26
26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛  
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛  
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛  
مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. ◼«مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».  ◘زەب. 7:8   
 2 مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛  
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ ◼«ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   
 3 چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛  
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.   
 4 مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛  
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. ◘ئايۇپ 31:5؛ زەب. 1:1   
 5 يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛  
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن.   
 6 قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛  
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.   
 7 ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛  
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.   
 8 ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى،  
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛   
 9 جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن،  
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛   
 10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر،  
ئوڭ قولى پارىلارغا تولدى.   
 11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرۈۋېرىمەن؛  
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن،  
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. ◼«مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.   
 12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛  
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.   
◼26:1 «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».
◘26:1 زەب. 7:8
◼26:2 «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
◘26:4 ئايۇپ 31:5؛ زەب. 1:1
◼26:11 «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.