◼34:1 « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».
◘34:1 1سام. 21:13
◼34:7 ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).
◘34:10 ئايۇپ 4:11
◘34:12 1پېت. 3:10
◼34:14 «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».
◘34:15 ئايۇپ 36:7؛ زەب. 33:18؛ 1پېت. 3:12
◼34:18 «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
◘34:18 2تىم. 3:11
◘34:19 2تىم. 3:12
◘34:20 يـۇھ. 19:36
◼34:22 «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.