43
43-كۈي •••• سەرگەرداننىڭ دۇئاسى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ 
  1 ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن،  
دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛  
مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. ◼«ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ.   
 2 چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛  
نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟  
نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ،  
ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرۈۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. ◘زەب. 35:11-17؛ 38:6؛ 42:10   
 3 ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن،  
ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي!  
مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا،  
ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! ◼«ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!».   
 4 شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي،  
يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛  
بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم!   
 5 ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟  
نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟  
خۇداغا ئۈمىد باغلا!  
چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن،  
يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! ◼«چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».  ◘زەب. 42:5،11   
◼43:1 «ئىزاھات» ــ كۆپ ئالىملار 42- ھەم 43-كۈي ئەسلىدە بىر كۈي ئىدى، دەپ قارايدۇ.
◘43:2 زەب. 35:11-17؛ 38:6؛ 42:10
◼43:3 «ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماكانلىرىڭغا ئېلىپ كەلگەي!».
◼43:5 «چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇنىڭ جامالىدىن چىققان نىجاتلىق بىلەن، مەن ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغلايمەن، مېنىڭ خۇدايىم!».
◘43:5 زەب. 42:5،11