8
8-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىنسان بالىسىغا بولغان ئۇلۇغ پىلانى 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز،  
پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! ◼««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.   
 2 ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن،  
دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە،  
بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭ. ◘مات. 21:16   
 3 مەن بارماقلىرىڭ ياسىغان ئاسمانلىرىڭغا،  
سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا،   
 4 سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن،  
ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟  
سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن،  
ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ ◘ئايۇپ 7:17؛ زەب. 144:3؛ ئىبر. 2:6   
 5 چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن،  
سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. ◼«سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».   
 6 ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛  
سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، ◘1كور. 15:27   
 7 جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار،  
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار،   
 8 ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار،  
دېڭىزدىكى بېلىقلار،  
دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ.   
 9 ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە!   
◼8:1 ««گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ...» ــ «گىتتىف» ئالىملارنىڭ پەرزىچە «گات» شەھىرىدىن چىققان بىرخىل ساز.
◘8:2 مات. 21:16
◘8:4 ئايۇپ 7:17؛ زەب. 144:3؛ ئىبر. 2:6
◼8:5 «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن...» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى خۇدانىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتكەنسەن»؛ (2) «سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن بىر مەزگىللىكلا تۆۋەن قىلغانسەن».
◘8:6 1كور. 15:27