25
سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ
 
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛
پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە. رىم. 11‏:33
ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى،
زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى،
ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس.
ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا،
ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار.
ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە،
ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار. پەند. 20‏:8، 28
پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە،
ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛
ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە،
ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر. «ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز كۆزۈڭ كۆرگەن جانابقا...».   لۇقا 14‏:7-11
 
ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن،
مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ ئۈستۈن چىقىپ سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟ پەند. 18‏:17
يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ،
باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10 بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ،
سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
 
11 ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز،
كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.
12  قۇلاققا ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك،
ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.
 
13 خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك،
ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛
ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار. «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى قارنىڭ سالقىنىدەك» دېيىلىدۇ.   پەند. 13‏:17
 
14 يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال،
يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
 
15 ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار،
يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر. پەند. 15‏:1؛ 16‏:14
 
16 سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟
ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە،
كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن.
 
17 قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە،
ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
 
18 يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى،
خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر. زەب. 11‏:2؛ 57‏:4؛ 59‏:7؛ 120‏:3-4؛ پەند. 12‏:18
19 سۇنۇق چىش بىلەن چايناش،
توكۇر پۇت بىلەن مېڭىش،
كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر.
 
20 قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش،
ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش،
قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر. «(خام) سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش» ــ سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇلسا، ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھىد چىقىدۇ، شۇڭا مەنىسى: ــ «يارىغا تۇز سەپكەندەك» دېگەندەك.   رىم. 12‏:15
 
21 دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا،
نان بەر؛
ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛ «دۈشمىنىڭ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ...».   مىس. 23‏:4، 5؛ رىم. 12‏:20
22 شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن،
ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ. «(دۈشمىنىڭنىڭ) بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» ــ بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.
 
23 شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك،
چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24 سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،
ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ-قوپقان ياخشى. «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،...» ــ ياكى «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كۆرە،...».   پەند. 21‏:9،19
25 ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك،
يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26 پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق،
سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق،
رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27 ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛
بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر. «ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر» ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەتتىكى «ئۇلۇغلۇق» خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلۇغ» بىلەن «ئېغىر» بىر سۆز بولغاچقا، بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار: «ئېغىر ئىشلارنى ئويلىنىپ سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئېغىر ئىشتۇر». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن «ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى ئىزدەش ئۇلۇغ ئىش ئەمەس».
28 ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى،
ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ. «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى» ــ «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلالمايدىغان» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.   پەند. 16‏:32
 
 

25:2 رىم. 11‏:33

25:5 پەند. 20‏:8، 28

25:7 «ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز كۆزۈڭ كۆرگەن جانابقا...».

25:7 لۇقا 14‏:7-11

25:8 پەند. 18‏:17

25:13 «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى قارنىڭ سالقىنىدەك» دېيىلىدۇ.

25:13 پەند. 13‏:17

25:15 پەند. 15‏:1؛ 16‏:14

25:18 زەب. 11‏:2؛ 57‏:4؛ 59‏:7؛ 120‏:3-4؛ پەند. 12‏:18

25:20 «(خام) سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش» ــ سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇلسا، ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھىد چىقىدۇ، شۇڭا مەنىسى: ــ «يارىغا تۇز سەپكەندەك» دېگەندەك.

25:20 رىم. 12‏:15

25:21 «دۈشمىنىڭ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ...».

25:21 مىس. 23‏:4، 5؛ رىم. 12‏:20

25:22 «(دۈشمىنىڭنىڭ) بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» ــ بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.

25:24 «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،...» ــ ياكى «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كۆرە،...».

25:24 پەند. 21‏:9،19

25:27 «ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر» ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەتتىكى «ئۇلۇغلۇق» خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلۇغ» بىلەن «ئېغىر» بىر سۆز بولغاچقا، بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار: «ئېغىر ئىشلارنى ئويلىنىپ سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئېغىر ئىشتۇر». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن «ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى ئىزدەش ئۇلۇغ ئىش ئەمەس».

25:28 «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى» ــ «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلالمايدىغان» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

25:28 پەند. 16‏:32