6
6-كۈي •••• قايغۇ ئىچىدىكى دۇئا 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛  
قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە. ◼«سەككىز تارلىق ئارفا» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى «سەككىز ئەنلىك كۈي».   
 2 ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛  
ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى. ◘زەب. 38:3   
 3 مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛  
ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟   
 4 يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن،  
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.   
 5 چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛  
تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟ ◼«تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟» ــ «تەھتىسارا» ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېيىلىدۇ).   
 6 مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛  
تۈن بويى ئورۇن-كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛  
ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.   
 7 دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛  
بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.   
 8 ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛  
چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى. ◘مات. 7:23؛ 25:41؛ لۇقا 13:27   
 9 پەرۋەردىگار تىلاۋىتىمنى ئاڭلىدى؛  
پەرۋەردىگار دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىدۇ؛   
 10 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى يەرگە قاراپ قالىدۇ، ئۇلار زور پاراكەندىچىلىككە دۇچار بولىدۇ؛  
تۇيۇقسىز كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.