37
37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي 
  1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ  
   
 |א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە،  
ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. 
◘    2 چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ،  
يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.   
 3 |ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل،  
زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. 
◼    4 «پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن،  
ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.   
 5 |ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛  
ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم 
تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ. 
◘    6 |ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك،  
ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.   
 7 |ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛  
ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن،  
يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.   
 8 |ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت،  
ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛  
ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.   
 9 چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛  
پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا،  
زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.   
 10 |ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛  
ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.   
 11 بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ،  
ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. 
◘    12 |ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛  
ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛   
 13 لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛  
چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.   
 14 |ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن،  
يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن،  
رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ،  
ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.   
 15 لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ،  
ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.   
 16 |ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»،  
كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.   
 17 چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛  
لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛   
 18 |י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛  
ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.   
 19 ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛  
قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.   
 20 |כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛  
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛  
ئۇلار تۈگەيدۇ؛  
ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. 
◼    21 |ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛  
ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛   
 22 چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،  
بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛   
 23 |מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛  
رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. 
◼     24 ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛  
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.   
 25 |נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛  
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى،  
ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛   
 26 ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛  
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.   
 27 |ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار،  
مەڭگۈ ياشايسىلەر!   
 28 چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ،  
ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛  
ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛  
|ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.   
 29 ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ،  
ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.   
 30 |פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛  
ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛   
 31 قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ؛  
ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. 
◼  ◘    32 |צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛  
ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.   
 33 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛  
ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.   
 34 |ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت،  
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛  
ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ،  
رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا،  
سەن بۇنى كۆرىسەن.   
 35 |ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم،  
ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. 
◼    36 بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى،  
مانا، ئۇ يوق بولدى؛  
مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.   
 37 |ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال،  
دۇرۇس ئىنسانغا قارا!  
چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.   
 38 ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛  
ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛   
 39 |ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛  
ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.   
 40 پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛  
ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛  
چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.