◼29:1 «پەرۋەردىگارغا بەرگەيسىلەر،... پەرۋەردىگارغا شانۇ-شەۋكەت، كۈچ بەرگەيسىلەر!» ــ بۇ سىرلىق سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەنىسى چوقۇم شۇكى، خۇدانىڭ خەلقى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغاچقا، شۇنداقلا مەدھىيە ئوقۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى (شۇنداقلا ئۆز شان-شەرىپىنى) كۆرسىتىشىگە شارائىت بېرىدۇ.
◘29:1 زەب. 96:7، 8
◘29:3 مىس. 9:23
◼29:6 «سىرىئون تېغى» ــ لىۋاننىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى، يەنە بىر نامى «ھەرمون».
◼29:7 «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چاقماقلارنىڭ يالقۇنلىرىنى شاخلىتىۋېتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ئوت يالقۇنلىرىنى يىرتىۋېتىدۇ». بىراق ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، چاقماقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
◼29:8 «پەرۋەردىگار قەدەشتىكى چۆل-جەزىرىنى زىلزىلىگە سالىدۇ» ــ «لىۋان تاغلىرى» (6-ئايەت) ــ قانائان (پەلەستىن)نىڭ شىمال تەرىپى، «قەدەشتىكى چۆل-جەزىرە» ئۇنىڭ جەنۇبىي تەرىپى.
◼29:9 «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى دۇب دەرەخلىرىنى ھەريان تولغىتىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ماراللارغا ئوغلاقلارنى تۇغدۇرغۇزىدۇ».
◼29:10 «پەرۋەردىگار توپان ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئولتۇرىدۇ» ــ «توپان» بەلكىم نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپاننى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەردە كۆچمە مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.