەنە ئازارەلنىڭ ئوغلى ئاماشساي بار ئىدى؛ ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللىموتنىڭ ئوغلى، مەشىللىموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 14 يەنە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، پالۋان-ئەزىمەتلەردىن، جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى بار ئىدى؛ گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىيەل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى.
15 لاۋىيلاردىن: ــ ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ ھاششۇب ئازرىكامنىڭ ئوغلى، ئازرىكام ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 16 يەنە لاۋىيلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان شاببىتاي بىلەن يوزاباد بولۇپ، خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ تېشىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. 17 يەنە مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا دۇئا ۋاقىتلىرىدا تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى؛ مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى؛ باكبۇكىيا قېرىنداشلىرى ئىچىدە مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى؛ يەنە شاممۇئانىڭ ئوغلى ئابدا بار ئىدى؛ شاممۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. 18 مۇقەددەس شەھەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن تۆت كىشى ئىدى.
19 دەرۋازىۋەنلەردىن: ــ دەرۋازىلاردا كۆزەتتە تۇرىدىغان ئاككۇب بىلەن تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار جەمئىي بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى.
20 قالغان ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز مىراسىدا ماكانلاشتى.
21 ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل دۆڭىگە ماكانلاشتى؛ ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىنى زىخا بىلەن گىشپا باشقۇردى.«ئوفەل» ــ («دۆڭ» دېگەن مەنىدە) يېرۇسالېمدىكى ئېگىز رايون ئىدى.
22 يېرۇسالېمدا لاۋىيلارنى باشقۇرغۇچى بانىنىڭ ئوغلى ئۇززى ئىدى؛ بانى ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى ــ دېمەك، ئۇززا ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولغان غەزەلكەشلەردىن ئىدى. 23 چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، غەزەلكەشلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى.«ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا...» ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەر كۈنلۈك مەسئۇلىيىتى، يەنى...».
24 يەھۇدانىڭ ئوغلى زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشەزابەلنىڭ ئوغلى پىتاھىيا پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.«پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغۇچى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «پادىشاھ» مۇشۇ يەردە پارس پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
25 يېزا-قىشلارقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا يەھۇدالاردىن بەزىلىرى تۇراتتى؛ كىرىئات-ئاربا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، دىبون ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، يەكابزىيەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 26 شۇنداقلا يەشۇئا، مولاداھ، بەيت-پەلەت، 27 ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 28 زىكلاگ، مىكونا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 29 ئەن-رىممون، زوراھ، يارمۇت، «زوراھ» ــ ياكى «زورېئاھ». 30 زانوئاھ، ئادۇللام ۋە بۇ ئىككى يەرگە تەۋە قىشلاقلاردا، لاقىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەردە، ئازىكاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەردە ماكانلاشتى؛ ئۇلار ماكانلاشقان يەرلەر بەئەر-شېبادىن تاكى ھىننوم جىلغىسىغا قەدەر سوزۇلدى.
31 بىنيامىنلار بولسا گېبا، مىكماش، ئايجا، بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، «ئايجا» ــ «ئايجا»نىڭ يەنە بىر ئىسمى «ئايى». 32 بەزىلىرى ئاناتوت، نوب، ئانانىيا، 33 ھازور، راماھ، گىتتائىم، 34 ھادىد، زەبوئىم، نىباللات، 35 لود، ئونو، شۇنداقلا ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىدا ماكانلاشقانىدى.
36 ئەسلىدە يەھۇدىيەگە تەيىنلەنگەن لاۋىيلار قىسىملىرىدىن بەزىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا ماكانلاشتى.
 
 

11:5 «زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى» ــ بەزى تەرجىمىلەردە «زەكەرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ (يار.» 12:46، «چۆل.» 20:26نى كۆرۈڭ).

11:8 «شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى» ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن.

11:9 «سىنۇئاھ» ــ ياكى «ھاسىنوئاھ».

11:21 «ئوفەل» ــ («دۆڭ» دېگەن مەنىدە) يېرۇسالېمدىكى ئېگىز رايون ئىدى.

11:23 «ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا...» ــ بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەر كۈنلۈك مەسئۇلىيىتى، يەنى...».

11:24 «پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغۇچى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «پادىشاھ» مۇشۇ يەردە پارس پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

11:29 «زوراھ» ــ ياكى «زورېئاھ».

11:31 «ئايجا» ــ «ئايجا»نىڭ يەنە بىر ئىسمى «ئايى».