◼3:1 «داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن.
◘3:1 2سام. 15،16،17،18
◼3:2 «خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «سېلاھ» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.
◼3:3 «شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
◘3:5 زەب. 4:8
◘3:6 زەب. 27:3
◘3:8 پەند. 21:31؛ يەش. 43:11؛ يەر. 3:23؛ ھوش. 13:4؛ ۋەھ. 7:10؛ 19:1