15
15-كۈي •••• كىم خۇدا ئالدىدا تۇرالايدۇ؟ 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
پەرۋەردىگار، كىم چېدىرىڭدا تۇرالايدۇ؟  
كىم پاك-مۇقەددەس تېغىڭدا ماكانلىشىدۇ؟   
 2 كىمكى تامامەن دۇرۇسلۇقتا ماڭسا،  
ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزسە،  
كۆڭلىدە ھەقىقەتنى سۆزلىسە؛ ◘زەب. 24:4؛ يەش. 33:15   
 3 تىلى بىلەن گەپ توشۇمىسا،  
ئۆز يېقىنىغا يامانلىق قىلمىسا،  
قوشنىسىنىڭ ئەيىبىنى كولاپ ئاچمىسا،   
 4 پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا،  
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە،  
ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە،   
 5 پۇلنى خەقلەرگە ئۆسۈمگە بەرمىسە،  
بىگۇناھلارنىڭ زىيىنىغا پارا ئالمىسا؛  
كىمكى مۇشۇلارنى قىلسا،  
مەڭگۈگە تەۋرەنمەس.