15
مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛
قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار. پەند. 25‏:15
ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛
ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر. پەند. 12‏:23؛ 13‏:16؛ 15‏:28
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛
ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار. «ياخشى-يامانلار...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان-ياخشىلار» دېگەنلىك بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.   ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19
شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛
تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار. «شىپا يەتكۈزگۈچى تىل» ــ ياكى «مېھرىبان تىل». «ھاياتلىق دەرىخى» ــ 18:3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.   پەند. 12‏:18؛ 13‏:14
ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛
لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛
بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.
دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛
ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. پەند. 21‏:27؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21
يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر.
10 توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛
تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر.
11 تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە،
ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.   2تار. 6‏:30؛ زەب. 7‏:9؛ 44‏:20-21؛ يەر. 17‏:9، 10؛ يـۇھ. 2‏:24 ،25؛ 21‏:17؛ روس. 1‏:24
12 ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛
ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس. «ھاكاۋۇر» ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچى».
13 كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛
دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار. پەند. 17‏:22؛ 18‏:14
14 يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛
ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
15 ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛
بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.
16 زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن،
ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل. زەب. 37‏:16؛ پەند. 16‏:8
17 نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن،
مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل. پەند. 17‏:1
18 تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛
ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. پەند. 28‏:25؛ 29‏:22
19 ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر،
دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر.
20 دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر. پەند. 10‏:1
21 ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛
يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار. پەند. 10‏:23؛ 14‏:9
22 مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛
مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. پەند. 11‏:14
23 كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار،
دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!
24 ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى،
ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ.
25 پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛
بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار. پەند. 2‏:21،22؛ 12‏:7؛ 14‏:11
26 يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر. «ئوي-پىكرى» ــ ياكى «پىلانلىرى».   پەند. 6‏:18
27 ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛
پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر. پەند. 1‏:19
28 ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.
29 پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛
بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار. زەب. 10‏:17؛ 34‏:15-19؛ 145‏:18، 19
30 خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛
خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار. پەند. 25‏:25
31 ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار.
32 تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛
تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار.
33 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛
ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. پەند. 1‏:7؛ 9‏:10؛ 18‏:12
 
 

15:1 پەند. 25‏:15

15:2 پەند. 12‏:23؛ 13‏:16؛ 15‏:28

15:3 «ياخشى-يامانلار...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يامان-ياخشىلار» دېگەنلىك بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ.

15:3 ئايۇپ 34‏:21؛ پەند. 5‏:21؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19

15:4 «شىپا يەتكۈزگۈچى تىل» ــ ياكى «مېھرىبان تىل». «ھاياتلىق دەرىخى» ــ 18:3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.

15:4 پەند. 12‏:18؛ 13‏:14

15:8 پەند. 21‏:27؛ يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21

15:11 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

15:11 2تار. 6‏:30؛ زەب. 7‏:9؛ 44‏:20-21؛ يەر. 17‏:9، 10؛ يـۇھ. 2‏:24 ،25؛ 21‏:17؛ روس. 1‏:24

15:12 «ھاكاۋۇر» ــ ياكى «مەسخىرە قىلغۇچى».

15:13 پەند. 17‏:22؛ 18‏:14

15:16 زەب. 37‏:16؛ پەند. 16‏:8

15:17 پەند. 17‏:1

15:18 پەند. 28‏:25؛ 29‏:22

15:20 پەند. 10‏:1

15:21 پەند. 10‏:23؛ 14‏:9

15:22 پەند. 11‏:14

15:24 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

15:25 پەند. 2‏:21،22؛ 12‏:7؛ 14‏:11

15:26 «ئوي-پىكرى» ــ ياكى «پىلانلىرى».

15:26 پەند. 6‏:18

15:27 پەند. 1‏:19

15:29 زەب. 10‏:17؛ 34‏:15-19؛ 145‏:18، 19

15:30 پەند. 25‏:25

15:33 پەند. 1‏:7؛ 9‏:10؛ 18‏:12