23
كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ،
ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان.
ئىشتىيىڭ يامان بولسا،
گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت. «ئۆزۈڭنى تارت» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما،
ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر.
 
باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛
ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما. «ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز ئەقلىڭدىن چېكىنىپ ئۆزۈڭنى تارت». 5:3-ئايەتنى كۆرۈڭ.
بايلىقلارغا كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛
پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ،
خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
 
ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە،
ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛
چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق.
ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ،
بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق.
يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن،
ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ.
 
ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما،
چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس. پەند. 9‏:8؛ مات. 7‏:6
 
10 قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە،
يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛ پەند. 22‏:28
11 چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛
ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار. «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ــ كونا ئىسرائىلدا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» («گوئېل»)نىڭ قىلىدىغان يەنە بىر ئىشى ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى ئۇۋال قىلىنغانلار ئۈچۈن ئادالەتنى يۈرگۈزۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى قاتىللىق قەستىگە ئۇچرىغان بولسا، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى ھەم ۋەزىپىسى بار ئىدى.
مۇشۇ ئايەتتىكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولسا خۇدا ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە.
 
12 نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي،
ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال.
 
13 بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛
ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛ پەند. 13‏:24؛ 19‏:18؛ 22‏:15؛ 29‏:15،17
14 سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ،
بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.
15 ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ،
مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى!
16 ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن. «ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم شادلىنىدۇ».
 
17 گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما،
ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛ زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 24‏:1
18 شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ،
ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. پەند. 24‏:14
 
19 ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول،
قەلبىڭنى خۇدانىڭ يولىغا باشلىغىن.
20 مەيخورلارغا ئارىلاشما،
نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛ يەش. 5‏:22؛ لۇقا 21‏:34؛ رىم. 13‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:18
21 چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار،
غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر.
 
22 سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا،
ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما. پەند. 1‏:8
23 ھەقىقەتنى سېتىۋال،
ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە.
دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال. پەند. 4‏:7
 
24 ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛
دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار. پەند. 10‏:1؛ 15‏:20
25 ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ،
سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل.
 
26 ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛
كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن!
27 چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر،
بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛ پەند. 22‏:14
28 ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ،
ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.
 
29 كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟
30 دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان،
ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار! يەش. 5‏:11،22
31 شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا،
كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما!
32 ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ،
ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ.
33 كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ،
ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. «غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ» ــ ياكى «غەلىتە ئاياللار كۆرۈنىدۇ».
34 خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك،
يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن.
35 سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم!
بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن.
بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن.
 
 

23:2 «ئۆزۈڭنى تارت» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

23:4 «ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆز ئەقلىڭدىن چېكىنىپ ئۆزۈڭنى تارت». 5:3-ئايەتنى كۆرۈڭ.

23:9 پەند. 9‏:8؛ مات. 7‏:6

23:10 پەند. 22‏:28

23:11 «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» ــ كونا ئىسرائىلدا «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» («گوئېل»)نىڭ قىلىدىغان يەنە بىر ئىشى ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى ئۇۋال قىلىنغانلار ئۈچۈن ئادالەتنى يۈرگۈزۈش ئىدى. ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرسى قاتىللىق قەستىگە ئۇچرىغان بولسا، «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»نىڭ قاتىلنى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى ھەم ۋەزىپىسى بار ئىدى. مۇشۇ ئايەتتىكى «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى» بولسا خۇدا ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە.

23:13 پەند. 13‏:24؛ 19‏:18؛ 22‏:15؛ 29‏:15،17

23:14 «تەھتىسارا» ــ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ.

23:16 «ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم شادلىنىدۇ».

23:17 زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 24‏:1

23:18 پەند. 24‏:14

23:20 يەش. 5‏:22؛ لۇقا 21‏:34؛ رىم. 13‏:13؛ ئ‍ەف. 5‏:18

23:22 پەند. 1‏:8

23:23 پەند. 4‏:7

23:24 پەند. 10‏:1؛ 15‏:20

23:27 پەند. 22‏:14

23:30 يەش. 5‏:11،22

23:33 «غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ» ــ ياكى «غەلىتە ئاياللار كۆرۈنىدۇ».