20
20-كۈي •••• ئىسرائىل خەلقى خۇدا مەسىھ قىلغان پادىشاھنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ 
  1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي!  
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي! ◼«ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!» ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.   
 2 ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي،  
زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛   
 3 بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى ياد قىلغاي،  
كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي!  
سېلاھ!   
 4 كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي،  
كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.   
 5 بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز،  
خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛  
پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛  
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.   
 6 ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛  
مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. ◼«پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى» ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.   
 7 بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا،  
بەزىلەر ئاتلارغا تايىنىدۇ؛  
بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛   
 8 ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛  
بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز.   
 9 ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛  
نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن! ◼«ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ 
«ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن!
بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»
«ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن!
بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»
◼20:1 «ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي!» ــ «ياقۇپنىڭ خۇداسى» دېگەن مۇشۇ ئىبارىدە «ياقۇپ» ھەم ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئۆزىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن چىققان ئىسرائىل خەلقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
◼20:6 «پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنى» ــ يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى؛ مۇشۇ يەردە داۋۇتنى كۆرسىتىدۇ. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ كۈي بىر بېشارەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2-كۈيدىكى ئىزاھاتلارنى ۋە «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
◼20:9 «ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئى پەرۋەردىگار، غەلبىگە ئېرىشتۈرگەيسەن! بىز نىدا قىلغان كۈندە پادىشاھ بىزگە جاۋاب بەرگەي!»